• تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىزامۇددىن ئەلىشىر 1441- يىلى ھىرات (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ)  تا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى غىياسۇددىن بارلاس خوراسان ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمۇ تىمۇرلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. ئەلىشىر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

    ئەلىشىر دەسلەپتە ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئەبۇلقاسىمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تەلىم –تەربىيە كۆرىدۇ. كېيىنچە ئەبۇلقاسىم بىلەن بىرلىكتە مەشھەتكە كېتىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇلتان ئەبۇلقاسىم ۋە ئاتىسى بارلاس ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەلىشىرنى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىدۇ ۋە ئەبۇ سەئىد مىرزانىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. ھۇسەيىن بايقارا 1469- يىلى سۇلتان بولغاندىن كېيىن ئەلىشىرنى سارايدا مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :