• 2011-04-29

    ناۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە - [مەشھورلىرىمىز]

    تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىزامۇددىن ئەلىشىر 1441- يىلى ھىرات (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ)  تا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى غىياسۇددىن بارلاس خوراسان ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمۇ تىمۇرلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. ئەلىشىر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

    ئەلىشىر دەسلەپتە ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئەبۇلقاسىمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تەلىم –تەربىيە كۆرىدۇ. كېيىنچە ئەبۇلقاسىم بىلەن بىرلىكتە مەشھەتكە كېتىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇلتان ئەبۇلقاسىم ۋە ئاتىسى بارلاس ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەلىشىرنى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىدۇ ۋە ئەبۇ سەئىد مىرزانىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. ھۇسەيىن بايقارا 1469- يىلى سۇلتان بولغاندىن كېيىن ئەلىشىرنى سارايدا مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

    بىر مۇددەت سەمەرقەنتتە تۇرغان ئەلىشىر، ئۇ يەردە كۆپلىگەن شائىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. سەمەرقەنتتە تۇرغان ئەسنادا سەمەرقەنت ۋالىيسى ۋە باشقا ئەربابلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

    1472- يىلى ۋەزىرلىك مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن ئەلىشىرگە «ئەمىرۇلمۇقەررىب» ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. 1476- يىلى ۋەزىرلىكتىن ئايرىلغان ئەلىشىر، 1487- يىلى ئاسترابادقا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. مەشھۇر شائىر 1501- يىلى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.

    .................................................................................

    بالىلىق ياشلىرىدىلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئەلىشىر، فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» (قوشلار تىلى) ناملىق ئەسىرى، شۇنداقلا قابۇلى ۋە غەرىبىگە ئوخشاش شائىرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەلىشىر تۈركچە يازغان شېئىرلىرىدا «ناۋايى»، پارىسچە يازغان شېئىرلىرىدا «فانى» تەخەللۇسىنى قوللىنىدۇ.

    ئەلىشىر ناۋايى ھەم كۈچلۈك ۋە مول –ھۇسۇللۇق بىر سەنئەتكار بولۇپ، ئۇ شەرقنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ناھايىتى پىششىق ئۆگىنىدۇ، تۈرك ئەدەبىياتىنى دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى مەرۋايىتلارغا ئوخشاتقان ئانا تىلىنىڭ بەدىئىيلىكلىرى بىلەن يۈكسەك پەللىلەرگە كۆتىرىدۇ.

    ئەرەب ۋە پارىس مەنبەلىك «لەيلى - مەجنۇن»، «خۇسرەۋى شىرىن» غا ئوخشاش ئىشقى –مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى تۈركلەرنىڭ رۇھ دۇنياسىدىكى زوقلارنى ئىلاۋە قىلىش ئارقىلىق ئەبەدىيلەشتۈرىدۇ. ئۇ ھاياتىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى ئەدەبىيات بىلەن يۇغۇرغان ۋە ئىستىتىك زوقلىنىشنى پۈتۈن دۇنياغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان بىر سۆز خەزىنىسىدۇر.

    ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرىدە تۈرك رۇھىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىرىنى تامامەن تۈرك قەھرىمانىغا ئايلاندۇرىدۇ. تۈركچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈرك تىلىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ياشىغان دەۋردە پارسچە شېئىر يېزىش مودىغا ئايلانغان بولۇپ، ناۋايى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تۈركچىنىڭ شېئىر تىلى بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، تۈرك تىلىنىڭ پارسچىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. خوراساندا ئاچقان سەنئەت مەركىزى بىلەن پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا نام –شۆھرىتى چىقىدۇ. ئەسەرلىرى ئانادولۇ، رۇمئەلى، قىرىم، ئەزەربەيجان، ئىران، ئىراق ۋە ھىندىستان تۈركلىرى ئارىسىدا ئەسىرلەر بويىچە سۆيۈپ ئوقۇلىدۇ.

    ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ ئارىسىدا تۈركچىنىڭ پارىسچىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ باي، تېخىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن يازغان «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەدەبىياتىمىز شاھىتلىق قىلغان تۇنجى بۈيۈك تۈرك مىللىيەتچىلىرى بىلگە قاغان، مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە ئەلىشىر ناۋايىدۇر.

    ناۋايىنىڭ مەقسىتى تۈركلەرنى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ تۈركلەرنى بىرلا رۇھ بايرىقى ئاستىغا توپلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جاھاندا تۈرك ئەدەبىياتى بايرىقىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تۈركلەرنى بىر مىللەتكە ئايلاندۇردۇم. پەقەت قوشۇنۇم بولمىسىمۇ، جۇڭگو چېگرىسى ۋە تەبرىزگىچە بولغان بارلىق تۈرك ۋە تۈركمەن يۇرتلىرىنى پەقەت دىۋانىمنى يوللاش ئارقىلىقلا پەتھى قىلدىم.» دەرۋەقە، چاغاتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن دۆلەتلەردە ئىستىمال قىلىنىدىغان چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ «ناۋايى تىلى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىزدەش لازىم.

    تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» دىن ئارىيە سۇنىمىز.

    «تۈركچىدە ئىنچىكىلىكلەر كۆپتۇر، بۈگۈنگە قەدەر ھېچكىم ھەقىقىي رەۋىشتە ئويلانمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ نۇقتا مەخپى قالغان. تۈركنىڭ مەلۇماتسىز، بىچارە ياشلىرى گۈزەل ھېسابلاپ پارسچە شېئىر ئېيتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنسان ئەگەر ياخشى ئويلىنىدىغان بولسا، تۈركچىدە بۇنچىلىك بىپايان ۋە چەكسىزلىك بار ئىكەن، بۇ تىلدا شېئىر ئېيتىشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئاسان بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.»

    «تۈرك تىلىنىڭ يىتۈكلۈكى بۇ خىل دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن خەلق ئارىسىدا يېتىشكەن شائىرلار، ئۆزىنىڭ تىلى تۇرۇپ يات تىلدا شېئىر ئېيتماسىلىقى لازىم. ئەگەر ئىككى تىلدا ئېيتىش قابىلىيەتلىرى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا تېخىمۇ كۆپ ئېيتىشلىرى كېرەك.»

    «تۈركچىنىڭ مەيلى تېمىلاردا، مەيلى سۆزلىنىشىدە پارسچىدىن بۇ دەرىجىدە ئۈستۈن، يۈكسەك ۋە چوڭقۇر ئىكەنلىكىنىڭ بەس –مۇنازىرىسىز ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلمەيتتى. بۇ تەرەپ يېپىق، سايىدا قالغانىدى؛ بەلكىدە تاشلىنىپ ئونۇتۇلۇش ئالدىدا ئىدى.

    ياشلىقىمنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا شېئىرغا، ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىشقا باشلىغانىدىم. توغۇلۇشۇمدىنلا بىر قاتار نۇرلارنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. بۇ يولدا بىر نەرسە يېزىشقا تۇتۇش قىلغاندا، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك ئەنئەنىلەردىن ياقامنى قۇتقۇزالمىغانلىقىم ئۈچۈن پارسچە يازغانىدىم. بىر قەدەر ياخشى ئويلىنىشقا باشلىغان چېغىمدا، ئۇلۇغ تەڭرى كۆڭلۈمگە خاسلىق ۋە نازۇكلۇق سۆيگۈسىنى تولدۇردى.

    تۈركلەر پارسلاردىن ئەقىللىق، ئاڭلىق، ساپ ۋە پاكىز مەخلۇقاتلاردىندۇر. پارىسمۇ ئەقىل ۋە ئىلىمدە تۈرككە قارىغاندا نازۇك، كامالەت ۋە پەزىلەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر چىقتى. بۇ ھال، تۈركلەرنىڭ دۇرۇس، ساپ ۋە پاكىز نىيەتلىرىدىن، پارسلارنىڭمۇ ئىلىم، پەن ۋە ھىكمەتلىرىدىن مەلۇمدۇر. لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ تىللىرىدا تاكامۇللۇق ۋە يېتەرسىزلىك جەھەتتىن بۈيۈك پەرقلەر باردۇر. مەسىلەن گۈزەل سۆز ۋە شېئىردا تۈرك پارستىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

    يەنە تۈركنىڭ پارستىن تېخىمۇ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىنمۇ ئوچۇق دەلىل ۋە بۇنىڭدىن روشەن شاھىت بارمىدۇركى، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ياش –قېرى، يەتتىسىدىن يەتمىشىگە ھەممىسى، ئارىلىرىدا ھايات شەكلى ئوخشاش بولسىمۇ، پارسلاردا ئىلىم، ئەقىل ئەربابى كۆپتۇر. تۈركلەردىمۇ پېقىر، ساپ ۋە پاكىزە كىشىلەر كۆپرەكتۇر. مۇشۇنداق بولۇش بىلەن بىرلىكتە، چوڭلىرىدىن كىچىكلىرىگە ۋە قۇللىرىدىن بەگلىرىگە قەدەر ھەممىسى پارس تىلىنى بىلىدۇ.

    تۈرك شائىرلىرى پارسچە تۈرلۈك شېئىرلار، گۈزەل سۆزلەرنى يارىتىدۇ. لېكىن پارسلارنىڭ ئەڭ تۆۋەندىكىسىدىن يۇقىرىسىغىچە، ئاۋاملىرىدىن شەرەپلىكلىرىگە قەدەر ھېچبىرى تۈركچە سۆزلىيەلمەيدۇ، قىلىنىۋاتقان سۆزنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ. يۈزدە، بەلكى مىڭدا بىرى بۇ تىلنى ئۆگىنىپ سۆزلىسىمۇ، سۆزلىگىنىنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ پارس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. تۈركنىڭ يارىتىلىشتا پارستىن ئۈستۈن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىگە بۇنىڭدىنمۇ ئۆتكۈر شاھىت يوقتۇر. ھېچكىم بۇ سۆزۈمنىڭ ئالدىدا پۈت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

    يارىتىلىشىم ئاددىدىن ۋە ئاددىيلىقتىن قېچىشقا، ياخشىنى ۋە گۈزەللىكنى سۆيۈشكە بۇيرۇماقتا ئىدى. ئۇ زامان ئانا تىلىم ئۈستىدە ئويلىنىشقا بېرىلدىم. تۈركچىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنچە كۆزلىرىمگە ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىن تېخىمۇ يۈكسەك بىر ئالەم كۆرۈندى. بۇ ئالەمنىڭ زىننەتلەر، بىزەكلەر ئىچىدىكى تاكامۇللاشقان ئاسمىنى توققۇز ئاسماندىنمۇ ئۈستۈن ئىدى. بۇ پەزىلەتلەر، ئۇلۇغلۇقلار خەزىنىسىنىڭ مەرۋايىتلىرى يۇلتۇزلاردىنمۇ پارلاق ئىدى. بۇ ئالەمنىڭ باغچىلىرىغا كىردىم؛ گۈللىرى قوياشلار مىسالى ئىدى. ھەر تەرىپىدە كۆزلەرنى كۆرمىدۇق، قول –پۇت تەگمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. لېكىن بۇ تىلسىمنىڭ يىلانلىرى تولىمۇ قورقۇنچ، بۇ گۈللەرنىڭ تىكەنلىرى ئىنتايىن يامان ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويلاندىم ۋە دېدىمكى، «دېمەك بىزنىڭ تۈرك شائىرلىرى بۇ قورقۇنچ نەرسىلەردىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركچىنى تاشلاپ قويۇشۇپتۇ ۋە مۇشۇنداق ياشاپ ئوتۇشۇپتۇ.» مەن بۇ ئالەمدىن ۋاز كەچمىدىم، قورقمىدىم، يېڭىلمىدىم؛ مۇشەققەتلەرنى يەڭدىم، قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلدىم؛ كۈچلىرىمنى ئايىمىدىم. تۈركچىنىڭ بىپايان ساھەلىرىدە ئىلھامىمنىڭ قاناتلانغان ئاتلىرىنى چاپتۇردۇم. چەكسىز كەتكەن يىراقلاردا خىيالىمنىڭ ماجىراپەرەست قۇشىنى قوغلىدىم. زوقۇم بۇ خەزىنىدىن بىباھا، كۈچ يەتمەيدىغان كۆپلىگەن مەرۋايىت ۋە ئالماسلارنى ئالدى. كۆڭلۈم بۇ باغچىنىڭ سىرلىرىدا خۇش ھىدلىرى بىلەن جانغا جان قوشىدىغان، كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان گۈللەرنى تەردى. بۇ مەۋجۇتلۇقلارنىڭ، بۇ مۇللۇقلارنىڭ، بۇ كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان كۆپلىگەن گۈللەر ئېچىلىشقا ۋە ھەر يانغا چېچىلىشقا باشلىدى...»

    .................................................................................

    ئەلىشىر ناۋايى، چاغاتاي دىئالىكتىنى ئەدەبىيات تىلى قىلغان ئاڭلىق بىر تۈركشۇناس بولۇش بىلەن بىرگە، مۇزىكا، خەتتاتلىق، جىلدلەش ۋە ئالتۇن ھەل بېرىشلەردە ئالاھىدە يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بىرىدۇر. مىللىي مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزگەن بىر مۇتەپەككۇر، كۈچلۈك بىر ئوبزورچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىرلەشتۈرگۈچى كىشى بولۇپ، تۈرك تىلىغا كىرگەن موڭغۇلچە ۋە پارىسچە سۆزلەرگە بىرىنچى بولۇپ ئۇ قارشى تۇرىدۇ. ئۇ، ھۇسەيىن بايقارانىڭ سەلتەنىتىگە ھۆسىن بېغىشلىغان ئالىم سەنئەتچىلەرنىڭ سەركىسى ھېسابلىنىدۇ. ھىرات ۋالىيلىقى، خاقاننىڭ ياساۋۇل بەگلىكى ۋە مۆھۈردارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدىمۇ يۈزلەرچە خاتىرە ئەسەرلىرى بىلەن ھىراتنى بىزەيدۇ. ئىرانلىق زاماندېشى شائىر جامى يازغان ئەسەرلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ پىكرىنى ئالىدۇ. داڭلىق مىنياتۇرچى بىزھات، شاھ مۇزەپپەر قاتارلىق كۆپلىگەن سەنئەتچى ۋە ئالىملارنى ھېمايە قىلىدۇ. بايقارانىڭ سارىيىنى ئالىملار بىلەن سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىدىغان بىر ماكان ۋە بىر ئالاھىدە ئاكادېمىيەگە ئايلاندۇرۇپ، تۈركلۈك دۇنياسىنى ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

    مەنبە: «تۈركىيە ئاۋازى» ئۇيغۇرچە تور بېكىتى





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ