• مەن گەرچە بلوگتا Blogbus ئىلانىنى قويۇشنى تۇغرا چۈشەنسەممۇ، لىكىن بلوگۇمنىڭ بەت يۈزىنىڭ ھەر خىل ئىلانلاردىن خالى پاكىز تۇرۇشىنى بەكرەك خالايمەن، شۇڭلاشقا مۇشۇ كەمگىچە بلوگۇمدا ئىلان قويۇپ باقمىدىم. Blogbus نىڭ بۇ ئىلانى بەك چوڭمۇ ئەمەس ھەم بەتكە بەك چوڭ تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ ،لېكىن ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇشنى ئويلاپ يۈرەتتىم. باشقا بلوگلاردا بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، سىناپ باقسام بەزىلىرى ئىشلىمىدى، بەزىلىرىنىڭ كودې بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇنىڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم .

  •     بلوگباسنى ئىشلىتىۋاتقان بلوگ ئېگىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك ، بلوگباس مۇشۇ كەمگىچە بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش قىتىم سانىنى  كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق، بۇنداق بولغاندا سىز يوللىغان تېمىنى زادى قانچە ئادەم كۆردى بۇنى بىلىش تەسكە توختايدۇ، ئۇنداقتا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئامالى يوقمۇ ؟ كونىلار «سەۋەب قىلساڭ سىۋەتتىمۇ سۇ توختايدۇ» دەپتىكەن. بۇنىڭ ئامالىمۇ بار . قىنى تۈۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

  •     خىلىدىن بىرى بلوگنىڭ يان تەرىپىدە Blogbus نىڭ ئىلانى پەيدا بۇلىۋىلىپ،ئۇنى قانداق يوقىتىشنى بىلەلمەي ئىچىم بەك پۇشقانتى، بەلكىم بلوگباسنى ئىشلىتىۋاتقان خىلى كۆپ بلوگداشلار مەندەك تەسىراتقا كەلگەن بولىشى مۈمكىن. مەن بۇنىڭ ئامالىنى تىپىش ئۈچۈن تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم، سىناپ باقسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى، باشقا بلوگداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم.

         ئاۋۋال بلوگباسنىڭ ئارقا ھويلىسىغا كىرىپ ئۇسلۇب دىگەننى بېسىپ ئۇسلۇب تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىمىز ، ئاندىن ئايرىم- ئايرىم Index ۋە Detail كود بۆلىكىنى ئىچىپ تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىزىل ۋە كۆك رامكا ئىچىگە ئىلىنغان كودلارنى تىپىپ شۇ كودلارنى ئۆچۈرۋەتسىڭىزلا ئىش تامام بولىدۇ.

  •     بلوگۇڭىزدا ئۇشبۇ بلوگتەك ھاۋارايى بۆلىكىنى قوشماقچى بولسىڭىز ، http://www.blogweather.net/signup.aspx نى بېسىپ تېزىملاتسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كېلىدىغان ، بلوگ زىيارەتچىسىنىڭ IP ئاددىرىسىغا ئاساسەن شۇ كېشى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ بۈگۈن ۋە ئەتە ئىككى كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بلوگ ھاۋارايى كودىغا ئېگە بولىسىز . ئەگەر بۇ مەشغولاتلارنى قىلىشنى ئاۋارچىلىق كۆرسىڭىز، ھىچقىسى يوق ، ئەمىسە مەن تەييار ئېلىپ قويغان ھارايى كودىنى ئىشلىتىڭ يەنى بۇ كود : بۇنى بلوگۇڭىزنىڭ باشقۇرۇش ئورنىدىن HTML كودىنى قىستۇرۇش بۆلىكىگە قىستۇرۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. قىنى سىزمۇ سىناپ بىقىڭ .

  •     blogbus  نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ utf-8 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشى، بلوگ كودىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولدىغانلىقى شۇنداقلا بەزى ئوت يۈرەك تورداشلارنىڭ ئۇنىڭ بلوگ بەت يۈزىنى ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، ناھايىتى نورمال ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەندىمۇ بۇنى ئىشلىتىپ بىقىش ئىستىكى قوزغالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ blogbus دىن «ئابرال» نامىدا بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇشبۇ بلوگۇمنى قۇرۇپ چىقتىم . دەرۋەقە blogbus نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ ھەقىقەتەن تىز، قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى يوقۇرى بولۇشتەك ئارتوقچىلىقى مىنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :