-
2009-05-13
بىر كۈنى (مۇھەممەتجان راشىدىن) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى. -
2008-05-19
ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن (ساتىرا) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
مۇھەممەتجان راشىدىن
ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﺘﯩﺸﺴﻪﯓ، ﯻﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ،
ﻗﺎﻳﺴﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻜﺴﻪﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﻛﯧﭽﯩﻜﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ، ﻳﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪﯓ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ،
ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﯞﺍﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺟﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ، ﯮﺧﺸﺎﺭ ﯪﯕﺎ ﻣﺎﯪﺷﻤﯘ،
ﯮﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﯲﺯﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻧﯩﯔ، ﯪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧﻤﯩﯔ...!
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ. -
2008-05-13
بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
مۇھەممەتجان راشىدىن
قالار دەريا، قالار كېچىلەر،
بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.
قالار قەلئە، قالار پۈتۈكلەر،
بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.
باھار باقى ئەمەس باغلارغا،
قايتالماسمىز ياشلىق چاغلارغا.
ئوخشىمايمىز مەڭگۈ تاغلارغا،
بۇ ئالەمدىن كېتەرمىز بىر كۈن. -
ئەسكى بولدۇم
بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
ئوتۇنىڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم ،
سا غاي دېسەڭ سېيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
تاتلا دېسەڭ، سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
ئۆزۈمدە يوق، ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم . -
2008-04-16
مۇھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ھاياتى - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
خەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965- يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.