• 2012-09-29

    «قوزا خۇشخۇي» دىن تۇغۇلغان ئويلار - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

    «قوزا خۇشخۇي» دىن تۇغۇلغان ئويلار


       گەرچە چوڭ بولساممۇ جىيەنلىرىم بىلەن بىللە ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا شۇنداق چىڭ يېپىشىدۇ. بەزىدە تېخى مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئويۇن تېخىمۇ قىززىپ كېتىدۇ. يوغانلا بىر قىزنىڭ كىچىك بالىلار بىلەن بىللە ئوينىشى ئەيىب ھېسابلىنىشى مۇمكىن. لېكىن نېمە ئامال؟ سۈپۈرگىنى  قولۇمغا ئەمدى ئېلىشىمغا دەرۋازىدا كەپسىزلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ:
       - ئاچام بارمۇ؟  بىللە ئوينايتتۇق ...
    مېنى ئىزدەپ كىرگەن بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىنى  تونۇمايمەن.  بەلكىم ئۇلارمۇ ئىسمىمنى بىلمىسە كېرەك، ھەممىسى پەقەت «ئاچا» دەپلا چاقىرىدۇ... بۇ بالىلارچە قىلىقىم ئەيىب ھېسابلانسا شۇنداق بولۇپ تۇرۇپ تۇرسۇن، چۈنكى گېپىمىزنىڭ مۇھىم يېرى بۇ ئەمەس.
       ھېكايە ئېيتىش بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنىڭ بىرى. بەزىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئوقۇپ بەرسەم بەزىدە جىيەنلىرىم ئۇخلىغىلى ئۇنىمىغاندا بىر ھېكايىنى ئۆزۈم تۇقۇپلا ئالدىرىماي ئوقۇسام ھەرقانچە كەپسىز بالىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇخاراغا مېڭىپ بولىدۇ. ئەمدى ھېكايەمنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەم، بەزىدە ھايۋانات توغرىسىدىكى بالىلار چۆچەكلىرىنى شۇ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە توقۇسام بەزىدە تارىخىمىز، ئەجدادلىرىمىز ھەققىدىكى ئاز-تولا بىلىدىغانلىرىمنى ھېكايە شەكىلدە سۆزلەپ بېرەتتىم.
       بىر كۈنى بالىلار زادى ئۇخلىغىلى ئۇنىماي ئانامنى يامان خاپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن دەپ، ئۇلارنى گول قىلغان بولدۇم. قايسسىنى سۆزلەپ بەرسەم بولار دەپ، ئولتۇرسام بالىلارنىڭ بىرى:«ھېلقى بۆرىنى...» دەپ قالدى. ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى مەن دائىم سۆزلەپ بېرىدىغان «ئۇغۇزخان» ھېكايىسى ئىدى. بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا پەقەت شۇ يولباشلغۇچى كۆك بۆرىنىلا ئېسىدە تۇتۇۋاپتۇ. بولىدۇ دەپ، ھېكايەمنى باشلىدىم. شۇنداق قىززىپ سۆزلەۋاتاتتىم. توساتتىن بىرى:
       - «قوزا خۇشخۇي» دا ئۇنداق دېمەيدۇ. كۆك بۆرە ئۇنداق بەلەن ئەمەس. ئۇ بەك ئەسكى،- دېدى. مەن:
       - ياق ئۇكام، كۆك بۆرە دېگەن شۇنداق باتۇر، قەيسەر. ئۇ ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمان،- دەپ چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ئۇلار زادى قايىل بولمىدى. مەن دائىم ئۇلارغا بۆرىنى ياخشى دەپ، سۆزلەپ بېرىۋاتسام ئۇلار زادى نېمە ئۈچۈن كۆك بۆرىنى ئەسكى دەيدىغاندۇ دېسەم، ئەسلى ئۇلار  كارتون فىلىم «بۆرە بىلەن قوزا»نى ھەر كۈنى كۆرگەچكە شۇنىڭ تەسىرىدىن بۆرىگە ئۆچ بولۇپ قالغان ئىكەن.
        بۇ قارىماققا كىچىك ئىشتەك تۇرسىمۇ لېكىن بالىلارنىڭ بۇ سوئالى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.  كۆك بۆرە بىزنىڭ ئىڭىمىزدە ئەسلى باتۇرلۇق، قەيسەرلىكنىڭ سىمۋۇلى ئىدى. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم مەسەللەرنى ھېسابغا ئالمىغاندا ئەدەبىياتىمىزدا  كۆك بۆرە ھەققىدىكى ئىجابىي بايانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىراق ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىڭىدە كۆك بۆرە ساختىپەزلىك، ھىيلىگەرلىك، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، ھاماقەتنىڭ ۋەكىلى ئىكەن. مېنىڭ شۇنچە ئويلىنىپ، ئۇلارغا ھېكايە سۆزلەپ تىرىشقانلىرىم شۇ ھەر بىر قىسمى بىر نەچچە مىنۇتلۇقلا كارتون فىلىمنىڭ ئالىدىدا نۆلگە باراۋەر بولدى. مەن تېخى ھايۋانات بولغاچقا بالىلار قىزىقىدۇ، شۇڭا  ئاۋۋال كۆك بۆرىدىن باشلاپ، ئاندىن ئۇلارغا باشقا نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.
       ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرۇق ئىشلەتسەم ھەممىنى بەلەن ئىشلەپ كېلىپلا «ئېلىپبە» گە كەلگەندە شۇنداق ھورۇنلۇق قىلىدۇ. «ئۇنداق قىلماڭ، بۇ دېگەن بىزنىڭ تىلىمىز. بۇنى ئۆگىنىش سىز يەسلىدە تۆت يىل ئۆگەنگەن ‹بو، پو، مو، فو...› دىن جىق ئاسان. ساۋادىڭىز چىقسا ھۇجرامدىكى شۇ جىق كىتابلىرىمىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ تۇرىمەن» دېسەممۇ بۇ كىتابقا بەك قىزىقمىدى.  نېمىشقا ئۇنداق قىلىدىكىن  دېسەم «ئېلىپبە» كىتابتىكى رەسىملەر، تېكىسىتلەر «ئەدەبىيات»(خەنزۇچە) كىتابىدىكىدەك سەرخىل ئەمەسكەن. دېمەك، بالىلار يەسلىدە بۇ كىتاب بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بولۇپلا قالماستىن يەنە كىتابنىڭ رەڭدارلىقى يېتەرلىك ئەمەسكەن. بۇنىڭغا جىلە بولۇپ ئولتۇرسام ئاچامنىڭ 9 ئايلىق بولغان بوۋىقىنىڭ بىر ئىشىغا قاراپ:« ھە، ھەممىنى قوش تىل مائارىپىغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىمىز تىرىشماپتىمىز» دەپ ئويلىدىم. بۇ ئىش مۇنداق بولدى:
        بىر كۈنى چۈشكە يېقىن بۇ بوۋاق بەك قەغىش قىلىپ كەتتى، ئانىسى تېخى ئىشقا كەتكەن. ھېچنىمىگە گول قىلالماي، تورغا چىقىپ «بوۋاقلار قوشىقى» دەپ كىرگۈزسەم دەسلپىدە بىر ئۆردەك توغرىسىدىكى بالىلار ناخشىسى چىقتى. شۇنچە قىلىپمۇ ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە تور بەتتىن ھەم سۈزۈك ھەم جاراڭلىق ئېيتىلغان ئۇيغۇرچە ناخشا تاپالمىغاچقا «قېنى قانداق قىلىدۇ» دەپ شۇنى قويدۇم. كىم بىلسۇن، بۇ بالىلار ناخشىسى قويۇلىشى بىلەنلا بالا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆرۈشكە باشلىدى. شۇنداق بىرىلىپ كۆردىكى توختاپ قالسا خۇددى« تەكرار قوي» دېگەندەك بوش ۋارقىراپ قوياتتى. بىر كەمدە ئانام يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ :« تىڭشىسام يە سىز ئاۋاز چىقارمايسىز ، يە بالا. ئەنسىرەپ كىرىشىم...» دەپ. شۇندىن كېيىن  بالا خاپا قىلسىلا شۇنى قويۇپ بېردىغان بولدۇق ھەم تولا قويۇۋېرىپ ھەممىمىزگە يادا بولۇپ كەتتى.
       نېملا دېگەنبىلەن 9، 10 ئايلىق بوۋاققا ئۆز ئانا تىلى بولمىغان تىلدا كارتون فىلىم، قوشاق دېگەنلەرنى قويۇپ بېرىش ياخشى ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ئاچامنى «بالاڭنى ئويلىمامسەن؟» دەپ قورقۇتۇپ كىتابخانىغا يۈگۈرتۈپ ئۆزۈم تورغا ياماشتىم لېكىن ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. چۈنكى توردا ئۆز تىلىمىزدىكى بالىلار ناخشىسى ساناقلىقلا ئىكەن. ئۇنى قويسام بوۋاق ئىكرانغا قاراپمۇ قويمىدى. دېمەك، ئۇدارى ھەم تېكىستى جەھەتتىن بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان بالىلار قوشاقلىرىنى تېپىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ئاچاممۇ كىتابخانىدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. دېيىشىچە، كىتابخانىدىمۇ تۈزۈك بىر نەرسە يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا قايىل بولماي، ئۆزۈم بېرىپ بىر -ئىككى پارچە بالىلار قوشاقلىرى كىتابىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇقۇپ بەرسەم بالىلارنىڭ  ھەتتا چوڭىمۇ تىڭشىمىدى.
       ھەي، ئەجەبا بۇ ھېكايە، قوشاق ئېيتىش دېگەنلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندىمۇ، ئۇلارغا ئۆز نەرسىلرىمىزنى ياقتۇرمامدىغاندۇ دېسەم «يۇلتۇزلار» دېگەن ناخشىغا ھەممىسى بەك ئامراق. ھېلىقى بوۋاقمۇ ئۆزىچە ئۇنى ئەللەي ناخشىسى قىلىۋالدى. ئۇنى ئېيىتساقلا بىردەمدە ئۇخلاپ قالىدۇ.
       ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلارغا ئۆزىمىزچە قوشاق، ناخشا، تېپىشماقلارنى ئۆگىتىمىز، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، كىچىكىدىن باشلاپ خۇددى خەنزۇ بالىلار تاڭ شېئىرلىرىنى يادلاش بىلەن ئۆز ئەجدادىنى يات ئەتكەندەك ئۇلارمۇ ئاتا-بوۋىسىنى تونۇسۇن دېسەك ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن، كونكېرىت قىلىپ ئېيىتقاندا كومپىيوتېر قاتارلىقلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ  شۇ  بار نەرسىلىرىمىزنى كارتون فىلىم، سۈرەتلىك قوشاق،  قىسقا بالىلار كىنوسى قىلىپ ئىشلەپ گۆدەكلەر ئۈچۈن سۇنىشىمىز، ئۇلارنى ئۆز تىلىمىزدىكى مول بالىلار «سوۋغا»لىرى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەككەن. بالىلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگنىشنى ياقتۇرمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار قالاق، جانسىز ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدىكەن، ياراتمايدىكەن. بولمىسا  شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ بالىلار قانىلىغا قارىغاندا، مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسى ۋە خۇنەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ بالىلار قانىلى، «بىللە ئۆگىنەيلى» پىروگىراممىسىنىڭ خەنزۇچە قوشىقىغا قارىغاندا ئۇيغۇرچە قوشىقىغا بەكرەك مەپتۇن بولارمىدى؟  
       ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، جامائەت!  قولىمىزدىن كېلىدىغانلار، ئىقتىدارىمىز بارلار سەرخىل مۇھەببەت قوشاقلىرى ھەم ناخشا تېكىسىتلىرىنىلا يېزىۋەرمەي يەنە شۇ سەبىي گۆدەكلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بىر بەرسە يېزىپ قويايلى، ئىشلەپ قويايلى. ئۇلارنىڭ دۇنياسى تېخىمۇ رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە تولسۇن! ساپ قەلبى تېخمۇ  بەكرەك خۇشاللىققا تولسۇن!  

    مەنبە : مىسرانىم تور بېكىتى

    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ