• 2008-10-30

    ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە سالامەتلىك - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

    ئىلى رايۇنى دېڭىز يۈزىدىن 640~1900 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئاننىڭ80 گرادۇستىن 85 گرادۇسغىچە، شىمالىي پاراللېلنىڭ 42~45گرادۇسغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. ئىلى رايۇنىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ شىمال، جەنۇب شەرق تەرەپلىرى ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. غەرب تەرىپى سىبىرىيىگە مەيدىسىنى ئېچىۋەتكەن. ئىلنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان بۇ تاغلار قىش كۈنلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق ئېقىمىنى، ياز كۈنلىرى تارىم ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى توساپ تۇرىدۇ. غەرب—سىبىرىيە تەرەپتىن كېلىدىغان مۆتىدىل، نەم ھاۋا ئېقىمى بۇ رايۇنغا ھېچ توسالغۇسىز كىرىپ، مول يامغۇر–يېشىن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايۇندا مۆتىدىل ۋە نەمخۇش ھاۋا كىلىماتى شەكىللەنگەن.

    ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئاساسەن نەم ھاۋاغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ ھاۋا كىلىماتىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىنى ۋە بۇ پەسىللەردە پەيدا بولىدىغان پەيدا بولىدىغان كېسەللىكەرنى چۈشىنىپ، سالامەتلىكنى ئاسراش زۆرۈر. ئىلىدا تۆت پەسىل روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. پەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدۇ. كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىسى سالقىن، يامغۇر–يېشىن كۆپ بولىدۇ. قىشتا سوغۇقنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ.

    ئىنسانلار ھەر پەسىلنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ماسلاشقان ھالدا كىيىنىش، ئوزۇقلىنش كېرەك. ئىنسان ھاۋا مۇھىتىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ھاۋا كىلىماتىدىكى ئازراقلا ئۆزگىرىش شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەدىنىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ.

    يازنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرۇق–ئىسسىق بولىدۇ. يازنىڭ ئىسسىق ھاۋاسىدا ئىچ سۈرۈش، قان تولغاق، كېزىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى يازدا كۆپرەك بېرىدۇ. شۇڭا، ياز پەسلىدە مايلىق، بەك ئىسسىق،يۇقىرى كالورىيىلىك تائاملارنى يېمەسلىك، شۇنىڭدەك ھەر قانداق يېمەكلىكنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ پەسىلدە سوغۇققا مايىل، تازىلىقى ياخشى تائاملارنى ۋە مېۋە–چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

    يازدا ئىسسىق ئۆتۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەرقى كاسىنە،ئەرقى سەندەل، ئەرقى لىمۇن، ئەرقى دارچىنغا ئوخشاش دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ تۇرغان پايدىلىق.

    ئەتىيازنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. بۇ پەسىلدىكى ھاۋا ئۆزگىرىشلىرىدە قىزىل، كۆكيۆتەل، يۇقۇملۇق مېڭە پەردە ياللۇغى، جىگەر كېسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

    قىش پەسىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، سوغۇق ھاۋادا يۇقىرى نەپەس يوللىرىنىڭ كېسەللىكلىرى يەنى زۇكام، نەزلە، ھەرخىل ئۆپكە ئاغرىقلىرى، شاخ كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئۆپكە توبېركۇليوزى قاتارلىق كېسەللىكلەر، بەزى چاغلاردا بۇ كېسەللەردىن سىرىت، بۆرەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قىشتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. كۈز پەسىلنىڭ ھاۋا كىلىماتى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. شۇڭا، ھەر پەسىلدە شۇ پەسىلنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ماسلاشقان ھالدا كۈتۈنۈش،كىيىنىش ۋە ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا سالامەتلىكنى ئاسراپ، ساغلام بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    بىزنىڭ ئاتا–بوۋىلىرىمىز قەدىمىي زامانلاردىن تارتىپلا بۇ جەھەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ھەر بىر پەسىلدە ئۆزىگە خاس يېمەك– ئىچمەك، كىيىنىش جەھەتلەردە ئۆزىنى كۈتۈشتىن سىرىت، ئاشۇ نەرسىلەر بىلەن ئۆز–ئۆزىنى داۋالاشنى بىلگەن. مەسلەن: قان بېسىم، قان قويۇلۇش، پالەچ، نېرۋا ئاجىزلىق، قان قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلىرىنى قىمىز، بوزا، قېتىق قاتارلىقلارنى ئىچىش ئارقىلىق داۋالىغان. ئاتا–بوۋىلىرىمىز ئىنسانغا بۆرەك خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بىلىپ، بەلنى ئىسسىق ساقلاشنى يەنى بېلىگە پوتا، بەلۋاغ باغلاشنى، ئانىلىرىمىز يانپاشنى ئىسسىق تۇتۇشنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر ئۆمۈر دوختۇرغا كۆرۈنمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

    بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ تەن–ساغلاملىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بەزى ياشلارنىڭ 30~40 ياشقا بارماي تۇرۇپلا، دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان، بەل–پۇتى تېلپ ئاغرىيدىغان، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان، ھەتتا مۈكچىيىپ ماڭىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئادەمنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ھەر پەسىلنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشىپ كىينىش، ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەي تەبىئەت قانۇنيىتىگە قارشى بولغانلىقىدا. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدىمۇ بەزى يىگىتلەر قېلىن كىينمەي، بېشىنى ئىسسىق تۇتماي، پارقىرىتىۋالغان شىبلىتلىرى بىلەن ‹‹تاراقلاپ›› يۈرىدۇ–دە، نەتىجىدە بۆرىكىگە، بوغۇم–بوغۇملىرىغا سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بۇ زەھەرلىك سوغۇق ئەينى ۋاقىتتا تەسىر قىلمىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۆڭەك–سۆڭەكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.

    يازنىڭ پىژغىرىن ئىسسىق كۈنلىرىدە بولسا، بۇ ياشلار ئاتا–بوۋىلىرىمىزدەك قىمىز، بوزا، قېتىق ... لارنى ئىچىشنىڭ ئورنىغا، ئاچچىق ھاراق ۋە پىۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. ھەتتا بەزى ياشلار چوڭچىلىق قىلىپ، بەسلىشىپ، ئابرۇي تالىشىپ ئىچىش ئارقىلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە سۇ چۈشۈش، بۆرەك قۇرۇش، بۆرەك ماي قاتلىمى ئۈپراپ كېتىش، ھەتتا بۆرەك سېسىش كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇپ، جىنسى قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ ياكى يوقاپ كېتىپ، بىر ئۆمۈر پۈشايماندا قالىدۇ.

    ئەمدى خانىم–قىزلارغا كەلسەك‹‹مودا››قوغلىشىپ، ئاتا–ئانىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيمەي، بىزنىڭ ئۆرپ–ئادىتىمىزگە ياد بولغان، تار، قىسقا، بوغماق يىلاندەك يالاڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئاقىۋەتتە ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى، يەنى بالياتقۇنىڭ ھەرخىل جاراھەتلىرى، جىنسى يول ياللۇغلىرى ۋە ھەرخىل تۇرۇبا يوللىرى ئۆسمىلىرى تېنىدە پەيدا بولۇش بىلەن نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئېچىنىشلىق ئازابلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بەزى ياش قىزلار ‹‹مودا ›› دەپ ناھايىتى تار، ھەممە يېرىنى قاتتىق سىقىپ تۇرىدىغان‹‹ئۈچەي ئىشتان››لارنى كىيىپ ماڭغاندا جىنسى ئەزا ئەتراپىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان ھەرخىل ئاجرالما ماددىلار ۋاقتىدا تازىلىنىپ كەتمىگەچكە، ئاسانلا جىنسى يول ياللۇغى پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئېغىر جىنسى يول يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق داۋالاش قىيىن بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان قىز توي قىلغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرەلمەي، تۇرمۇشتا بەخىتسز، بىچارە بولۇپ قالىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قىزلارمۇ خۇددى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن يىگىتلەردەك قىش كۈنلىرى قېلىن كىينمەي، بولۇپمۇ باش، بەل پۇتلىرىنى ئىسسىق تۇتماي، نەتىجىدە بۆرىكىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپمۇ توي قىلغاندىن كېيىن قاتتىق پۇشايماندا قالىدۇ.

    ئىلى رايۇنىنىڭ ھاۋا كىلىماتى سوغۇق ھەم نەم بولغانلىقى ئۈچۈن قىش كۈنلىرى مۇنداق يالاڭ يۈرۈش ئاسانلا رېماتىزىم كېسىلىنى پەيدا قىلىپ قىلىدۇ

    رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى بوغۇملار سىقىراپ ئاغرىشقا باشلايدۇ. ئېغىرلىرى ھەتتا ئورنىدا يېتىپمۇ قالىدۇ. بولۇپمۇ ياشلار سوغۇق كۈنلىرى يېلىڭ كىيىملەر بىلەن سىرتتا بىر نەچچە سائەتلەپ يۈرىدۇ. مانا بۇ رېماتىزىم كېسىلىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئاساسى سەۋەب. شۇڭا، رېماتىزىم كېسىلىگە گېرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىش كۈنلىرى ۋە باشىقا پەسىللەرنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش كېرەك. ئەگەر رېماتىزىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارىلىدىكەن، رېماتىزىم ئېلىپ كەلگەن قوشۇمچە كېسەللىكلەر ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ

    ھەر پەسىلدە ئۆزىگە يارىشا كىيىنىش بىلەن بىللە، ئوزۇقلىنىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ھازىرقى ئوزۇقلۇقلىرىمىزدا خىمىيۋى ماددىلار كۆپ بولغاچقا، بۇ ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەننى زەھەرلەپ قويۇشى بىر قەدەر ئاسان. بولۇپمۇ بۇ خىمىيۋى ماددىلارئىچكى ئەزالارنى زەھەرلەش بىلەن بىرلىكتە سۆڭەكلەرنى چىرىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، بىرەر يەردە يىقىلىپ چۈشسىلا، پۇت–قوللىرى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغان ھادىسىلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

    سالامەتلىك ئوزۇقلىنىشقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئوزۇقلانغاندا قايسى ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە پايدىسى بار، قايسى ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە زىيىنى بارلىقىنى ئوبدان ئايرىپ، ئەقلىمىزنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئەتراپلىق ئويلىشىپ ئوزۇقلىنىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ خىمىيۋى ماددىلار كۆپ ئوزۇقلۇقلارنى ئوزۇقلىنىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك. دېمەك، ئىنسان تەبىئەت قانۇنىيىتى بىلەن ماسلىشىپ ياشىشى، ھەرگىز ئۇنىڭغا ‹‹نوچىلىق ›› قىلماسلىقى، ئۆز بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى دائىم ساقلاپ، كۆتۈنۈشنى بىلىشى كېرەك. ئىلى رايۇنىدا ياشاۋاتقانلارغا نىسبەتەن ھاۋا كىلىماتىنىڭ پەسىللەردىكى ئوچۇق ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئاتا–بوۋىلىرىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا تەن–سالامەتلىكنى ئاسراش جەھەتلەردىكى مول تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشى ۋە شۇ بويىچە سالامەتلىكىنى ئاسرىشى لازىم. بولۇپمۇ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئاتىسى ۋە ئانىسى بولغان ھازىرقى ياشلارمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنى ساغلام، روھلۇق، زېرەك تەربىيىلەپ، مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىناق ئائىلە، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    پۈتۈك مەنبىئى: «ئىلى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە ئائىلىلەردە ئۆزىنى ئۆزى داۋاش رېتسېپلىرى» كىتابىنىڭ 15 –بېتىدىن ئېلىندى. ئاپتورى: رىشات ئابلەت، ئابلەت ئابدۇللا





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ