• 2008-04-03

    گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىنى شەھەر قىلىشىنىڭ سىرى - [تارىخقا نەزەر]

           تۇلۇمدىن توقماق چىقتى   1945–يىل 8– ئايلاردا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسمى ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆلكە مەركىزىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بەس- بەستە ئىچكىرىگە قېچىشقا باشلىدى. گەرچە شۇ يىلى 9- 10 – ئايلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قارار قىلغان، جاڭ جىجۇڭ باشچىلىقىدىكى سۆھبەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ جىددىيلىك كەيپىياتى يەنىلا پەسەيمىدى. دەل مۇشۇنداق  ۋەزىيەتتە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك، تۇيۇقسىزلا ئۈرۈمچىنى شەھەر قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، بۇ پەۋقۇلئاددە قارار ھەممە كىشىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى.
    جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا  مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ چاغدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، جاڭ جيېشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە تايىنىپ ئۇرۇش غەلىبىسىنى كۈتۈپ، غەلىبە مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى خىيال قىلغانىدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋاللاس (Wallace) ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتىنى بىر قانچە قېتىم ياراشتۇرغانىدى، ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ناھايىتى مۇھىم  رايون ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جياڭ جيېشىدىن دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشنى، بولمىسا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى.
    ۋۇ جۇڭشىن كېيىن مۇنداق دەپ يازغان: 1945–يىل 5 - 6–ئايلاردا مەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ 6– ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا، جاڭ جيېشى مەن بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلىشىپ، «ھازىر ھالقىلىق پەيت، ئامېرىكىنى رەنجىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئامېرىكىلىقلار ھەمىشە گومىنداڭنىڭ ئىچىدە دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان جاھىل ئۇنسۇرلار بار دەپ قارىماقتا، ئۇزۇنغا قالماي ئامېرىكا پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى تەكشۈرىدىكەن، بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ، شۇڭا شىنجاڭدا چوقۇم ئوبدان تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك» دەپ  جېكىلىدى. كېيىن كىشىلەر ئۈرۈمچىنى تۇيۇقسىز شەھەر قىلىش ۋە ئۈرۈمچىدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەسلىدە جياڭ جيېشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش دېموكراتىيە تۇرغۇزۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتىكى شەكىلۋازلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ

    ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىنى شەھەر قىلىش، ئۈرۈمچىدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ھەمدە يىل ئاخىرىغىچە ئۆلكىلىك، شەھەرلىك كېڭەش قۇرۇش توغرىسىدا كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈردى.
    1945 – يىل 10 – ئايدا جىن شاۋشيەن ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر باشلىقى بولدى. گومىنداڭنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا شەھەرلىك كېڭەش ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىش كېرەك. ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سايلىغۇچى ئامما بولۇشى، سايلىغۇچى ئاممىنى تىزىملاش ئۈچۈن رايونلۇق مەھكىمە بولۇشى كېرەك ئىدى، شۇڭا شەھەر بىلەن ناھىيە چېگرىسىنى ئايرىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى.
    جىن شاۋشيەن ئەسلىمىسىگە مۇنداق يازغان:  مەن شەھەر چېگرىسىنى چوڭ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلدىم، ھەتتا شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى سېلىپ بەرگەن ئايروپىلان زاۋۇتىنى ئادەتتىكى ماشىنا زاۋۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سانجى ناھىيىسىگە يېقىن بولغان تۇدۇڭخابا رايونىنىمۇ شەھەر تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدىم، شۇنداق قىلغاندا ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ كۆلىمى كىچىكلەيتتى. مەن يەنە ئۈرۈمچى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈۋېتىشتە چىڭ تۇردۇم ... بۇ ئىشلار بىر قانچە ئاي ئارقىغا سۆرىلىپ ئاخىرى شەھەر - ناھىيە چېگرىسى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورنى ۋە ئاساسىي قاتلام رايونلىرىغا دائىر  مەسىلە ھەل قىلىندى.
    ئەنگلىيە - ئامېرىكىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئومۇمىي سايلام»   كېيىنكى چوڭ ئىش - كېڭەش باشلىقلىرىنى، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى سايلاش ئىدى. بۇ جەھەتتە شەھەر باشلىقى جىن شياۋشەن بىلەن ئۆلكىلىك گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ پىكرىدە ئىختىلاپ بار ئىدى. ئۆلكىلىك گومىنداڭ پىرقىسى  ھەدەپ پارتىيىلىك كىشىلەرنى كۆرسەتتى، ئەمما جىن شاۋشيەن پۇلدار، تەسىرى بار سودا- سانائەتچىلەرنى كۆرسەتتى. بىر مەھەل تالاش – تارتىشتىن كېيىن چوڭ سودىگەر جۇ خەيدۇڭ پالاتا باشلىقلىقىغا، بىر ئۇيغۇر دىنىي زات مۇئاۋىن باشلىقلىققا تەيىنلەندى.
    مودا قوغلىشىش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ئومۇمىي سايلامنىڭ شەكلى تامامەن ئەنگلىيە بىلەن  ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشاش قىلىندى. نامزاتلار سىياسىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سايلام رىقابىتىگە قاتناشتۇرىدىغان ماقالە ئېلان قىلدى. جىن شاۋشيەن گېزىتخانا مۇخبىرلىرىدىن نامزاتلارنى زىيارەت قىلىپ زىيارەت خاتىرىسى يېزىشنى ياكى نامزاتلارغا ۋاكالىتەن ماقالە يېزىپ شۇلار نامىدا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 1946 – يىلى باش ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى رايونلاردا بېلەت تاشلاش ئورنى قۇرۇلدى،  شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بايراق – لېنتىلار ۋە  «مۇقەددەس بېلەتتىن بىرنى تاشلايلى» دېگەن شوئارلار ئېسىلدى. شۇ كۈنى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى شەھەر باشلىقىنى سايلامنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇ ياسالمىلىق بىلەن ساختا قىياپەتتە بېلەت تاشلىغۇچىلاردىن نامزاتلار توغرىسىدا  ئانچە – مۇنچە  ئۇنى – بۇنى سوراپ قوياتتى. قارىماققا بۇ قېتىملىق سايلامدا دېموكراتىيە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك، سايلىغۇچىلارغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنغاندەك قىلاتتى، ئەمما ئەڭ ئاخىرى بېلەتلەرنى ئاچقاندا، بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى پۈتۈنلەي سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى، ھەتتا بەزىلىرىنى ئاللىبۇرۇنلا ئىچكى قىسىمدا بېكىتىپ بولغانىدى. كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بەزى نامزاتلار سىقىپ چىقىرىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق «ئومۇمىي سايلام» زور بىر ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت خالاس.
     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ