• 2010-08-26

    ئەقلىفۇنلارغا فۇنت قاچىلاش، فونت ئۆزگەرتىش ھەققىدە ساۋات - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]

    ئەقلىفۇنلارغا فۇنت قاچىلاش، فونت ئۆزگەرتىش ھەققىدە ساۋات

    ئەقلىفۇن(ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن)لارغا بولۇپمۇ Symbian سىستېمىسىدىكى ئەقلىفۇنلارغا ئۆزىڭىز خالىغان ئۇيغۇرچە فۇنت ياكى باشقا فۇنتلارنى قاچىلاش ياكى ئۆزگەرتىشنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ تېمىغا نەزەرىڭزنى ئاغدۇرۇڭ.

    ئەقلىفۇنغا فۇنت قاچىلاش ئۈچۈن سىزدە ئىككى شەرت ھازىرلانغان بولىشى كىرەك ، بىرى قاچىلايدىغان فۇنت يەنە بىرى فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter . يانفۇن ئۇيغۇرچە فۇنتلىرىدىن ھازىر بار بولغىنى Uyghur-CJK1 فۇنتى،Uyghur Ali فۇنتى،Uyghurphone فۇنتى قاتارلىقلار بار، بۇ فۇنتلارنى ئالاقىدار تور بەتلەردىن تاپالايسىز.فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter نى سىز Baidu,Google لارئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز. خوش، بۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز ئەمىسە قاچىلاشنى باشلاپ كەتتۇق.

    فۇنتنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئامراق ئەقلىفۇنىڭىزغا قاچىلالايسىز.

    1- فۇنتنى بىۋاستە قاچىلاش پروگراممىسى ئارقىلىق ئورنىتىش ئۇسۇلى:

    بۇ ئۇسۇلدا فۇنتنى بىۋاستە قاچىلاش پروگىراممىسى (كېڭەيتىلگەن نامى sisx بولغان) ئارقىلىق ئېلىب بېرىلىدۇ. ھازىرچە ئىككى خىل ئۇيغۇرچە فۇنتنىڭ بىۋاستە قاچىلاش پروگىراممىسى تەمىنلەنگەن . ئۇلار ئىكرام يانفۇن ئۇيغۇرفۇنىتى(Uyghur Ali.sisx)قاچىلاش سىستىمىسى، يۈكلەش مەنزىلى:http://uyphone.com/down/view/528.html

    يانفون ئۇيغۇرفونتى(Uyghur CJK.sisx)قاچىلاش سىستىمىسى، يۈكلەش مەنزىلى : http://uyphone.com/down/view/409.html

    ئالدى بىلەن فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter نى e دىسكىغا(سىغىم كارتىغا) قاچىلايمىز، بۇنداق بولغاندا فۇنت سەۋەبىدىن يانفۇندا بىنورماللىق كۆرۈلسە ، كارتىنى چىقىرىۋىتىپ قايتىدىن قوزغاتسىڭىز نورماللىشىدۇ. FontRouter نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن،فۇنتنى بىۋاستە قاچىلاش پروگىراممىسىنى قاچىلايمىز، ئادەتتە c دىسكا ياكى e دىسكىنىڭ قايسىسىغا قاچىلىسىڭىزبولىۋىرىدۇ. بۇ مەشغۇلاتلار تۈگىگەندىن كېيىن يانفۇنىڭىزنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا ئاچسىڭىزلا فۇنتنىڭ قاچىلانغانلىقىنى كۆرىسىز.

    2- ئۇسۇل فۇنتنى بىۋاستە ئەكىرىپ ئورنىتىش ئۇسۇلى:

    بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ئاۋال فۇنت قوزغىتىش دىتالى FontRouter نى e دىسكىغا(سىغىم كارتىغا) قاچىلايمىز .( دىققەت ،قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفۇنىڭىزدا چوقۇم باشقا قاچىلىندىغان فۇنتلار بولماسلىقى كىرەك.) قاچىلايدىغان فۇنتنى مەسىلەن: Uyghur CJK.ttf فۇنتىنى يانفۇنىڭىزنىڭ c دىسكا ياكى e دىسكىنىڭ data\fonts مۇندەرىجىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭ ، ناۋادا data مۇندەرىجىسى ئىچىدە fonts مۇندەرىجە قۇرۇلمىغان بولسا ئۆزىڭىز قۇرۇڭ، فۇنت چوقۇم مۇشۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرىلىشى كىرەك.بۇ مەشغۇلاتلار تۈگىگەندىن كېيىن يانفۇنىڭىزنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا ئاچسىڭىزلا فۇنتنىڭ قاچىلانغانلىقىنى كۆرىسىز.

    ناۋادا سىزدە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يوق، يانفۇنىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاشقا ئامالسىز قالغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا ھىچقىسى يوق ،يانفۇنىڭىزغا ھۈججەت باشقۇرۇش دىتالىX-plore نى قاچىلىسىڭىزلا بۇ دىتال ئارقىلىق ھەرقانداق يانفۇن ھۈججەتلىرىنى ئىچىىش،قۇرۇش،تەھرىرلەش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارالايسىز ، بىراق بۇ دىتالنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزدە يانفۇننىڭ ئەڭ ئالى ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىشى كىرەك.

    3- يانفۇندا ئەسلى بار فۇنتنىڭ ئورنىغا باشقا بىر فۇنتنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى:

    سىزنىڭ يانفۇنىڭىزغا Uyghur Ali فۇنتى قاچىلاقلىق، ئۇنى ئۆچۈرۋىتىپ Uyghur CJK فۇنتىغا ئالماشتۇرماقچى دەيلى، ئاۋال يانفۇنىڭىزنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ ياكى X-plore ئارقىلىق e دىسكىدىكى data\fonts\font router.ini ھۈججىتىنى ئىچىپ enable=1 دىگەن يەرنى تىپىپ ئۇنىڭدىكى 1 نى 0 گە ئۆزگەرتىمىز، ھۈججەتنى ساقلىۋىتىپ يىنىپ چىققاندىن كېيىن، يانفۇنىڭىزنى ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتىسڭىز، يانفۇنىڭىزنىڭ سىستېما ئەسلى فۇنتى ھالىتىگە كەلگەنلىگىنى كۆرىسىز. ئاندىن يانفۇنىڭىزنىڭ قاچىلانغان سىستېمىلار (已安装程序 ) مۇندەرىجىسىگە كىرىپ ئەسلى قاچىلىغان Uyghur Ali.sisx نى ئۆچۈرۋىتىمىز، ئاندىن Uyghur CJK.sisx پروگراممىسىنى قاچىلايمىز . قاچىلاپ بولۇنغاندىن كېيىن يەنە دىسكىدىكى data\fonts\font router.ini نى ئىچىپ بايىقى بىز ئۆزگەرتكەن enable=0 دىكى 0 نى 1 گە ئۆزگەرتىپ ،ھۈججەتنى ساقلىۋىتىپ يىنىپ چىققاندىن كىيىن، يانفۇنىڭىزنى ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتىسڭىز، يانفۇنىڭىزغا Uyghur CJK فۇنتىنىڭ قاچىلانغانلىقىنى كۆرىسىز.

    ناۋادا يوقۇردىكى فۇنت ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى بەك ئاۋارىچىلىقكەن ، مىنىڭ ھەممە ئۇيغۇرچە فۇنتلارنى يانفۇنۇمغا ساقلاپ قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكۈم بار دەپ ئويلىغان بولسىڭىز بۇنىڭمۇ ئامالى بار.

    ئالدى بىلەن فۇنتلارنىڭ ھەممىسىنى ،يانفۇنىڭىزنىڭ c دىسكا ياكى e دىسكىنىڭ data\fonts مۇندەرىجىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭ ، ناۋادا data مۇندەرىجىسى ئىچىدە fonts مۇندەرىجە قۇرۇلمىغان بولسا ئۆزىڭىز قۇرۇڭ، ئاندىن   data\fonts\font router.ini ھۈججىتىنى ئىچىپ *.*\ data\fonts= دىگەن يەرنى تىپىپ *.* ئورنىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان فۇنتنىڭ ئىسمىنى يېزىڭ، يەنى مۇنداق Uyghur CJK.ttf\ data\fonts= ئاندىن ھۈججەتنى ساقلۋىتىپ يىنىپ چىقىپ يانفۇنىڭىزنى ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتىسڭىزلا بولىدۇ ،باشقا فۇنتلارنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئىش، فۇنت نامى چوقۇم لاتىنچە يېزىلىشى كىرەك ، خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ياكى باشقا يېزىقلاردا بولسا بولمايدۇ.

    4- خەتنىڭ ئۈستى كېسىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۇسۇلى:

    فونت قاچىلاش جەريانىدا، بەزىدە خەنزۇچە خەتنىڭ ئۈستى كېسىلىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى بايقايمىز ، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن يەنە data\fonts\font router.ini نى ئىچىپ = ixcharmetrics دىگەن يەرنى تىپىڭ ناۋادا تەڭلىك بەلگىسىنىڭ كەينىدە 0 بولسا ئۇنى 1 گە ئۆزگەرتىپ font router.ini ھۈججىتىنى ساقلىۋىتىپ يىنىپ چىقىپ، يانفۇنىڭىزنى ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتىسڭىزلا خەت نورمال كۆرۈنىدۇ. ناۋادا 1= ixcharmetrics ئەسلىدىلا مۇشۇنداق بولسا ئۇنداقتا تۈۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئوڭشاشقا بولىدۇ.

    YaHei@15 دىگەن يەرنى تىپىپ 15@ نىڭ كەينىگە قاراڭ y دىگەن خەت بارمۇ، مەسىلەن y+1y-1 دىگەندەك، بار بولسا ھەممىسىنى Y0 گە ئۆزگەرتىڭ،بولمىسا Y0 نى قوشۇڭ. (چوقۇم چوڭ يېزىلىشىدا بولسۇن) ھۈججەتنى ساقلاپ ، يانفۇنىڭىزنى قايتا قوزغىتىپ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بىقىڭ، ناۋادا خەت ئېگىز بولۇپ كەتسە Y0 نى y-1 قىلىپ سىناپ بىقىڭ، ناۋادا خەت پاكار بولۇپ قالسا y+1 قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ . ئىشقىلىپ ئىرىنمەي سىناش ئارقىلىق ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

    5- خەتنىڭ رەڭگىنى قىنىق قىلىش ئۇسۇلى

    بەزىدە قاچىلىغان فۇنتىمىزنىڭ سەۋەبىدىن خەتلەر تۇتۇق كۆرۈندىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ قالىدۇ ،بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى،يەنە data\fonts\font router.ini نى ئىچىپ Chroma=100 دىگەن يەرنى تىپىڭ ،ئەسلى قىممەت 100 مانابۇ خەتنى قىنىق ۋە سۇس قىلىدىغان قىممەت بۇنى 120~130 دائىرىدە ئۆزگەرتىڭ. (بەك چوڭ قىلىۋەتمەڭ، بولمىسا ئويلىمىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، ئادەتتە 80-130 غىچە بولسا مۇۋاپىق.) ئاندىن ھۈججەتنى ساقلىۋىتىپ يانفۇنىڭىزنى قايتا قوزغاتسىز بولىدۇ ، مۇشۇ قىممەتنى تەكرار - تەكرار ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىز رازى بولغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.

    6-خەتنىڭ چوڭ-كېچىكلىگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى:

    ئادەتتە يانفۇنلارنىڭ خەت رازمېرى نورمال ھالەتتە تەڭشەكلىك بولىدۇ ، خەتنىڭ چوڭ- كېچىكلىگىنى ئادەتتە يانفۇن ئىقتىدارى ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ يەردە سۆزلەيدىغىنىمىز font router.ini نىڭ ماس قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مۇشۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىش. ئاۋال data\fonts\font router.ini نى ئاچىمىز ZoomRatio=100 دىگەن يەرنى تىپىڭ ئەسلى قىممەت 100 نى 80~130 دائىرە ئىچىدە ئۆزگەرتىش قىلىپ سىناپ بىقىڭ، ساننى چوڭايتسىڭىز ياكى كېچىكلەتسىڭىز خەتمۇ ماس ھالدا چوڭىيىپ كېچىكلەيدۇ. ئۆزىڭىز سىناپ كۆرۈڭ.

     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ