• 2008-04-06

    ئاق ئۆستەڭ - [تارىخقا نەزەر]

    ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان مۇنبەت ئېتىزلار «ئاشلىق كانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىلىرىدىغان مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدىكى چېپىلىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ بولغان مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشى – ئاق ئۆستەڭ بۇ مۇنبەت ئېتىزلارنى زىرائەتنىڭ جېنى ھەم قېنى بولغان سۇ بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە. ئاق ئۆستەڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تارىخ سەھپسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئىلىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدا غايەت زور رول ئوينىدى. شۇڭا ئىلى خەلقى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى چورۇق ھېكىمنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە.
    1. بۈگۈنكى ئاق ئۆستەڭ
    ئاق ئۆستەڭ – ئىلىدىكى مۇھىم سۇغىرىش رايونلىرىدىن بىرى بولغان قاش دەرياسى سۇغىرىش رايونىدىكى ئاساسلىق ئۆستەڭدۇر، ئاق ئۆستەڭنىڭ ھازىرقى ئومومى ئۇزۇنلۇقى 92كىلومېتىر بولۇپ، قاش دەرياسىدىن كۈرەگىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۆستەڭنىڭ غۇلجا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن 315مىڭ 200مو يەر سۇغىرىلىدۇ؛ غۇلجا شەھىرى تەۋەسىدىكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24.8 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن 113مىڭ 200مو يەر سۇغىرىلىدۇ؛ قالغان قىسمى قورغاس ناھىيىسى ۋە يېزا ئىگىلىك 4–شىسىنىڭ 66–تۈەن مەيدانى تەۋەسىدە. ئاق ئۆستەڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەنزۇچە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە«皇渠خۇاڭچۈي» (يەنى «خانلىق ئۆستەڭ») دەپ ئاتالغان. ئازادلىقتىن كېيىن «خانلىق ئۆستەڭ» دەپ ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىلىپ، «皇»خېتى «湟»قىلىپ يېزىلىدىغان بولدى. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدە «水湟» دەپ ئاتىلىدىغان دەريا بار، ئاق ئۆستەڭنىڭ خەنزۇچە نامىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتىلىشى شۇ دەرياغا ئوخشىتىپ قويۇلغان بولسا كېرەك. ئاق ئۆستەڭنىڭ خەنزۇچە نامى 1965–يىلى «人民渠» («خەلق ئۆستىڭى») گە ئۆزگەرتىلدى. ئۇيغۇرچە نامى بولسا ئىزچىل ھالدا «ئاق ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىپ كەلدى.
    2. ئاق ئۆستەڭنىڭ تەكتى تاش ئۆستەڭ
    تاش ئۆستەڭ – ھازىرقى ئاق ئۆستەڭنىڭ تەكتى. ئىلىدا يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن تىلشۇناس، تارىخچى ۋە شائىر تېيىپزات خەلپەت تاھىرى (1901– 1974) ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاق ئۆستەڭ – ئىلى ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە ئۆستەڭلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئۇزۇنراقىدۇر. بۇ ئۆستەڭنىڭ بېشى قاش دەرياسىدىن ئېلىنغان. بۇ ئۆستەڭنىڭ ئىلگىرىكى ئېتى ‹تاش ئۆستەڭ› ئىدى.» تارىخى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاش ئۆستەڭ 1765–يىلى چېپىلىشقا باشلىغان. ئۇنى ئىلى ھاكىمبەگ غوجا ئەۋلادلىرىنىڭ «ھاكىمبەگ» دەپ ئاتالغان بىرىنچى ئاتىسى بولغان تۇرپان قاراغوجىلىق ئىمىن ۋاڭنىڭ 3–ئوغلى، ئىلىنىڭ 3–ھاكىمبېگى ئورانزىب بەگ ئىلىغا ھاكىمبەگ بولغان مەزگىلدە (1766– 1805) شەرقتىكى ھېدىليۈزى (ئەسلى«ھېيتئېلىيۈزى»)، خۇدا قۇليۈزى (ھازىر«ئالتە ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ)، ئونيانيۈزى (ھازىر«ئونياريۈزى» دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە ئىسلاميۈزى قاتارلىق جايلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە پۈتۈن يۈزلۈكلەردىن ھاشار ئېلىپ چاپتۇرغان. تاش ئۆستەڭنىڭ ئورنى ھازىرقى «ياشلار ئۆستىڭى» نىڭ باش تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۆستەڭ تېرىلغۇ مەيدانلار بارا– بارا كېڭىيىپ، تاغ سۇلىرى يېتشمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئورانزىب بەگ زامانىسىدا ھازىرقى جەنۈبى شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن 2000ئۆيلۈك ئۇيغۇرنىڭ 400ئۆيلۈكى تاش ئۆستەڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تاش ئۆستەڭنىڭ چېپىلىشى ۋە دېھقانچلىق قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىلىنىڭ دېھقانچىلىقى راۋاجلىنىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتى يىلدىن–يىلغا ئاشقان، دېھقانلارمۇ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان ھوسۇل (پاراق) نى تولۇق تاپشۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چىيەنلۇڭ خان چىيەنلۇڭ 45–يىلى (1780–يىلى) يارلىق چىقىرىپ، ئورانزىبنى مۇكاپاتلىغان. تاش ئۆستەڭنىڭ چېپىلىشى ھازىرقى ئاق ئۆستەڭنىڭ چېپىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    34. ئاق ئۆستەڭنىڭ چېپىلىش جەريانى
    تاش ئۆستەڭنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلىتىپ چېپىش ئىشى چورۇق ھېكىمنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرىلەيدۇ. لايىھىلەش ئۈسكۈنىلىرى يوق، قورال–جابدۇقلار تولىمۇ ئاددى بولغان ئەھۋالدا، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە پۈتتۈرۈپ سۇ باشلاش ئۈچۈن، چورۇق ھېكىم پۈتۈن ئەقىل–پاراسىتىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا، ئىلى خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھاجىتى–سۇغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان بوزلۇقلارنى باغۇ بوستان ۋە ئاشلىق كېنىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشەنگەن. مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار مەقسەت ئۇنىڭ ھۇجۇدىدا پۈتمەس–تۈگىمەس كۈچ–جاسارەت ۋە ئەقىل–پاراسەت پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ئۆستەڭ ئېلىنىدىغان يەريۈزىنىڭ ئېگىز–پەسلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، لايھىدىكى ئۆستەڭ لىنىيىسىنى ئاتلىق ئارىلاپ يۈرۈپ، ئېگىزرەك دۆڭلەر، ئازگال يەرلەر ۋە ئايلانمىلارغا كەلگەندە، ئاتتىن چۈشۈپ، دۆڭ ئۈستىگە بېشىدىكى تۆپىسىنى قويۇپ، ئازگالغا چۈشۈپ، چېتىنى كەڭ كېرىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ، چاترىقىدىن ئارقىسغا–دۆڭ ئۈستىگە قويۇلغان تۆپىسىگە قارايدۇ. ئۇ، ئۆستەڭ پۈتكەندىن كېيىن، قاش دەرياسىدىن ئۆستەڭگە سۇنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ۋە راۋان ئاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن (خالزاتخان قاتارلىق ئەمەلدارلار ھەسەتخورلۇق قىلىپ، «ئۆستەڭگە سۇ چىقمايدۇ» دەپ جاڭجۈن مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان)، ئۆستەڭ بېشىدىن تا شىمالدىكى ئابرال تېغى ئېتىكىگىچە قاش دەرياسىنى بويلاپ ئوخشاش ئۆلچەمدىكى 300دانە چەنزىنى قاداپ، ئۇنىڭغا تارتىلغان چىمەلتەك توملۇقىدىكى چىگە شوينىلارغا رەڭگا رەڭ لاتىلارنى باغلايدۇ، بۇ ئارقىلىق نىلقا تاغلىرىدىن چىقىپ، ئابرال ئېتىكىدىن ئۆتۈپ كېلىدىغان قاش دەرياسىنىڭ ئۆستەڭ بېشى جايلاشقان قاش دەرياسى بويىدىكى ئورنىنىڭ ئابرال ئېتىكىدىن قانچىلىك پەستە ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ئۆستەڭگە سۇنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
    ئاق ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا مەمۇرىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغۇچى چورۇق ھېكىم ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى داۋامىدا روزى مۇھەممەت يۈزبېگى قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى سۇچىلىق ئېنژېنېرلىرى بىلەن بامەسلىھەت ئىش كۆرۈپ، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ۋاقىتىدا ھەل قىلىپ ، ئۆستەڭچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ. مەسىلەن، بەزى بەگ، مىرابلارنىڭ كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىنى ھەقسىز ئىشلەتكەنلىك ۋە ئاش – تاماقسىز قويۇپ خورلىغانلىقى مەلۇم بولغاندا، چورۇق ھېكىم بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بەگ، مىراب، خەتتارلارنى كۆپنىڭ ئالدىدا جازالاش بىلەن بىللە (بەگلەرگە 30 دەررە، مىراپلارغا 20 دەررە، خەتتارلارغا ئون دەررە ئۇرغۇزغان)، بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراپ، ئۆزىگە 60دەررە ئۇرغۇزىدۇ. خەلق بۇ ئىش ئارقىلىق چورۇق ھېكىمنىڭ يۇرت پاراۋانلىقى ئۈچۈن قىلغان ئەقىدىسىنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئۆستەڭ ئىشىنى «ئالۋان» ئەمەس، يۇرتنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە ئەۋلادلار ئۈچۈن قىلىنغان خەيرلىك ئىش دەپ قاراپ، ئۆستەڭنى تېز پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بەس–بەس بىلەن ئىشلەيدۇ. چورۇق ھېكىم ئۆزىگە تەييارلانغان خاس ياتاقتا ياتماي، تولا چاغلاردا، ھەربىر يۈزلۈكنىڭ ئىش مەيدانىدا يېتىپ–قوپۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ. چورۇق ھېكىم قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئەقىل–ئىدراكى ۋە ئۆستەڭچىلەرنىڭ ئەجرى، قان–تەرى بىلەن ئىلى ۋادىسىنىڭ شىمالىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بۇ ئەڭ چوڭ ئۆستەڭ 1825–يىلى ئەتىيازدا پۈتۈپ سۇ باغلىنىدۇ. ئۆستەڭگە سۇ باشلاش ۋاقتىدا خالزاتخان قاتارلىقلارنىڭ «ئۆستەڭگە سۇ چىقمايدۇ» دەپ قىلغان ئەرزىگە ئاساسەن ، جاڭجۈن ئىلى مەھكىمە شەرئىسىنىڭ ئەئلىمى، قازى كالان موللا قەمبەر ئاخۇن، مەھكىمە مۇپتىسى، ئىلى ئۆلىمالىرىنىڭ پېشۋاسى ئاتالغان مەشھۇر مۇددەرس ئەسئۇت ئاخۇن باشلىق كىشلەردىن مەسلىھەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆستەڭگە سۇ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چورۇق ھېكىمنى قوللايدۇ. چورۇق ھېكىم سۇ باشلانغان ئۆستەڭگە قولۋاق بىلەن چۈشۈپ، ئۆستەڭ سۈيى بىلەن بىللە ئېقىپ ، «ئاق ئۆستىڭىم، ئاق!» دەپ پالاق ئۇرۇپ، بايانداي قەلئەسى سىرتىدا ياسالغان مۇراسىم كۆرۈنۈش سەھنىسىدە مۇراسىم كۆرۈۋاتقان جاڭجۈن ۋە باشقا ئەمەلدارلارغا خۇشخەۋەر يەتكۈزىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى» دېگەن ئەسەردە بۇ ئەھۋال مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئۆستەڭ چېپىلىپ، سۇ قويۇپ بېرىلگەندە، چورۇق ھېكىم بىر قولۋاققا چۈشۈپ، ‹ئاق ئۆستىڭىم، ئاق› دەپ بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن تاش ئۆستەڭ دېگەن بۇ نام ‹ئاق ئۆستەڭ› دېگەن نامغا ئالماشقانىكەن». ئاق ئۆستەڭنى چېپىشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن، چورۇق ھېكىم ئوردىدىن كۆرمە (يەڭسىز، قىسقا، ئىككى چېتى يېرىق دۈگىلەك گۈللۈك تاۋار چاپان) بىلەن سوۋغاتلىنىدۇ. «ئاق ئۆستەڭ» دېگەن نام چورۇق ھېكىمنىڭ قولۋاق بىلەن پالاق ئۇرۇپ كېتىۋېتىپ، «ئاق ئۆستىڭم ، ئاق!» دەپ ماڭغانلىقى، ئۆستەڭنىڭ ئىككى قېشىدىكى خەلقنىڭمۇ چورۇق ھېكىم بىلەن تەڭ «ئاق ئۆستىڭىم، ئاق!» دەپ ۋارقىراپ ماڭغانلىقىغا قاراپ ھەم ئۆستەڭ سۈيىنىڭ مەڭگۈ ئېقىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ قويۇلغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرى لايھىلەپ چاپقان بۇ ئۆستەڭ ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاق ئۆستەڭ 1843–يىلى رېمونت قىلىنىپ، توما ياسالغان. بۇ ئىشقا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان لىن زېشۈي (1785–1850) باشچىلىق قىلغان.
    پۈتۈك مەنبىئى: «گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» غوجائەخمەت يۇنۇس شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996–يىل 8–ئاي 1–نەشرى

    ئىلىخو بىلوگىدىن ئېلىندى





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ