• 2011-04-29

    ئىشىنىڭ، قىزىڭىز خوتۇن بولۇپ بولدى - [ئەدەبىيات - سەنئەت]

                   سىز توي قىلغىلىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى يىلمۇ بولاي دەپ قالدى، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە ئۈمۈدىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىزمۇ تۇغۇلدى، سىز كېچە – كۈندۈز ئۈمۈد قىلغان ، ھەم تىلىگەن ئۇ  ئوغۇل پەرزەنت، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىزگە نىسىپ بولمىدى، بەلكى ئاللاھ سىزگە ئۇماق بىر قىز ئاتا قىلغان ئىدى، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتى ، ئايالىڭىزنى بۈلەكچىلا خوش قىلغان ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بۇ نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشنى ، بۇ نېممەت بەدىلىگە ئاللاھقا لايىقىدا ئىبادەت قىلىپ،  ئاللاھقا بولغان شۈكرانىسىنى بىلدۈرۈشنى ئەسلا بىلمەيتى، ئەلۋەتتە بۇدرۇققىنا بۇ  گۈزەل بوۋاق، سىزنىڭمۇ  بارچە مېھرىڭىزنى بېرىشىڭىزگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى .
               كۈنلەر بىر – بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتمەكتە، كۈنلەردە بەركەت يوقتەكلا، ناھايىتى تېز ئۆتمەكتە ، لېكىن سىز ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس ئىدى، ئەتتىگەندە بۇ ئوماق قىزىڭىزغا قىيمىغان ھالدا ئىشقا ماڭسىڭىز، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە كۆزىڭىز تۆت بولاتتى، ھەتتا ئىدارىدە سىزگە ھىچ ئىش خوش ياقماس بولۇپ قالغانىدى، ھەتتا چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ ئۆيگە بېرىپ ئاشۇ ئوماق پەرزەنتىڭىزنى بىر كۆرۈۋالغىڭىز كېلەتتىيۇ ، لېكىن ئىش ئورنىڭىزنىڭ يىراقلىقى تۈپەيلى بۇنىڭغا مۇمكىن بولمايتى، مانا بۈگۈن ئىدارە باشلىقىڭىز سىزنى چاقىرتىپ ، يېقىندىن بېرى خىزمەت ئۈنۈمىڭىز ۋە كەيپىياتىڭىزنىڭ باشقىچە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، دەككىڭىزنىمۇ بەردى، ئىشتىن كەلسىڭىزلا بالىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ زېرىكمەي ئەكىلتەتتىڭىز، خۇددى ئۇنىڭ ئانىسىدەكلا ، ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ باقاتتىڭىز، ئايالىڭىز بولسا ، ئاشۇ بىر قىسىم دوسلىرىنىڭ تەكلىپى ۋە پىكىرى بىلەن ، سەتلىشىپ كېتىمەن ، كۆكسۈم ساڭگىلاپ كېتىدۇ دېگەن قاراشلار بىلەن مانا بۇ سەبى، تاتلىق بوۋاقنى ئانا سۈتىدىن مەھرۇم قىلغان ئىدى ، يۈرەك پارىڭىز بولغان بۇ قىزىڭىز ، بازاردىكى سۈت پاراشۇكلىرى بىلەنمۇ خېلى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ئىدى، كۆرۈنۈشتە ناھايىتى سېمىز ۋە تېتىك ئىدى، چۈنكى ئاتالمىش ئۇ داڭلىق بالىلار سۈت پاراشوكلىرىدىكى ھورمون كۈچەيتكۈچلەر ، بالىلارنى شۇنداق سەمرىتەتتى، ئايالىڭىز بالىسىنى ئېمىتمىگەن بىلەن ، ئۇنى خۇددى ئاغزىدا تۇققاندەكلا قىلىپ كېتەتتى، بۇ بىزنىڭ بىرتاللا قىزىمىز، ئاي پەرىرىم، كىچىك پەرىشتەم، ئۇ مېنىڭ بارلىقىم ۋە خۇشاللىقىم دەپ، سىزگە ھەمىشە ئەڭ داڭلىق ماركىلىق زاكا لاتىسى ۋە ئەڭ داڭلىق سۈت پاراشوكى ۋە شۇنىڭدەك بالىغا كېرەكلىك بولغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيتى، ئايالىڭىزنىڭ دوسلىرى كېلىپ، بالىڭىزنى كۆرۈپ ۋېيەي نېمدىگەن چېرايلىق قىز بۇ ، چوڭ بولسا ھەرقانداق ئەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يېگۈدەك نازىنىن بولغۇدەك جۇمۇ دەپ ماختاشقاندا ، ئايالىڭىز بولدى، كۆز تەگمىسۇن يەنە دەپ ، بالىسىغان بېرىۋاتقان ، ۋە ئېلىپ بەرگەن بارلىق يېمەكلىك ۋە كىيىم - كېچەك ، لازىمەتلىك بۇيۇملارنىڭ ماركىلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئۆز قىزىنى قانچىلىك گۆھەردەك بېقىۋاتقىنىنى كۆز – كۆز قىلاتتى ،  ئايالىڭىزمۇ ھەم خىزمەت قىلغاچ داۋاملىق بالىنى ئۆزى باقالمىدى، ئىدارىسىدىن ئالغان بۇ بىرنەچچە ئايلىق دەم ئېلىشىمۇ توشۇپ قالدى، شۇڭا سىزنى ئالدىرتىپ، ئانىڭىزنىڭ يۇرتىدىكى تۇققانلىرىنىڭ بىرەر يېشىغا يېتىپ قالغان قىزىنى ئەكەلدۈرۈپ ، بالىنى باققۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئەلۋەتتە سىزمۇ باشتا،  خوتۇن خىزمەتتتىن توختساڭ ، ئاللاھ بەرسە يەنە بىرنى تۇغساڭ. شۇ ئىككى بالىنى ئوبدان قاتارغا قوشۇپ تەربىلىسەك، نېمدىگەن ياخشى بولاتتى دەپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىزمۇ، بۇ مەسلىھەتىڭىز ئايالىڭىزنىڭ قۇلقىغا پەقەتلا ياقمىغان ئىدى، ھەم سىزگە ئۆڭۈپ مېنىڭ ئۆمرۈم ساڭا تۇغۇپ بېرىپ ، پوققا مىلىنىپلا ئۆتۈپ كەتسە بولىدىكەندە، مېنى ئىشلىمەڭ دەيدىغانغا سەن بىر مىليونىرمىتىڭ ، تاپقان پۇلۇڭ، مۇشۇ ئۆي بىلەن بالىمىزغا ئاران يېتىۋاتسا، مېنى باقالامتىڭ، ھېلىمۇ پۈتۈن كىيىم – كېچەكلىرىمنى، ۋە بارلىق باردى كەلدىلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ مائاشىغا قىلىپ كېلىۋاتىمەن دەپ دەككىڭىزنى بەرگەندىلا، شۇك بولۇپ بالا باققۇچى ئىزدەپ تاپقان ئىدىڭىز.
              ئايلار ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ، قىزىڭىزنىڭمۇ ئايىغى ۋە تىلى چىقتى، سىز ھەر قېتىم ئىشتىن ھېرىپ ئۆيگە كىرگەندە، قىزىنىڭنىڭ شۇ تاتلىق ئاۋازدىكى دادا دەپ چاقىرىشى ، سىزنىڭ بارلىق ھاردۇقىڭىزنى يوققا چىقىراتتى، سىزنڭ تۇرمۇشتىكى، ھاياتلىقتىكى بارلىق تەسەللىرىڭىز، خوشاللىقىڭىز مانا بۇ جان جېگەر قىزىڭىز بولغان ئىدى، ئەپسۇس، ئايالىڭىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركە بېقىشى ھەم بارلىق قىلىقلىرى چىرايلىق كۆرۈنۈپ ھېچنىمىدىن چەكلىمەسلىكى، بالىڭىزنىڭ باشقىچە بىر قىلىقسىز ، غەۋغاچى، ئۆزىنىڭكىنىلا راس قىلىدىغان ، خۇي مەجەزلەرنى ئۆزلەشتۈرىشىگە سەۋەپ بولماقتا ئىدى، ئانىڭىزمۇ بۇ ئۇماق نەۋرىسى ئۈچۈن تالاي قېتىملاپ ئايالىڭىز بىلەن يامانلىشىپ قالغان ئىدى ، ئاخىرى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگىمۇ دەسسىمەيدىغان بولۇپ بۇ غەۋغالارنى بېسىقتۇرغان ئىدى، سىزنىڭ ۋە ئايالىڭىزنىڭ نەزىرىڭلاردا بولسا ، بالا ئاغرىپ قالمىسا ، بىرەر پېشكەلچىلىككە ئۇچرىمىسا، ساغلام چوڭ بولسا ، كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئىقتىساد ئىگىسى بولسا شۇنىڭ ئۆزى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر بالا تەربىيلەش يولى ئىدى، ئۇندىن باشقىنى بىلمەيسىلەر ، لېكىن ئۇنچىۋالا قاپ- قارا ئىنسانمۇ ئەمەس ئىدىڭىز ، كىچىكىڭىزدە دادىڭىز خۇدانىڭ ئالدىدا بالا م ئۈستىدە ھىساپ بېرىدىغان قەرزىمنى ئادا قىلاي دېگەن مەقسەتتە ، سىزنى مەسچىتنىڭ ئاخونۇملېرىغا ئاپىرىپ بېرىپ ھەپتىيەك ساۋادىڭىزنى چىقارغان ئىدى، شۇ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، ناماز نېمە ، رامىزان نېمە، زاكات نېمە ، بەندىنىڭ ئاللاھنى قانداق تونۇشى ھەققىدىكى ئىلىملەرنى ئاز تولا بولسىمۇ ئۈگۈتۈپ ، نامىزىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك بولسىمۇ قىپ قويغان ئىدى ، ئەلۋەتتە ئۇلار شۇنچىلىك قىلالايتى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنگىنى ۋە بىلگىنى شۇنچىلىك ئىدى، لېكىن سىز كىچىكلىكىڭىزدىكى ئۇ ئىلىملەرنى ، ئۆمرىڭىز بويى ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھارام ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ يەپ ،قەلبىڭىزدىن تولۇق ئۆچۈرۈپ بولغان ئىدىڭىز ، شۇڭا سىزدە بولمىغان ئۇ ئىلىم قانداقمۇ بالىڭىزدا بولسۇن ، ئەمدىكى ئۈمۈد شۇكى، بالىڭىز چوڭ بولۇپ ئەقلىنى تاپقان چاغلىرىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ، ئاللاھ قەلبىگە ئىمان ۋە ھىدايەت ئاتا قىلسا ئۇ باشقا گەپ ئىدى.
               ئايالىڭىز ئۇماق قىزىڭىزنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى شەھرىڭىزدىكى ئاتاقلىق رېستۇراندا ئۆتكۈزگەن ئىدى، ئىككى جوزۇلۇق بۇ توغۇلغان كۈنگە ئايالىڭىز ، يېقىن تۇققانلارنى ۋە دوستلىرىنى چاقىرغان ئىدى، ئىككى جوزىغا خەجلىگەن مىڭ يۈئەننىڭ بەش يۈز يۈئەنى قايتىپ كەلگەن ئىدى، ئايالىڭىز رېستۇراندىن قايتىپ كېلىپلا ، سىزگە دوق قىلغىلى تۇردى، ۋاي پېتتى خەق، مەتو خەق ، قاراپ باقە ئاشۇ دوسلىرىمچىلىك بىر ئادەمگەرچىلىكنى بىلمىدى ئۇ تۇققانلىرىڭ دەپ، سىزنى نەچچە كۈن تاماق يېمىسىڭىزمۇ قارنىڭىز ئاچمىغۇدەك تويغۇزۇپ قويغان ئىدى، لېكىن سىزمۇ بۇنداق ئاھانەتلەرگە ۋە دۈشكەللەشلەرگە كۆنۈپ كەتكەن ئىدىڭىز ، ھەر قېتىم ئاچچىقىڭىز كەلگەندە شۇ ئۇماق چىرايلىق قىزىڭىز كۆز ئالدىڭىزغا كەلگەندىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئاچچىقىڭىز يېنىپ كېتەتتى، ئەتىسى ئەتتىگەن ئايالىڭىز بالىنى يەسلىگە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سىزمۇ باشقىچە پىكىردە ئەمەستىڭىز ، ھەم پىكىرىڭىزمۇ ئايالىڭىزنىڭ قارارى ئالدىدا ئاقمايتى، شۇنداق قىلىپ بالىڭىزمۇ يەسلىگە كىردى، تولىمۇ ئەركە ، ۋە ئۆز بېشىمچى چوڭ يېتىلىۋاتقان بۇ قىزىڭىز ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ خېلى ھاردۇرغان ئىدى، لېكىن قىزىڭىز يەسلىدىكى بالىلار ئىچىدە ئۇسۇلغا ۋە ناخشىغا ئەڭ ئۇستىسى ئىدى ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۈگەتكەن ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرىپ ، ئۇسۇللارنى ئويناپ بېرىپ، ئائىلەڭلارنىڭ شاتلىقىنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان ئىدى، ئايالىڭىز زوق بىلەن ئېلىپ بەرگەن ئۇ بالىلار قىسقا يوپكىسى، ۋە كىيىملىرى قىزىڭىزنى خۇددى يېتىلگەن بىر نازىنىندەك كۆرسىتىپ، بەزى شەھۋىتى كۈچلۈك چوڭ ئەرلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتاتتى، بەزىلىرى ئەركىلەتكەن بولۇپ قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ سۆيۈپمۇ قوياتتى، نېمە؟
             ئۇلار پۈتۈنلەي ياخشى نىيەت ، ياخشى مەقسەتتىلا ئۆز قىزى ئورنىدا شۇنداق مېھرىباللىق قىلغان ، قىزىمغا كۆيۈپ شۇنداق قىلغان دەمسىز ؟ ، بوپتۇ ، سىز دېگەندەكمۇ بوپ تۇرسۇن ، قىزىڭىز شۇ تەرىقىدە يەسلىدە ناخشا ۋە ئۇسۇل تالانتىنى يتىلدۈرۈپ كۈندىن كۈنگە چوڭ بولماقتا ، سىز بولسىڭىز ، كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاۋاتقان تۇرمۇش بېسىمى تۈپەيلى بۆلەكچىلا قېرىپ كەتكەن ئىدىڭىز ، ياش تۇرۇپلا چاچلىرىڭىزنى ئاق باسقان ئىدى، ئۆينىڭ چىقىمى ، بالىڭىزنىڭ چىقىمى، بالا باققۇچىنىڭ چىقىمى، ئىشقىپ ئىدارىڭىزدىن ئالغان ئايلىقىڭىزنىڭ بىر قاتار خىراجىئەت جەدىۋىلى بولۇپ، سىزنىڭ ئۆمرىڭىز شۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇش ئۈچۈنلا ئۆتمەكتە ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بولسا ، ئالغان مائاشىغا خالىغان چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ كىيەلەيتى ، ئۇندىن باشقا ئىدارىسىدىكى ئەر خىزمەتداشلىرىمۇ خېلى سېخى بولۇپ ، ئۆز ئاياللىرىغا ئېلىپ بەرمىگەن كىيىم ۋە سوۋغىلارنى ئايالىڭىزغا ئېلىپ بېرەتتى، ئايالىڭىز ئىدارىنىڭ گۈلى ئىدى، بولۇپمۇ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىكى تەشتەككە تىزىلغان گۈل ئىدى، باشلىقى قاچان پۇرىغىسى كەلسە  پۇرىيالايتى ۋە ھوزۇرلىنالايتى، شۇڭا ئايالىڭىزنىڭ مۇكاپات مائاشلىرىمۇ خېلى يۇقىرى ئىدى، ئايالىڭىزنىڭ قاتار چاي ، ئويۇن تاماشىلىرى  تۈگىمەيتى، نىگاندا بىر ، ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىش ، ياكى ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭ توي – تۆكۈنلىرى بولۇپ چاقىرىشلار بولۇپ قالمىسا ئىككىڭلارنى يولدا بىللە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئايالىڭىز شۇ راھەت تۇرمۇش ئىچىدە كۈندىن – كۈنگە ياشىرىپ كېتىۋاتقاندەك،  ھەم قاتتىق سۆلەتلىك يېتىلگەن بىر چوكاندەك كۆرۈنەتتى.
              ۋاقىت دېگەن نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن ھە ، مانا ئانىڭىزنىمۇ يەرلىكىگە قويۇپ كەلگىلى ئىككى بولاي دەپ قالدى، ئاكا – سىڭىللىرىڭىز بىلەن بىرلىشىپ ئانىڭىزنىڭ قىرىق نەزىرىنىمۇ خاتىرجەم بېرىۋالدىڭىز، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بۇ قىزىڭىز، ئۆلۈم نېمە، جاننى ئالغۇچى پەرىشتىلەر كىم، دوۋزاق ۋە جەننەت نېمە، قەبرى دېگەن قانداق جاي، قەبرى ئازابى ئۇ نېمە، ھىچنىمىنى بىلمەيتى، شۇڭا مومىسىدىن ئايرىلغان بۇ گۈدەك قىزىڭىز ئۇنچە بەك ئازاپلىنىپمۇ كەتمىگەندەك قىلاتتى، شۇ ئانىڭىزنىڭ بارىدا ، ئانچە مۇنچە ئىزدىشىپ تۇرىدىغان ، ئاكا – سىڭىللار ئەمدى بىراقلار ھەممىڭلار قەلىبلىرىڭلارنى ئاناڭلار بىلەن بىللە يەرلىككە قويۋېتىپ كېلىشكەندەك، بىر – بىرىڭلارنىمۇ ئىزدەشمىدىڭلار ، سىز ئەمدى تېخىمۇ يالغۇز قالغان ئىدىڭىز ، بۇ ئەلەملەر ، بۇ دەرتلەر ، بۇلارنى كىمگە دىيەلەيتىڭىز ، كىمگە چۈشەندۈرەلەيتىڭىز ، پەقەت شۇ رومكىدىكى ھاراققىلا چۈشەندۈرەلەيتىڭىز خالاس ، شۇڭا سىز ھاراقنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ ياخشى دوس تۇتقان ئىدىڭىز ، دەم ئېلىش كۈنلىرىڭىز ،شۇ ھاراق بىلەنلا ئۆتەتتى ، چۈنكى ئەمدى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى باغلايدىغان ، پۈتۈن دىققىتىڭىزنى جەلىپ قىلىدىغان شۇ بالىڭىزمۇ چوڭ بولۇپ، ئۆز ئويۇنى بىلەن ۋە ئايالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى چوڭ پىلانلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ، قانداقتۇر بىر ياش- ئۆسمۈرلەر سارايلىرىدا ناخشا، ئۇسۇل ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چېلىشنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى،سىزگە ئەمدى بۇرۇن سۆيۈملۈك ۋە ئىللىق تۇيۇلغان بۇ ئۆيدىن خۇددى بوران ئۇچۇپ تۇرغاندەك بىلىدىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، شۇ تەرىقىدە بالىڭىزمۇ ھەش- پەش دېگۈچە تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى، قىزىڭىز تولىمۇ چىرايلىق ۋە زىلۋا بويلۇق چوڭ بولماقتا ئىدى، ئايالىڭىزنىڭ گۆھەردەك پەپىلىشى ئاستىدا ، ھىچ قايسى ساۋاقداشلىرى كىيمىگەننى كىيىپ شۇ كېلىشكەن بەدىنى بىلەن ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ يۈرمەكتە ئىدى .
               سىنىپىدىكى ئاشۇ كەپسىز بالا ، ئاتا – ئانىسىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ مېغىزىنى چاقاتتى ، ئانىسى شۇنچە ئارزۇلاپ، يولدىشى بەرگەن پۇللارنى تىقىپ، يىغىپ كۆزىنىڭ قارچۇقى بولغان بۇ بالىسىغا بېرەتتى، يولدىشى سەن بالىنى يامان ئۈگەتتىڭ دەپ كايىغاندا ، مەيلى ئەمەسمۇ دادىسى ئۆينىڭ كىچىكى، چوڭ بولغاندا ، راۋرۇس قىزدىن بىرنى ئېپ بەسەك ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ دەپ ، يولدىشىنى بەزلەيتى، سىنىپتا قاتتىق ياسىنىپ ۋە چوڭ خەجلەپ، چوڭ يەپ يۈرگەن بۇ بالا ، ئەترەپىغا خېلى كۆپ ساۋاقداشلىرىنى يىغىۋالغان ئىدى، مەكتەپتە شۇ ئىمتىيازى بىلەن كىچىك بىر گوروھ بولۇپ يۈرەتتى ، مانا بۇ كەپسىز، جىدەلخور بالا ئىزچىل تۈردە سىزنىڭ قىزىڭىزغا كۆز يۈگۈرتۈپ يۈرگەن ئىدى ، شۇڭىمۇ قىزىڭىزغا مەكتەپتە بىرەر يىگىت يېقىنلىشالمايتى، ھەر يىلى مەكتەپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئالدىدا ، تەتىل جەريانىدا ئەگەر قار ياغسا، ئەتىسى كېلىپ قار تازلاش توغرۇلۇق ئۇختۇرۇشنى ئەسكەرتىپ قويۇپ بېرەتتى، ئاللاھ بۇلارنى سىناۋاتامدۇ ياكى قانداق ، بۇ قېتىم دەل 2 - ئاينىڭ   13 – كۈنى قار يېغىپ 14 – چىسلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى توغرا كېلىپ قالغان ئىدى، بۇ قېتىم بۇ كەپسىز بالا بىر مىكىرنى ئويلاپ چىقتى ھەم ، گۈلخانىغا كىرىپ چىرايلىق بېزەلگەن بىر دەستە گۈلنى سېتىۋېلىپ چىقتى، ھەم مەيداندىلا ، بارلىق بالىلار ئالدىدا سىزنىڭ شۇ گۈزەل قىزىڭىزغا ئۇ بىر دەستە گۈلنى تۇتۇپ، گۈلنى قۇبۇل قىلىڭ، ياكى بولمىسا  كاچىتىمغا بىرنى سېلىپ ماڭا بولغان نەپرىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ دەپ تۇرۋالدى، توۋا بۇ بالا بۇ گەپلەرنى، بۇ ئۇسۇللارنى قەيەردىن ئۈگەنگەندۇ ، توغرا تېلىۋزوردا بېرىۋاتقان، ئاشۇ كۆپ قىسىملىق كورىيە مۇھەببەت ھىكايە فىلىملىرى بۇ بالىغا ياخشى ئۇستاز ئەمەسمۇ ، ئەنە شۇ فىلىملەردىن ھېلىغۇ بۇ قىزىڭىزكەن ، ئۇنىڭدەكتىن نەچچىنى توغۇرلاشقا يەتكۈدەك بىلىملەرنى ئالالايدۇدە ، قىزىڭىزمۇ يىگىتنىڭ ئەسكىلىكىنى ۋە شوخلىقىنى بىلەتتى ، بۇ بالا ھەم سىنىپتا ئەڭ قىززىقچى بولغانلىقتىن ھەم خورازدەك كەچكىچىلا باشقىلارغا ھۈرپىيىپلا يۈرگەنلىكتىن ، قىزلارنىڭمۇ قەلبىدە مۇئەييەن قىززىقىش پەيدا قىلغان ئىدى ، ئەلۋەتتە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇشنىڭ كۈندىن كۈنگە سېرىقلىشىپ ، يالىڭاچلىنىشى بۇ گۈدەك قىزلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە ۋە بەدەندىكى فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ بالدۇر بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى، شۇ ئەمدى 16 ياشقا كىرگەن بۇ قىزلار سىزدەك جەمىيەتتە ياشاپ جەمىيەتتىن خەۋەرسىز قالغان ئاتا – ئانىلارنىڭ نەزىرىدە كىچىك بولغان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بولغان ئىدى،  قىزىڭىز بىر ھازا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ھەم ئانىسىدىن مىراس قالغان  كۆز- كۆز قىلش ۋە ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش كېىسىلى تۇتۇپ ، پۈتۈن مەيداندىكى بالىلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇش، بارلىق قىزلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتىش ئۈچۈن بۇ بىر دەستە گۈلنى قۇبۇل قىلدى ، گۈل ئىچىدە بىر ۋاراقچە بار ئىدى ، قىزىڭىز گۈلنى ئېلىپ ماڭغاچ ئۇ خەتنى بايقىغان ئىدى ، ھەم خەتنى ئېچىپ كۆردى ، خەتنىڭ بېشىدا ناھايىتى لېرىك يېزىلغان بىر كوبلىت مۇھەببەت شېئىرى ، ئاخىرىسىدا قىزىڭىزغا قويۇلغان ، تەلەپ بولۇپ، خېلى قاملاشتۇرۇپ يېزىلغان ئىدى، قىزىڭىز بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ ئاغزىنى تۇتۇپلا قالدى، قىزڭىزغا بىر ھەپتە ئويلىنىش ۋاقتى بېرىلگەن ئىدى، قىزىڭىز مەكتەپتىن قايتقۇچە ئۆزى ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان ئىككى دوستى بىلەن قايتىپ دوسلىرىدىن بۇ ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت تەلەپ قىلدى، دەرىستىمۇ ياخشىراق، ئەخلاقى ياخشى، پىكىرچان، زېرەك ئۇزۇن چاچلىق ئوڭ يېنىدا كېتىۋتقان دوستى بولسا ، ئاداش مەن بۇ ئىشلانى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن ، مېنىڭ شەخشى پىكىرىم شۇكى بىز بۇ كېچىككە ھازىر كىرمەسلىكىمىز كېرەك ، قالغىنىنى ئۆزۈڭ قارار قىل دەپ ئۆيىگە قەيرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە ، دوسلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى ، سول يېنىدىكى دوستى بولسا ، ۋات- ۋات، ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە دوسكىغا پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ ئولتۇرىدىغان لېكىن قەتتى دەرس كاللىسىغا چۈشمەيدىغان، ھازازۇلراق، سۇخەنچى، پۇلغا ئامراق، ياسانچۇق قىز بولۇپ ، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، ئاداش ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بەسەم ھىچ كىمگە دېمەسلىككە قەسەم قىلالامسەن، ئەگەر بىرەرسىگە تىنىپ قويساڭ سەن بىلەن مەڭگۈ دوست بولمايمەن دېدى، قىزىڭىز ماقۇل بولدى، دوستى قىزىڭىزنىڭ قۇلىقىغا ئاۋۇ ئۆيىگە راۋان بولغان دوستىمىزمۇ ساڭا تەلەپ قويغان يىگىتكە كۆڭلى بارتى، شۇڭا ساڭا كۆپ گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى، ھەم كۆڭلىدىكىنى ساڭا چاندۇرۇپ قويۇشتىن قورقتى بولغاي دېدى، قىزىڭىز نېمە دەپ ھەيرانلىقتا دوستىنىڭ چىرايىغا قارىدى، دوستى قىلچە چاندۇرماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئاداش سىنىپتا ۋە مەكتەپتە قايسى قىزغا نىسىپ بولغان بۇ بەخىت، ساڭا نىسىپ بوپتۇ ، ئاداش قارا سىنىپىمىزدىكى ھېلىقى سەت مايماقمۇ ، ھېلىقى توڭكاي چىش بىر نېمە بىلەن مابەتلىشىۋېلىپ، ھالىنىڭ يوغان بوپ كەتكىنىنى، يوللاردا ئۇ ئىككىسى بىللە ماڭغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ قالساڭ ، قىلىپ كېتىدىغان قىلىقلىرىچۇ تېخى ئىچىمنى ئىلەشتۈرۈپ، شۇڭا ئاداش ھەممىسىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتمەمسە دەپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغاچ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قالدى، شۇ ئارىدا قىزىڭىز بولسا ئاداش مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويامسەن دېيىشى بىلەن ، ئۇ دوستى ئەتراپقا بىر قاراپ ، ھوي سېنىچۇ بۇندىن كېيىن ئاۋۇ پەرھاتىڭ ئاپىرىپ قويىدۇ ئۆيۈڭگە دېگىنىچە قىزىڭىزنىڭ مۆرىسىگە بىرنى قويۇپ يۈگرۈپلا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، قىزىڭىز بولسا دولىسىنى تۇتۇپ خەپ مېنى ئۇرىۋالدىڭ ھە!  دەپ كۈلۈپ قويۇپ يولىغا ماڭدى ، ئۇ ۋالاقتەككۈر قىزىڭىنىڭ دوستى ئۆيىگە كىردىدە قىزىڭىزغا تەلەپ قويغان ساۋاقدىشىغا تېلفون قىلىپ، تېلفوندا خاتىرجەم بولۇڭ ئۇنى يۇمشۇتۇپ تەييار قىپ قويدۇم، مېنىڭچە ئۇ سىزنى رەت قىلمايدىغاندەك تۇرىدۇ ، لېكىن يەنىلا ئەڭ ياخشى چارىلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىڭ ، مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن دېدى، ئوغۇل ساۋاقدىشى بولسا ، كىچىك بولسىمۇ ئىغىزىدىكى گېپى بىلەن چوڭلانىڭ ئاغزىدىكى ئاشنى تارتىپ يېيەلىگۈدەك ماھارىتى بىلەن  رەھمەت ساڭا، ئەگەر مۇشۇ ئىشىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم قىلالىساڭ دادامنىڭ ئۆتكەن قېتىم دۈبەيدىن ئەكەپ بەرگەن  ئېسىل ئەتتىرىنى ساڭا سوغات قىلىمەن دېدى، ئەسلىدە قىزىڭىزغا تەلەپ قويغان بالا ، ئىشلارنى ئاستىرىتتىن توغۇرلاپ  قىزىڭىزنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئىندەككە كەلتۈرۈپ بولغان ئىدى، قىزىڭىزنىڭ دوستى بولسا ، ساۋاقدىشىنىڭ بەدىنىدىن ئارلاپ – ئارلاپ پۇراپ قالىدىغان ئاشۇ خۇش پۇراق ئەتتىرنىڭ تاماسىدا مەست بولغان ھالدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆمدى، قىزىڭىز ھەپتە ئويلىنىپ ئاخىرى بالىغا ماقۇللۇق جاۋابىنى بەردى، يىگىت خوشلىقىدا شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقتا بارلىق ساۋاقداشلىرىنى مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۆيىگە قايتمىسا بولمايدىغان ساۋاقداشلىرىدىن باشقا ھەممە ساۋاقدىشى چۈشلۈكى ئاشخانىدا مېھمان بولۇشتى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ خوشاللىقنىڭ سەۋەبىنى بىلىشەتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇ سىنىپتا يېڭى بىر مۇھەببەت ھىكايىسى باشلانغان ئىدى.
             ئالتىنجى ئاينىڭ ئىسسىق كۈنلىرى ھەممە ئادەمنى ئىش خوشياقماس، ھورۇن تەبىئەت قىلىۋەتكەن ئىدى، قىزىڭىز ئادىتىگە ئايلانغان ئىشى بويىچە ئۆيىدىن چىقىپلا ئوغۇل دوستى دائىم ئۇنى ساقلايدىغان دوقمۇشقا كۆز يۈگۈرتتى لېكىن ئوغۇل بۈگۈن كۆرۈنمەيتتى، قىزىڭىز دوقمۇشقا بېرىپ ئۇياق – بۇياققا قاراپ تۇردى، لېكىن ئوغۇل يەنىلا يوق، قىزىڭىز كۆڭلىدە مۆكۈۋېلىپ مېنى تۇيۇقسىز قورقۇتماقچى بولىۋاتىدۇ ھەقاچان دەپ ئاستا ئالدىغا قاراپ ماڭغاچ، پات – پات كەينىگە قاراپ قوياتتى لېكىن يىگىت يەنىلا يوق، شۇ تەرىقىدە قىزىڭىز مەكتەپكىمۇ كېلىپ قالدى، مانا بۈگۈن سىز ئەتتىگەنلىك ناشتىنى بولسا ئايالىڭىز بىلەن بىللە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىڭىز ، بەلكىم بۇنداق بىللە ناشتا قىلىپ باقمىغىلى قانچىلىك كۈنلەر بولدى، بۇنىمۇ ئەسلىيەلمەيسىز ھەقاچان، ئايالىڭىز بايام دەرىزىدىن پەسكە قاراپ نېمىلەرگىدۇر زەڭ سېلىپ قاراپ قويۇپ ،ئاندىن سىزگە ۋە ئۆزىگە ناشتىلىق تەييارلىدى، بۈگۈن سىز خۇددى يېڭى توي قىلغان يىگىتتەك ئايالىڭىزنىڭ تەييارلىغان بۇ ناشتىلىقىدىن بۆلەكچىلا خوش بولدىڭىز ، ھەم ھەيران قالماقتا ئىدىڭىز . چۈنكى بۇ ئائىلىڭىزدە بۇنداق كۆرۈنۈشلەر كۆرۈلۈپ باقمىغىلى خېلى زامانلار بولۇپ كەتكەن ئىدى ، ئايالىڭىز سۆز ئاچىتى، دادىسى سىز بىر نەرسىنى بايقىدىىڭزمۇ ؟، قىزىمىز يېقىندىن بېرى سەل باشقىچە بولۇپ قالدى، مەن بەزى ئىشلاردىن گۇمان قىلىپ قالدىم، ئوقۇتقۇچىسىمۇ تېلفون قىپتۇ ماڭا، يېقىندىن بېرى سەل دەرىستە چېكىنىش بار، خىيالىنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلماي ئوقۇشىنى ئوقۇسا بولاتتى دەيدۇ، مەن باشتا بۇ گېپىنى تازا ئاڭقىرالماپتىمەن، ئەمدى بولسا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇ سۆزىنىڭ تېگىگە يېتىۋاتىمەن ، قىزىمىز بىرەرى بىلەن ئارلىشىپ قالغاندەك قىلامدۇ نېمە –دېدى ، شۇ چاغدىلا سىز يەۋاتقان ناننى ئاستا تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ ، ئۈندىمەستىن چاپىنىڭىزنى كىيىپ ئىشىڭىزغا ماڭدىڭىز ، ئايالىڭىز بۇ ھەركىتىڭىزدىن ھەيران قالدى، ھەم چىقىپ كېتىشىڭىزگە ۋاي ئۆلۈك دەپ غۇدۇقشۇپ قويۇپ ناشتىسىنى قىلىپ ئىشىغا ماڭدى، قىزىڭىز سىنىپقا كىرىپ ، ئەتراپقا قارىدى، ئۇ ئوغۇل دوستىنى يەنە ئۇچرىتالمىدى، دوسلىرى تىنىچلىق سوراپ، كەيپىاتىڭ ياخشى ئەمەسقۇ نېم بولدى ئەتتىگەندە ساڭا دەپ گەپ سورىۋىدى، قىزىڭىز ئۈندىمەي ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ كىتاۋىنى كۆرۈشكە باشلىدى، مانا بىرىنجى سائەتلىك دەرىسمۇ توشتى، دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئوغۇل قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئەسنىگىنىچە سىنىپقا كېرىپ كەلدى، ھەم ئادىتى بويىچە ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋەتكەندىن كېيىن قىزىڭىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، قىزىڭىز تەرىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا ئالايغىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى، بۇنىڭدىن يىگىت ئۆزىنىڭ نېمىنى خاتا قىلغىنىنى بىلگەن ئىدى، ئىككىنجى سائەتلىك دەرىس باشلىنىشى بىلەن سىنىپ مەسئۇلى كىرىپ، ئوغۇلدىن ، ھە سەن بۈگۈن يەنە نەگە بادىڭ ياغاچ قۇلاق دەپ سوئال سورىدى ، ئوغۇل خېلى گەپچى بولغاچقا ، مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىغا دېگەن بولسىڭىز ، مۇشۇ مەكتەپتىكى قوڭغۇراقتىن بىرنى ئۆيۈمگە ئورنۇتۇپ بەرگەن بولسا ، بۇندىن كېيىن كېچىكىپ قالمايتىم دېدى، بالىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى، مۇئەللىمنىڭمۇ ئۇنىڭ قىززىق گەپلىرىدىن ئاچچىقى بىراز يېنىپ ھەي قاچانمۇ ئادەم بولاسەنكىن دېدى ، ئوغۇل دەرھاللا ، مۇئەللىم سىز بۇ چاققىچە ھايۋاناتلارغا دەرىس بېرىۋاتقانما دەپ سورىدى، بالىلار تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشتى ، سىنىپ كۈلكە ساداسى بىلەن تولغان ئىدى، ئوغۇل دەرھال قىزىڭىزغا قاراپ قويدى، قىزىڭىز ئۇنىڭ كۈلكىلىك گەپلىرىدىن بېشىنى پارتىغا قويىۋېلىپ، ئۇنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ، يۇشۇرۇنچە كۈلگىلى تۇرغان ئىدى،  مۇئەللىم بىر قىزىرىپ ، بىر تاتىرىپ بولدى دەرىسىمىزنى باشلايلى، سەن بىلەن كېيىن دېيىشەي دېدى، ئەمەلىيەتتە مۇئەللىمىمۇ كۈلكىدىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتىۋالغان ئىدى، مانا چۈشلۈك دەم ئېلىشمۇ بولدى، ئۇغۇل قىزىڭىزنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ چىقىپ، كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى، خاپا بولماڭە ئامرىقىم، ئاخشام مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بولغان شۇنى كۆرىمەن دەپ بەك كەچ ياتقانتىم شۇڭا ئۇخلاپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەھەللىڭىزگە بېرىپ سىزنى ساقلاپ تۇرالمىدىم، دەپ ئۆزرىسىنى بىلدۈردى، قىزىڭىز بولسا، ھە مەندىنمۇ مۇھىم بولغاندىن كېيىن شۇ پۇتبول كوماندىسى بىلەن يۈرۈۋال دەپ قوڭىنى چېقىپ ماڭغىلى تۇردى، ئوغۇل شۇ ئەسنادا قىزىڭىزنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى - دە گۇناھىمنى يۇيۇشقا پۇرسەت بېرىڭ، بۇ يەكشەنبە كۈنى ھېلىقى يېڭى چىققان كىنونى شەھرىمىزدە تۇنجى بولۇپ قويىدىكەن ، ئاكامنىڭ ئاغىنىسىغا دەپ قويدۇم ماڭا ئىككى بېلەت تېپىپ بېرىدىغان بولدى، بىللە بېرىپ كۆرپ كېلەيلى، ماڭا پۇرسەت بېرىڭ ئامرىقىم دېدى، قىزىڭىز ئىچىدە قاتتىق خوش بولدى، لېكىن ئىپادىلىمىدى، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولا دەپ قولىنى بوشاشتۇرۇپ، ئۆيىگە راۋان بولدى، قىزىڭىز شۇ كىنونى كۆرشكە قاتتىق تەقەززا بولغان ئىدى، چۈنكى ئۇ كىنونىڭ داۋرىڭى پۈتۈن شەھەرنى بىر ئالغان بولۇپ، قىزىڭىزمۇ شۇ كىنودا تەسۋىرلەنگەن مۇھەببەتنى بىر كۆرگىسى بار ئىدى ، يەكشەنبىمۇ كەلدى، قىزىڭىز ئوغۇل دوستى بىلەن كېلىشكەن ئورۇندا كۆرۈشۈپ كىنوخانىغا ماڭغان ئىدى، ئوغۇلنىڭ ئاكىسىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرىدىغان ئۇ ئاغىنىسى خېلى ئەسقاتقان ئىدى، ئىككى دانە ئايرىم خانىنىڭ بېلىتىنى تەييارلاپ بەرگەن ئىدى ، ئوغۇل كىنوخانىغا كىرىپ، غادايغان ھالدا بېلىتىنىڭ نومۇرى بويىچە ئايرىم خانىغا كىردى، قىزىڭىز باشتا سەل ھېيىقتى، مېنى نەگە باشلاۋاتىسىز دەپ سورىدى، بىز دېگەن كىم ، ئادەتتىكى بېلەتنى ئالمايمىز جۇمۇ ، مۇنداق ئېسىل زادىلەرگە لايىق بېلەتلەر بىزگە تېگىدۇ، ئامرىقىم دەپ پو ئاتتى، ئۇلار ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈشتى، ئايرىم خانا بولغاچ قىزىڭىز ئوغۇل بىلەن ناھايىتى يېقىن ئولتۇرغان ئىدى، مانا بۇ كىنونىڭ ئەڭ دەشششەت يەرلىرىگە كەلدى، ئامرىكىنىڭ ئىشلىگەن بۇ كىنوسىغا ئۈچۈنجى دەرىجىلىك سېرىق كۆرۈنۈشلەر قوشۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش مۇھەببەتنى يۇقۇرى دولقۇنغا ئۆرلىتىپ كۆرسەتكەن ئىدى، ئەنە شۇ يەرگە كەلگەندە ئوغۇل قىزنى چىڭ قۇچاقلىدى، قىزىڭىز كىنودىكى كۆرۈنۈشلەردىن مەست بولۇپ خۇدىنى يوقاتقاندەك بولۇپ قالغان ئىدى، قىزىڭىز ئايالىڭىزنىڭ ئېلىپ بەرگەن ھېلىقى چىرايلىق قىسقا يوپكىسىنى كىيىپ چىققان ئىدى، ئوغۇل قىزىڭىزنى چىڭ قۇچاقلاپ قۇچىقىغا يەڭگىل ئالدى، قىزىڭىز بۇ ئىسسىق ھارارەتنىڭ تەسىرىدە، ئۆزىنى خۇددى ئاشۇ قويۇلىۋاتقان كىنونىڭ ئىچىدىكىدەك ھىس قىلىپ قاتتىق لەززەت ئىچىگە چۆمگەن ئىدى، ئوغۇلمۇ كىچىك تۇرۇپ زاكىىسدا قېرىپ كەتكەن بولغاچ قىزىڭىزنىڭ بۇ ھىسياتىنى چۈشىنىۋالدى بولغاي، ئەپچىللىك بىلەن قىزىڭىزنىڭ يوپكىسىنى ئۈستىگە قايرىۋەتتى.
                باياتىنلا تېخى ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ئىدى، نېمىشقىدۇر بۇ ھاۋا تۇيۇقسىزلا ئۆزگەردى، غەزەپلەندىمۇ، قايغۇردىمۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ ، بىرلا شامال چىقىپ ھەممە ياقنى بۇلۇت قاپلىدى، بىردەمدىن كېيىنلا يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى، بۇ يامغۇر زىمىندىكى كىرلىكنى، مەينەتلىكىنى ۋە بارچە بۇزۇقچىلىقنىڭ يالدامىسى بولغان پاسكىنچىلىقنى يۇيۇش ئۈچۈن چۈشكەندەكمۇ قىلاتتى ، بىلگۈچى ئاللاھ، سىز بولسىڭىز كۆڭلىڭىزنى بىئارام قىلغان ھاۋا رايىدىن بىزار بولغاندەك، مەھەللىڭىزدىكى كىچىك دۇككاندىن سىرتقا چىقىپ ئاسمانغا قاراپ قويۇپ ئۆيىڭىزگە كىرىپ تېلۋزورنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇردىڭىز، شۇ ئارىدا ئايالىڭىزمۇ كىرىپ كەلدى، سىز ئايالىڭىزغا بۈگۈن ھەجەپ بالدۇر كېلىپ قاپسىزغۇ؟ دەپ سورىغىنىڭىزدا، ئايالىڭىز بىر ئالىيۋېتىپ، بۇ يامغۇرلۇق ھاۋادا نەگە باراتتىم ئۆيگە كەلمەي دېدى، ئاندىن قىزىم يوقما ئۆيدە، نەگە كەتكەن ، تېخىچە كەلمىدىما ، قاچان چىقىپ كەتكەن ، دەپ بىر تالاي سوئاللارنى ئارقا – ئارقىدىن سوراپ كەتتى، سىز سەل تەئەججۈپلىنىپ قېلىپ، ئۇخمايمەن ، چۈشتىن ئاۋال ئۆيدە ئىدى، كىرسەم يوق تۇرىدۇ دېدىڭىز، ئايالىڭىز كىرىسلودا ئولتۇرۇپ، خىزمەتدىشىنىڭ قىزىنىڭ ئىشىنى يەنە ئېسىگە ئالدىدە سەل خاتىرجەمسىزلىنىپ قالدى، ئەسلىدە خىزمەتدىشىنىڭ قىزىمۇ قىزىڭىز بىلەن ياش جەھەتتە پەرقلىنىپ كەتمەيتى، ئالدىنقى ھەپتە ئۆزى تېپىشىۋالغان يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت بىلەن ئوقۇشىنىمۇ تاشلاپ ئىشكىرگە قېچىپ كەتكەن ئىدى، مانا ئايالىڭىز كۆز ئالدىدىكى شۇ ئەمەلىيەتنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۆ قىزىدىن باشقىچە ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى، بېرىش – كېلىشلەرنىمۇ سەل ئازلاتقان ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بۇ خىياللىرىنى ۋە تەشۋىشلىرىنى سىزگە ئېيتمايتتى.
                تالادا يامغۇر بىر خىل رەۋىشتە ياغماقتا ، زىمىننىڭ ھەممە يېرى يامغۇر سۈيىدە يۇيۇنغاندەكمۇ قىلاتتى، لېكىن بۇ يامغۇر ، بۇ جەمىئەتتىكى، قەلبى رەزىللىككە ، مەينەتچىلىككە، كۇپرى –زالالكەتكە تولغان قەلبلەرنى يۇيۇشقا ئاجىز ئىدى، ئۇنى يۇيۇش پەقە ياراتقۇچى كەرەملىك ئاللاھنىڭ قولىدا خالاس، كىنوخانىدا قىزىڭىز كىنونى كۆردىمۇ ياكى كىنو قىزىڭىزنى كۆردىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمىدى، قىزىڭىز يۈزىنى ئېتىۋېلىپ ئېتىلىپ يىغلايتتى، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ، ئاپام ئۇقۇپ قالسا قالداق قىلىمەن، دوسلۇرۇمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن ، توختىماي سۆزلەپ يىغلايتتى، ئوغۇل بولسا، قىزىڭىزنى بەزلەپ ، ھەممىگە مەن ئىگە ، بىز توي قىلىمىز، ھىچ ئىش بولمايدۇ ، ھىچ كىم بىلمەيدۇ دەپ ، بىرمۇنچە تاتلىق گەپلىرى بىلەن ئاخىرى قىزىڭىزنى بەزلىدى، قىىزڭىز بەزلەنمەيمۇ نېمە ئامال، چېقىلغان قاچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولسۇنمۇ، سىز پات – پات دەرىزىدىن يولغا قاراپ قىزىڭىزنىڭ سىماسىغا تەلپۈنمەكتە ئىدىڭىز، ھەم بىر خىل تەشۋىش ئىچىڭىزنى داۋاملىق ئۆرتەيتى، ئايالىڭىز سىزگە قاراپ ، دوستىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ باقامسىز يا، شۇ يەردە بولسا يامغۇردا كىرەلمەي ۋاتامدۇ ؟ دەپ سورىدى، سىز خۇددى پولىشىپ قالغان پەمىدۇردەك ئولتۇرغان قىياپىتىڭىزنى رۇسلاپ، بىرەر سائەت قاراپ باقايلى كىرمىسە مەن چىقىپ ئىزدەي دېدىڭىز ، ئايالىڭىز يەنە سىرتقا قاراپ  تۇرىشىغا ئىشىك ئېچىلىپ قىزىڭىز كىرىپ كەلدى، ئايالىڭىز ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاپپاق قىزىم بىزنى ئەنسىرەتتىڭىزغۇ ، نەگە بارغان ئىدىڭىز ، يەنە كەلمىسىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتقا چىقايلى دەپ تۇرغان ئىدۇق دەپ ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرگەن پۈتۈن ۋۇجۇدى تەشۋىش، قورقۇش، ئالاقىزادىلىك ئىچىدە قالغان قىزىڭىزنى بىزار قىلدى بولغاي، قىزىڭىز ئاپا مىجەزىم يوق دەپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئايالىڭىزنىڭ كۆزى قىزىڭىزنىڭ يوپكىسىغا چۈشكەن ئىدى، ھەم يوپكىىدىكى كىچىككىنە داغ ئايالىڭىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، ئارقىسىدىن كىرىپ سورۇغىسى كەلدىيۇ ، لېكىن قىزى بىلەن قىزىرىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدى، ھەم ئۆزىگە – ئۆزى تەسەللى بېرىپ بەلكىم قىزىم كىچىك بولغاچ ئادىتىگە دىققەت قىلالماي ، داغ بوپ قالغاندۇ دەپ ئويلىدى، لېكىن سىز ئىشىنىڭ قىزىڭىز خوتۇن بولۇپ بولدى، بۇ ھەقىقەت ، بۇ ئەمەلىيەت

    ئاپتورى : ت. شەرقى
    مەنبە: باغداش مۇنبىرى
    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ