•  ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت(ياڭخاڭ مەسجىت، نوغاي مەسجىتى، بەيتۇلمەئىمۇر مەسجىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ ئىشقىلىپ ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتالايسىز، بىرەرسى بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز ۋە ئۇچرىتالايسىز، ھالال مېھنىتى ۋە ئاددى ساددا، قىزغىنلىقى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلار، بىر كويغا ئۈچ،بەش كويغا ئۈچ دەپ توۋلاپ تۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلارنى پەقەت مۇشۇ جايدىلا كۈرۈشىڭىز مۇمكىن....

  • ئەسلىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پىلانى بويىچە، ئولىمپىك مەشئىلى چوڭچىڭدىن شىزاڭ ۋە چىڭخەيگە يەتكۈزۈلۈپ ئاندىن شىنجاڭغا يەتكۈزۈلەتتى، پىلاندا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن شىنجاڭدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش 17-ئىيۇندىن19 ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى قەشقەر شىخەنزە سانجىدا 3كۈن ئىلىپ بېرىلىدۇ.ئولىمپىك مەشئىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب- شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدۇ،ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئاسىيانىڭ كىندىكى - ئۈرۈمچى، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يۇرت- قەشقەر ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھىرى- شىخەنزە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى مەرۋايىت شەھەر سانجىلاردا يەتكۈزىلىدۇ. ئومۇمىي مۇساپە 3000 كلومىتىردىن ئاشىدۇ.

    شىنجاڭدىكى 3 كۈنلۈك مەشئەل يەتكۈزۈشكە جەمئى 624 نەپەر مەشئەلچى قاتنىشىدۇ بۇ مەشئەلچىلەر دۈلەت ئىچىدىكى داڭلىق زاتلاردىن بولۇپلا قالماي، شىياڭگاڭ تەيۋەنلىك قىرىنداشلار ، ئامېرىكا ، گىرمانىيىدىن كەلگەن چەتئەللىك زاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونى ئىكەنلىگى كۈزدە تۇتۇلۇپ 377 نەپەر ئۇيغۇر ، قازاق ، تاجىك قاتارلىق 13 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مەشئەلچىلىككە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو بوكىس شاھى» دەپ نام ئالغان ئابدۇشۈكۈر ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ شىنجاڭدا يەتكۈزۈشتىكى باش مەشئەلچى بولۇپ سايلاندى.

  • تۇلۇمدىن توقماق چىقتى   1945–يىل 8– ئايلاردا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسمى ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆلكە مەركىزىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بەس- بەستە ئىچكىرىگە قېچىشقا باشلىدى. گەرچە شۇ يىلى 9- 10 – ئايلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قارار قىلغان، جاڭ جىجۇڭ باشچىلىقىدىكى سۆھبەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ جىددىيلىك كەيپىياتى يەنىلا پەسەيمىدى.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :