•  ئالدى بىلەن #06#* نى يان تېلېفۇنىڭزغا كىرگۈزۈڭ، يانفۇن ئېكرانىدا بىر قاتار سانلار پەيدا بولىدۇ.شۇ سانلارنى ئوڭدىن سولغا سانىغاندا يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى خانىسىنى تۈۋەندىكى سانلارغا سېلىشتۇرسىڭىزيانفۇنىڭزنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى، قايسى دۈلەتتە ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

  • ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى كەڭ ، بايلىقى مول بولسىمۇ، بىراق ئېرقى مۇرەككەپ، سىياسى تەشكىلاتلىرى بوشاڭ، بىيروكراتلىق ئىستىل ھەممە ساھەگە يامراپ كەتكەن، ئاساسىي قانون ۋە ئەدىلىيە تۈزۈملىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس.

    مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىللەتلەر مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بىر دۈلەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يۈز يىل بولغاندا، دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۈلەتكە ئايلىنىشى كىشىنى قانداقمۇ ھەيران قالدۇرمىسۇن؟

    بىر دۈلەت خەلقى جاپا- مۇشەققەتكە قانچىكى چىدامىلىق بولسا، دۈلەت شۇنچە گۈللىنىدۇ ۋە باي بولىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئاز خىزمەت قىلىپ، يوقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى، راھەت – پاراغەتتە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ئامېرىكىلىقلار ئۇنچىۋالا ياخشى شارائىتقا ئىگە ئەمەس، ئىشلىتىپ تۈگەتكۈسىز مول بايلىقمۇ يوق، خەلقىمۇ ئانچە جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپمۇ كەتمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا دۇنيادا تەڭدىشى يوق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۈلەت بولۇپ قالدى.

    بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟

  • 1.  سەئۇدى ئەرەبىستان : 50 مىللىيون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە 10 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ماددىي ئەشيا.

    2.  ياپۇنىيە : 500 مىلليون ياپۇنىيە يېنىلىق جىددى ياردەم ۋە 10 مىلليون دوللارلىق ماددى ئەشيا.

    3.  رۇسسىيە: 4 تۈركۈمگە بۈلۈپ ماددىي ئەشيا ئەۋەتىشىنى پىلانلىغان بولۇپ ھازىرچە 2 تۈركۈمدىكى ماددى ئەشيالار كېلىپ بولغان.

    4.  نۇرۋىگىيە: 20 مىللىيون كورۇنا ( تەخمىنەن 4 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر).

    5.  ئەنگىلىيە: 1 مىللىيون فۇندستېرلىڭ

    6.  ئىسپانىيە: 1 مىلليون ياۋرو

  • 1. ئۆزىڭىزگە يېقىنقى بىر ھەپتىلىك تەپسىلى پىلان تۈزۈۋىلىش ئارقىلىق قەتئىي بىكارچىلىققا پۈرسەت بەرمەڭ.

    2. تاماكىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىتىڭ.

    3. ھەر كۈنى سەھەر ئورنىڭزدىن تۇرۇپ، مەن تاماكىنى ياقتۇرمايمەن، تاماكىغا ئۆچ دەڭ.

    4. ئالاھىدە چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈنىۋىلىپ، تاماك چەككۈڭىز كەلگەندىلا، شۇ ھەركەتنى تەر چىققۇچە ئىشلەڭ.

    5. بىر ئىستىكان ھەسەل سۈيى بىلەن چىلان سۈيىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ ، ئۆز- ئۆزىڭىزگە : تەن ساغلاملىق-مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ، دەڭ.

    6. كۈندىىلىك تاماكىغا كېتىدىغان پۇلنى تىجەپ نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالايدىكەنمەن، دەپ ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

  • مۇھەممەتجان راشىدىن
     

    قالار دەريا، قالار كېچىلەر،
    بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.
    قالار قەلئە، قالار پۈتۈكلەر،
    بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.


    باھار باقى ئەمەس باغلارغا،
    قايتالماسمىز ياشلىق چاغلارغا.
    ئوخشىمايمىز مەڭگۈ تاغلارغا،
    بۇ ئالەمدىن كېتەرمىز بىر كۈن.

  • 1. ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ " ﺩﻭﻻﻧﻐﯩﺪ " ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    2.
    « ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ، " ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯗﺭ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    3. « ﺩﻭﻻﻥ » ﺳﯚﺯﻯ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ : ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺩﯨﻴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ " ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺳﯚﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ " ﺩﻭﻻﻥ " ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﻭﻻﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .

  • تەبىئىي پەنلەر شۇنچە مۇھىممۇ؟

    ئۇرۇش ئاقىۋەتتە ھەممىنى خاراپ قىلامدۇ؟

    ئىنسانلار مارسقا قەدەم قويالامدۇ؟

    ئىنسانلار چوڭ مېڭىسى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

    يەر مەركىزىنىڭ ئېغىرلىق تارتىش كۈچى زادى نىمە؟

    بىز رىۋايەتلەردىكى«ئاتلانتىس چوڭ قۇرۇقلىقى»نى تاپالامدۇق؟

    ئادەمنىڭ تېنىدىكى قانچىلىك ئەزالارنى كۆچۈرگىلى بولىدۇ؟

    بىز زادى نىمىلەرنى يېسەك بولىدۇ ؟

    كېلەر قىتىملىق مۇز دەۋرى قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :