•                سىز توي قىلغىلىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە ئىككى يىلمۇ بولاي دەپ قالدى، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ۋە ئۈمۈدىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىزمۇ تۇغۇلدى، سىز كېچە – كۈندۈز ئۈمۈد قىلغان ، ھەم تىلىگەن ئۇ  ئوغۇل پەرزەنت، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سىزگە نىسىپ بولمىدى، بەلكى ئاللاھ سىزگە ئۇماق بىر قىز ئاتا قىلغان ئىدى، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتى ، ئايالىڭىزنى بۈلەكچىلا خوش قىلغان ئىدى، لېكىن ئايالىڭىز بۇ نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشنى ، بۇ نېممەت بەدىلىگە ئاللاھقا لايىقىدا ئىبادەت قىلىپ،  ئاللاھقا بولغان شۈكرانىسىنى بىلدۈرۈشنى ئەسلا بىلمەيتى، ئەلۋەتتە بۇدرۇققىنا بۇ  گۈزەل بوۋاق، سىزنىڭمۇ  بارچە مېھرىڭىزنى بېرىشىڭىزگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى .

  • تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىزامۇددىن ئەلىشىر 1441- يىلى ھىرات (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ)  تا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى غىياسۇددىن بارلاس خوراسان ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمۇ تىمۇرلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. ئەلىشىر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

    ئەلىشىر دەسلەپتە ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئەبۇلقاسىمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تەلىم –تەربىيە كۆرىدۇ. كېيىنچە ئەبۇلقاسىم بىلەن بىرلىكتە مەشھەتكە كېتىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇلتان ئەبۇلقاسىم ۋە ئاتىسى بارلاس ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەلىشىرنى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىدۇ ۋە ئەبۇ سەئىد مىرزانىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. ھۇسەيىن بايقارا 1469- يىلى سۇلتان بولغاندىن كېيىن ئەلىشىرنى سارايدا مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

  • خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق يەۋاتقاندا بۇرنىنى ئالماسلىق، باشقىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا يەل قويماسلىق (گەرچە ھازىر بەزىلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسىمۇ ئەمما بۇ راست بىزنىڭ ئەنئەنىمىز).. دېگەندەك ئېغىر ئالىدىغان قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولغىنىدەك، ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدىلىرى بولىدىكەن ھەتتا بەزىلىرىگە بىز ئانچە دىققەت قىلمىغاچقا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكىنىمىزنى سەزمەي قالدىكەنمىز.

  •  1.ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كىلىدۇ.ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.بىراق سىز سەل ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى كونتۇرۇل قىلالايسىز،يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يىنىك سۇيۇپ خۇشلاشسىڭىز ،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يىنىك قۇچاغلاپ قويسىڭىز،بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ؛
     2.ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ.بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش.چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ،ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىز ھاردىم دەپ سافادا ئولتۇرغىنىڭىزدا ،ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ؛
     3.ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم،ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم.شۇڭا ئايالىڭىزنى دوسلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ؛

  • مەن گەرچە بلوگتا Blogbus ئىلانىنى قويۇشنى تۇغرا چۈشەنسەممۇ، لىكىن بلوگۇمنىڭ بەت يۈزىنىڭ ھەر خىل ئىلانلاردىن خالى پاكىز تۇرۇشىنى بەكرەك خالايمەن، شۇڭلاشقا مۇشۇ كەمگىچە بلوگۇمدا ئىلان قويۇپ باقمىدىم. Blogbus نىڭ بۇ ئىلانى بەك چوڭمۇ ئەمەس ھەم بەتكە بەك چوڭ تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ ،لېكىن ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇشنى ئويلاپ يۈرەتتىم. باشقا بلوگلاردا بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، سىناپ باقسام بەزىلىرى ئىشلىمىدى، بەزىلىرىنىڭ كودې بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇنىڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم .

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :