• 2008-04-03

    قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى - [تىبابەت ئالەمى]

       مۇخبىر يېقىندا قاراقاش ناھىيىلىك ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپۋېتىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەلخانا سىرتىغىمۇ كارىۋات قويۇپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش مەقسىتىدە دوختۇرخانىغا كىردى. كونىراپ كەتكەن بۇ دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئىچىدىكى كارىدورلارمۇ ئاغرىق كارىۋىتى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. دوختۇرخانا باشلىقى ئەزىز مۇخبىرنىڭ مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: »دوختۇرخانىمىزدىكى100كېسەل كارىۋىتى يېتىشمىگەچكە، ئاغرىقلار ئامال يوق كارىدور ۋە سىرتتا يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ. شىپاخانىمىزدا داۋالىنىدىغان ئاغرىقلار كۆپ بولغاچقا، شىپاخانىمىز يىل بويى مۇشۇ ھالەتتە تۇرىدۇ«.
       ئۇيغۇر تېبابىتى كىشىلەرنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق جەلپ قىلىدۇ؟ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى باشقا مىللىي تېبابەت دورىلىرى ئارىسىدىكى ئورنى زادى قانچىلىك؟
      ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىچۇ؟ مۇخبىر يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى جۇڭيى تېبابىتى - ئۇيغۇر تېبابىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئارۇپنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: »ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ ھەم ئۆزگىچە نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە دىئاكلىكتىكا تەلىماتى بار. ھازىر نەچچە مىليون داۋالاش رېتسېپى قوللىنىلىۋاتىدۇ. مۇقىم داۋالاش رېتسېپى 2000 دىن ئاشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرتېبابىتى دورىلىرىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام، Aتىپلىق جىگەر ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي شاخچە ياللۇغى، مېڭە، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى، يەللىك بوغۇم ياللۇغى، ئاق كېسەل، سۇنۇق، تېرەكېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى.
       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا بولغان تونۇش ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ھازىر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇيغۇر تېبابىتى شىپاخانىسىدىن42سى بولۇپ، 3000 چەكېسەل كارىۋىتى بار ئىكەن. ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىدىن بىرسى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى تەتقىقات ئورنىدىن ئۈچى بار ئىكەن. بىراق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغاچقان، ئاپتونوم رايون 2002 - يىلىدىن بۇيان ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن ھەر يىلى 3 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇنى جۇڭيى-ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا راسخوت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلماق تەسكە چۈشۈۋېتىپتۇ. قاراقاش ناھىيىلىك ئۇيغۇر شىپاخانىسىنى مىسالغا ئالغاندا، بۇ شىپاخانىنىڭ تەڭشەپ ياسىغان دورىسى100خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، شامالدارىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئاسارەتلىرىنى، يۈرەك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشتا ئارتۇقچىلىقى بار ئىكەن. بىر داۋالاش باسقۇچى (بىر يېرىم ئاي) دا 2500 يۈەنچە خىراجەت كېتىدىكەن. كېسەللەر بىردىن ئىككىگىچە داۋالاش باسقۇچىدا ساقىيىدىكەن، غەربچە دورىلار ئىشلىتىلمەيدىكەن، ھەتتا ئوكۇلمۇ ئۇرۇلمايدىكەن. بۇلتۇرقى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىپاخانىدا ساقىيىپ چىققان ھەربىر ئاغرىقنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىمى 1439 يۈەن بولغان. باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىكلىكى بۇ شىپاخانىغا بېرىپ داۋالىنىدىغانلارنى ئاشۇرغان بۇ شىپاخانىدىكى بارلىق ئۈسكۈنىنىڭ قىممىتىنى 1 مىليون يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن كەسپىي ئىشلارغا زۆرۈر بولغان رەڭلىك B چاۋ، -  نۇرى ئاپپاراتى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئەسۋابلارنىمۇ سېتىۋالالمىغان. داۋالىنىدىغان ئاغرىقلار كۆپ بولغاچقا، ئەسلىدىكى شتاتلىق 70 ئىشچى-خىزمەتچى يېتىشمەي، يەنە 50 ئىشچى-خىزمەتچىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادتا تېخىمۇ جىددىيچىلىك كۆرۈلگەن. بۇ شىپاخانىدىكى مەسىلە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر شىپاخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار ئىكەن.
       شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئالىي دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابىتى مەكتىپى بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا »يېقىنلار ئارا جۈپلىشىپ كۆپىيىدىغان «ھالەتتە بولۇپ، قۇرۇلمىسى بىر خىل ئىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئۆمەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىي خادىمى5000غا يەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كەسپىي ئوقۇش تارىخى بارلار2400غىمۇ يەتمەيدىكەن. ئۇيغۇر تېبابىتىدە تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگىلەر% 33 نى، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگىلەر% 64.8 نى، ئوتتۇرىغا تېخنىكوم كەسپىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگىلەر ۋە ئوقۇش تارىخى يوقلار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىگە يېقىننى ئىگىلەيدىكەن. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر تولىمۇ كەمچىل بولۇپ، ۋارىسلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋېتىپتۇ. بىراق، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە بولغان ئېھتىياجى شۇنداق زور ئىكەن. بۇ مەكتەپتە كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈزۈلمىسى راۋان بولماسلىق، مەبلىغى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش، ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇشتەك قىيىنچىلىقلار ساقلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ.
       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتېرىيالى 1500 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 500 خىلىدىن كۆپرەكى كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دورا ماتېرىياللىرىنىڭ 60%تىن كۆپرەكى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىن چىقىدىكەن. دورىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار ئىچىدە يوقىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىياللىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن. كۆپىنچىسىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدىكەن. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىچىدە يەككە رېتسېپ بويىچە ياسىلىدىغانلىرى كۆپ بولۇپ، بۇ ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان توپلانغان تەجرىبە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى 1 مىلياردتىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ ئۇيغۇرتېبابىتىگە بولغان يۈكسەك قايىللىقى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ناھايىتىمۇ زور يوشۇرۇن بازار كۈچىگە ئىگە قىلغان.
       بىراق، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ھازىر تىبەت تېبابىتى، مياۋزۇ تېبابىتى دورىلىرىدەك ئۇنچە تېز يۈكسىلەلمىگەن، ستاتىستىكىغا قارىغاندا،2004-يىلى مەملىكەت بويىچە مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئاران 50 مىليون يۈەن بولغان، يەنى 1%نىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن. مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىچىدە يەككە تۈر بويىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتى100مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى 20 خىلغا يېقىن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئىچىدە يەككە تۈر بويىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتى10مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىمۇ چىقمىغان. مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىچىدە سېتىش كىرىمى100مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى 15 چە بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سېتىش كىرىمى 50مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى كارخانىسى يوق ئىكەن. مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكىنى 1178 خىل بولۇپ، ئۇنىڭ 865 خىلى تەڭشەپ ياسىلىدىغان دورىلار ئىكەن. بىراق، تەڭشەپ ياسالغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئاران 69 خىل بولۇپ، تەستىق نومۇرى ئالغانلىرى ئاران  %3 5   نى تەشكىل قىلىدىكەن. دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان تۈرگەكىرگەن 200 خىل مىللىي تېبابەت دورىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى ئاران 20 خىل ئىكەن.
       ئارىپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈنۈملۈك قوغدىلىدىغان 69 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى ئىچىدە پاتېنت ھوقۇقى بارلار ياكى مەمۇرىي جەھەتتە قوغدىلىدىغىنى  % 5 كىمۇ يەتمەيدىكەن. ھالبۇكى تىبەت تېبابىتى ۋە مياۋزۇ تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قوغدىلىش نىسبىتى %60تىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ مىقداردا تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا نىسبەتەن يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاپەت بولغان. 2005 -يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 15 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنى 91 كارخانا ئوخشىتىپ ياسىۋالغان. بۇ شۇ دورىنىڭ ھەققانىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى كارخانىلىرىغا ئىقتىسادىي زىيان سېلىپلا قالماي، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنىمۇتۆككەن.
       ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن زىيالىيلار:«شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بۇ قىممەتلىك مىراسىنى ئەمدى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك!» دەپ قارايدىكەن.





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ