• «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.
    يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.
    ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن.
    20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى.

  •  
         ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك - زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات - سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.
           تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19 -ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862 - يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).
      1882 - يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 1900 دىن ئارتۇق تاتار بولۇپ، ئۇلار غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، قورغاس، نىلقا، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تارقالغان. تاتارلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە غۇلجا شەھىرىدىن قالسا چۆچەك 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار مەرىپەت سۆيگۈچى خەلق ھېسابلىنىدۇ.

  •  غۇلجا  شەھرىنىڭ قاچان بىنا قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن « غۇلجا » دەپ ئاتالغانلىقى  توغرىسىدا جۇڭگو ۋە  چەت ئەل تارىخچىلىرى ئۇزاقتىن بېرى ئىزدىنىپ  كەلمەكتە .

      غۇلجا 1888-يىلى ناھيە   بولۇپ  قۇرۇلغان  بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ  تارىخىنى خېلى ئۇزاقتىن باشلاشقا  توغرا كېلىدۇ . غۇلجىنىڭ جامائەتچىلىك نەزەرىگە كۆپرەك چۈشكەن  ۋاقتى  جوڭغارلار دەۋرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ مەزگىلدە  غۇلجا جۇڭغار خانى قۇنتاجى(قۇنتەيجى) يەنى سېۋېت ئارابدان (1727-1663) نىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان ،يەنى ھازىرقى  غۇلجا شەھرىدە قەد كۆتۈرۈپ  تۇرغان  قارا  دوڭنىڭ ئېگىز  چوققىسى يېنىدا ئەينى   چاغلاردا قۇنتاجىنىڭ ئوردىسى قۇرۇلغان .ئوردا خارابىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا ھازىرقى «گۈلشەنباغ» تارىخنىڭ گۈۋاچىسى سۈپىتىدە  ياپيېشىللىققا  پۈركىنىپ  تۇرماقتا .

  • ھەر كۈنى توي بولىدۇ، ھەممە يەردە توي بولىدۇ. لىكىن غۇلجىدا توي دەريا بويىدا بولىدۇ.
      ئىلگىرى، غۇلجىدا ياشلار توي قىلسا دەريا بويىغا بىرىپ توي قىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ باشتا سەل غەلىتە تۇيۇلدى. چۈنكى ئادەتتە توي رىستۇران، ئۆيلەردە بولىدۇ-دە.كېيىن ئىلى ياشلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىلى كۆۋرۈكىگە بىرىپ توي قىلىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە، غۇلجىلىقلارنىڭ بۇ روھىغا ئاپىرىن ئېيتقۇم كەلدى،شۇنداقلا شۇ دەريا بويلىرىغا بىرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم كەلدى. 3يىل ئىلگىرى يازدا ساياھەت قىلىپ غۇلجىغا بارغىنىمدا بىرقانچە ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە بىرىپ كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم. بۇ قېتىم بارغىنىمدا كونا كۆۋرۈك رىمونت قىلىنىۋاتقاچقا،ئۇ يەرگە بارغىلى بولمىدى. ئۇنداقتا ئىلى ياشلىرى ھازىرمۇ ئىلى دەريا بويلىرىغا بىرىپ توي قىلارمۇ؟
        بىر كۈنى قازاق خەلقىنىڭ داڭلىق خەلق سەنئەتكارى بۇبۇمەرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چاپچال ناھېيىسىگە باردۇق.غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كەتكىچە خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى. شەھەرگە قايتىش يولىدا يېڭى سېلىنغان ئىلى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ قالدۇق.ئالدىمىزدا توپ-توپ ياشلار گارمون چىلىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇلار يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنى ئورىۋىلىشقان ئىدى. بۇ تاسادىپى ئۇچرىشىشتىن ماشىنىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھاياجانلاشتى ۋە تېزدىن ماشىنىدىن چۈشۈپ سۈرەتكە ئىلىشتى.ئۇلار بېيجىڭدىن كەلگەچكە ئۇيغۇرلارنىڭ تويىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، بۇنداق دەريا بويىدا بولغان تويغا تېخىمۇ ھەيران قىلىشتى. كېيىن ئۇلار مەندىن ياشلار نىمە ئۈچۈن دەريا بويىغا بېرىپ توي قىلىدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ئىلى دەرياسى ئىلى خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى، ئىلى خەلقى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان،شۇڭا ئۇلار بۇ ئانا دەرياغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى مۇشۇ دەريا بويىغا كىلىپ ئۆتكۈزىدۇ،دەپ جاۋاپ بەردىم.ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىلى خەلقىنىڭ بۇ روھىغا ئاپىرىن ئېيتتى، ھەمدە بۇنداق توي دۇنيادىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك توي، دىيىشتى.

  • ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ،
    ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ.
    ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ،
    ﺋﯘﯓ ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﺪﻩ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭ.
     

         ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯﺑﻪﺯﻯ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﭘﺎﻳﻼﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻠﻰ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ:

  • ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺨﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﻳﯜﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ( ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ "ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﻰ" ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ) ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ... ﺑﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ «ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ» ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ:ﻏﯘﻟﺠﺎﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ (ﻳﯜﻩﻥﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ، 1279 -- 1368)، ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1368 -- 1644) ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ، "ﺋﯩﻠﻰﺑﺎﻟﯩﻖ" ("ﺑﺎﻟﯩﻖ" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ "ﺷﻪﮬﻪﺭ" ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ) ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻰﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯧﯟﯦﻦ ﺋﺎﺭﺍﺑﺪﺍﻥ (1663 -- 1727) ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻱﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ 9 ﻗﻪﻟﺌﻪﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 1762- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﺭﻭﺳﯩﻴﻪﺳﻰ 1871- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. 1762- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰﻛﯜﺭﻩﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ -- ﺋﯩﻠﻰﮔﯘﯓ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻚ) ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯕﻨﻰ (ﺋﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ 2- ﺋﻮﻏﻠﻰ) ﮔﯘﯓ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﻏﻮﺟﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﻣﺎﻧﺠﯘ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯓ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ <<ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯘﯓ-ﺑﻪﮔﻠﯩﻚﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ>> ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. (ﺑﯘﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "ﺷﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ"، "ﺋﻮﺭﺩﺍﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ) ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯓ 1766- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

  • ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان مۇنبەت ئېتىزلار «ئاشلىق كانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىلىرىدىغان مۇھىم     مەنبەلەرنىڭ  بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدىكى چېپىلىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ بولغان مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشى – ئاق ئۆستەڭ بۇ مۇنبەت ئېتىزلارنى زىرائەتنىڭ جېنى ھەم قېنى بولغان سۇ بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە. ئاق ئۆستەڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تارىخ سەھپسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئىلىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدا غايەت زور رول ئوينىدى. شۇڭا ئىلى خەلقى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى چورۇق ھېكىمنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :