• نوزۇگۇم!   
     سېنى چاقىرسام 
     قومۇشلار تىترەپ كەتتى،  
     يالا ڭئاياق پۇتلىرىمغا تېكەن پاتتى.  
     سەن يېنىمغا كەلدىڭ،   
     قولۇڭدىكى پىچاقنى قولۇمغا بەردىڭ .  
     چۇۋۇلغان چاچلىرىمىز،   
     يىرتىلغان كۆينىكىمىز....   
     سوغۇق شامالدا يەلپۈندى.
     كۆزلىرىمىز يىراقلارغا تەلپۈندى.  

  •    «سىز بۇ كېچە تەنھا ئەمەس».«سالام غۇلجا»،«سۈھبەت ۋە مۇلاھىزە».«ئائىلە»،«بىز كېشىلەر ئارىسىدا» .... قاتارلىق نادىر رادىئو پروگراممىلىرى بىلەن ئىلى خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ 3 خىل تىلدىكى تۈت يۈرۈش ئاڭلىتىشى يېقىندا توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشقا باشلىدى . بۇ دىيارىمىزدىكى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسى توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى يەنە بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك رادىئو ئىستانسىنىڭ توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمدى سىزمۇ ھىچقانداق رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدىكى نادىر پروگراممىلاردىن توردا تۇرۇپ زوق ئالالايسىز. قىنى كېرىپ ئاڭلاپ بىقىڭ. پات يېقىندا ئىلى تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىلىرىنىمۇ توردىن كۆرەلىشىڭىز مۈمكىن.

  •   ئايخان تۇردى (1882-1942-يىلى ) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دىگەن كېشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ،شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كېشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر.

  • ئىلى رايۇنى دېڭىز يۈزىدىن 640~1900 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئاننىڭ 80 گرادۇستىن 85 گرادۇسغىچە، شىمالىي پاراللېلنىڭ 42~45گرادۇسغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. ئىلى رايۇنىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ شىمال، جەنۇب شەرق تەرەپلىرى ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. غەرب تەرىپى سىبىرىيىگە مەيدىسىنى ئېچىۋەتكەن. ئىلنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان بۇ تاغلار قىش كۈنلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق ئېقىمىنى، ياز كۈنلىرى تارىم ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى توساپ تۇرىدۇ. غەرب—سىبىرىيە تەرەپتىن كېلىدىغان مۆتىدىل، نەم ھاۋا ئېقىمى بۇ رايۇنغا ھېچ توسالغۇسىز كىرىپ، مول يامغۇر–يېشىن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايۇندا مۆتىدىل ۋە نەمخۇش ھاۋا كىلىماتى شەكىللەنگەن.

    ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئاساسەن نەم ھاۋاغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ ھاۋا كىلىماتىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىنى ۋە بۇ پەسىللەردە پەيدا بولىدىغان پەيدا بولىدىغان كېسەللىكەرنى چۈشىنىپ، سالامەتلىكنى ئاسراش زۆرۈر. ئىلىدا تۆت پەسىل روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. پەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدۇ. كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىسى سالقىن، يامغۇر–يېشىن كۆپ بولىدۇ. قىشتا سوغۇقنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ.

  •  
         ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك - زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات - سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.
           تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19 -ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862 - يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).
      1882 - يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 1900 دىن ئارتۇق تاتار بولۇپ، ئۇلار غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، قورغاس، نىلقا، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تارقالغان. تاتارلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە غۇلجا شەھىرىدىن قالسا چۆچەك 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار مەرىپەت سۆيگۈچى خەلق ھېسابلىنىدۇ.

  •     تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋادىسىدا ئەڭ بۇرۇن ساكلار ياشىغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە»دە: «توخرىلار ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇلار غەربكە ساك پادىشاھىغا زەربە بەردى. ساك پادىشاھى جەنۇبقا قاراپ يىراق تامان كۆچتى. توخرىلار ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ماكانلاشتى» دېيىلگەن. بۇ ۋەقە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي (مىلادىدىن بۇرۇنقى 160–161–يىللار) ھونلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇيسۇنلار توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىلى ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە بۇ جاينى ئىگىلەپ تارىختىكى «ئۇيسۇن دۆلىتى»نى قۇرغان («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). ئۇيسۇنلار ئەسلىدە خېشى رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ھازىرقى ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، تېلىلار ئىلى رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىشكە باشلىغان. مىلادى 552–يىلى تۈركلەر باش كۆتۈرۈپ، سەركەردىسى تۈمەننىڭ باشچىلىقىدا جورجانلارنى يوقاتتى ۋە ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «تۈرك خانلىقى»نى قۇردى. تۈمەننىڭ ئىنىسى ئىستەمى قول ئاستىدىكى تۈرك قەبىلىلىرىنى باشلاپ ئۇيسۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسى بويىغا ئوردا سالدۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. بۇ خانلىق تارىختا غەربىي تۈركلەر دەپ ئاتالدى («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە).

  • زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    جاپانى چەكمىگەن ئادەم (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    مەن باغىڭغا كىرمەسمەن،

    ئانارىڭنى ئۈزمەسمەن.

    ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە

    نادان بىلەن يۈرمەسمەن.

  •  سەنەم–ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ ناخشا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپ، مىلودىيىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە لېرىكىلىقى، ئاھاڭلىرىنىڭ بىر–بىرىگە ئۇلىنىپ بىر–بىرىگە يۈرۈشلىشىشى، رېتىم–ئۇدارلىرىنىڭ بالداقمۇ–بالداق شوخلىشىپ بېرىشى قاتارلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە جارى قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپلا قالماستىن، سورۇن ئەھلىنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىشىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. «ئىلى سەنىمى» ۋىسال تەشنالىقى بىلەن ھىجران قايغۇلىرى يامراپ تۇرغان مۇھەببەت قوشاقلىرى ۋە ئۇلارغا ماسلاشقان ئاھاڭلارنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن شوخ ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشكەن نامايەندىسىدۇر. ئۇ ئۆز ئىچىدە ئىككى يۈرۈشكە ئايرىلغان 24 ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇللۇق ناخشىدىن تەركىب تاپقان. ھەربىر يۈرۈشى ئىچىدىكى ئاھاڭ ۋە تېكسىت ئۆزگىرىشلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل شەكلىنى يارىتىش ئارقىلىق سەنەم قۇرۇلمىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنى نامايەن قىلدى. «ئىلى ئون ئىككى مۇقامى»دا «چەبىيات» ۋە «مۇشاۋرەك»تىن ئىبارەت ئىككى مۇقامدىلا سەنەم بار. چەبىيات مۇقامىغا كىرگۈزۈلگەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سەنەم ناخشىلىرى 12 ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپقان.

  • ھەر كۈنى توي بولىدۇ، ھەممە يەردە توي بولىدۇ. لىكىن غۇلجىدا توي دەريا بويىدا بولىدۇ.
      ئىلگىرى، غۇلجىدا ياشلار توي قىلسا دەريا بويىغا بىرىپ توي قىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ باشتا سەل غەلىتە تۇيۇلدى. چۈنكى ئادەتتە توي رىستۇران، ئۆيلەردە بولىدۇ-دە.كېيىن ئىلى ياشلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىلى كۆۋرۈكىگە بىرىپ توي قىلىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە، غۇلجىلىقلارنىڭ بۇ روھىغا ئاپىرىن ئېيتقۇم كەلدى،شۇنداقلا شۇ دەريا بويلىرىغا بىرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم كەلدى. 3يىل ئىلگىرى يازدا ساياھەت قىلىپ غۇلجىغا بارغىنىمدا بىرقانچە ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە بىرىپ كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم. بۇ قېتىم بارغىنىمدا كونا كۆۋرۈك رىمونت قىلىنىۋاتقاچقا،ئۇ يەرگە بارغىلى بولمىدى. ئۇنداقتا ئىلى ياشلىرى ھازىرمۇ ئىلى دەريا بويلىرىغا بىرىپ توي قىلارمۇ؟
        بىر كۈنى قازاق خەلقىنىڭ داڭلىق خەلق سەنئەتكارى بۇبۇمەرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چاپچال ناھېيىسىگە باردۇق.غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كەتكىچە خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى. شەھەرگە قايتىش يولىدا يېڭى سېلىنغان ئىلى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ قالدۇق.ئالدىمىزدا توپ-توپ ياشلار گارمون چىلىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇلار يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنى ئورىۋىلىشقان ئىدى. بۇ تاسادىپى ئۇچرىشىشتىن ماشىنىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھاياجانلاشتى ۋە تېزدىن ماشىنىدىن چۈشۈپ سۈرەتكە ئىلىشتى.ئۇلار بېيجىڭدىن كەلگەچكە ئۇيغۇرلارنىڭ تويىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، بۇنداق دەريا بويىدا بولغان تويغا تېخىمۇ ھەيران قىلىشتى. كېيىن ئۇلار مەندىن ياشلار نىمە ئۈچۈن دەريا بويىغا بېرىپ توي قىلىدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ئىلى دەرياسى ئىلى خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى، ئىلى خەلقى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان،شۇڭا ئۇلار بۇ ئانا دەرياغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى مۇشۇ دەريا بويىغا كىلىپ ئۆتكۈزىدۇ،دەپ جاۋاپ بەردىم.ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىلى خەلقىنىڭ بۇ روھىغا ئاپىرىن ئېيتتى، ھەمدە بۇنداق توي دۇنيادىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك توي، دىيىشتى.

  • ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ قېچىش ئادىتى ھېلىمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بار ئىكەن . ياش ئانىلار ئۆز ئوغۇلىرىنى ئەركىلەتكەندە »ئوغلۇم چوڭ بولغاندا قىز ئېلىپ قېچىپ كەلگىن جۇمۇ !-دەپ ئەركىلىتىدىكەن . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ قاچالىغان يىگىت مەرد غۇرۇرلۇق يىگىت سانىلىپ ياشلار ئارىسىدا ھۆرمەتلەنگەن .ئەمما قەشقەر، ھوتەن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا قىزنى ئېلىپ قېچىش ئادىتى يوق ئىكەن.

  • ئىلى رايونى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بىرى،بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تولۇق ساقلاپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەردانە قەيسەر ئىرادىسى ،جاراڭلىق ناخشىلىرى، خۇشخۇي يۇمۇرىستىك خاراكتېرى، مېھماندوستلۇقى، گەپدانلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا شۆھرەتلىك ئورۇڭھا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى «تارانچىلار» دەپ ئاتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى قاتارلىق جايلىرىغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان.

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ "تارانچى"دېگەن نامى ھەققىدە يېقىنقى زامان تارىخىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشى،ئۆزلىرىگە قوشنا ئەل رۇسىيىگە يېقىن بولۇش،ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۆزبېك، تاتار،قاساق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىگە خاس بولغان يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

  • 1864- يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇپ بولىشى تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلىبى پارتىلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا- ئارقىدىن پارتىلايدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى ، ئىقتىسادىي كرزىسكە دۇچ كېلىدۇ .

  • مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى ، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ( 1897 - 1948 ) نىڭ " ئىلى تارىخى " ( " تارانچى تارىخى ") ناملىق ئەسىرى ئىلى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ، ئۇيغۇر مۇئەررىخلەر يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى . بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ( 5 - قىسمى ) چارروسىيە ئىلىنى ئون يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامەن بويىچە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇنگان ( خۇيزۇ ) لارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ . ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى بىزنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بېشىدا بولۇپ ئۆتكەن " كۆچ - كۆچ " دەپ ئاتالغان بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ جەريانى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . تەزكىرە خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، " ئىلى تارىخى " دىگەن ئەسەرنىڭ مۇشۇ قىسمىنى ژورنىلىمىزدا قىسقارتىپ بەردۇق . ئەسەر ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابدۈشۈكۈر ئىمىنجان ساقلاپ كەلگەن " ئىلى تارىخىنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى . ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى نەزەردە تۇتۇلۇپ بەزى سۆز ئىبارىلەر ئەينەن ساقلاپ قېلىندى .
  • ئىلى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، كەڭ كەتكەن يېشىل ۋادا بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مول سۇ بايلىقى، ئىقلىم بايلىقى، كان بايلىقى، مال–چارۋا بايلىقى، ئورمان بايلىقى ۋە ساياھەت بايلىقلىرى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق بولغان تولىمۇ گۈزەل زېمىن. شۇڭا ئۇنىڭ «چېگرا سىرتىدىكى جياڭنەن» دېگەن نامى بار. بۇ گۈزەل زېمىننىڭ نامى «ئىلى» ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تالاش–تارتىشلار ناھايىتى كۆپ. چەت ئەل تارىخچىلىرى بولسۇن، جۇڭگو تارىخچىلىرى بولسۇن، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتمەكچىمەن.
  • ئۇستاز ئەزىم موللا بىننى باقى ئوغلى: ئەزىم موللا بىننى باقى (ھېزىم موللا) ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىلىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى سەنئەت كۇرژۇكلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ تەشكىلاتلىق ۋە ئۇستازلىق رولىنى ئويناپ، ئىلى رايونىدىكى سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان پېشقەدەملىرىمىزنىڭ بىرى.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :