• 2008-04-16

    مۇھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ھاياتى - [ئەدەبىيات - سەنئەت]

    خەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ   ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965- يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

    شائىرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەت سېپىغا كىرىپ كېلىشىگە يۇرتى _ ئونياريۈزى يېزىسى، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ قايناپ تۇرغان بۇلڭقڭ، ئەنئەنىۋىي مەشرەپ، توي-تۆكۈنلەرنىڭ قايناق سورۇنى ۋە سەنئەت ھېدى پۇراپ تۇرغان ئائىلە موھىيتى سەۋەپ بولدڭ. ئۇ ئۆسكەن مەھەللىلەردە سەھەر ئاخشاملىرى تەسىرلىك كوچا ناخشىلىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. ئىزگۈلۈك سورۇنلاردا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان خەلق قوشاقلىرى ئوقۇلۇپ تۇراتتى. ئۇلاردىكى چوڭقۇر ئىجدىمائىي مەزمۇنلار، گۈزەل قاپىيەلەر ئۇنىڭ ھاياجانلىق قەلبىگە شائىرلىقنىڭ چوغىنى سېلىپ، ئوتىنى ياقتى. ئۇ تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە شېئىر يېزىشنى سىناپ باقتى، بىر تەرەپتىن ئۈگۈنىشنى چىڭ تۇتۇپ، زۇنۇن قادىرى، لوتپۇللا مۇتەللىپ، تېيېپجان ئېلىيۇپ، پوشكىن، ھادى تاختاش، ئابدۇللا توقاي.... قاتارلىق شائىر- يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. ئۈرۈمچىدە ئوقۇش شائىر ئۈچۈن بىر ياخشى كۈتۈپخانە زىمىنىنى ھازىرلاپ بەردى. ئۇ يەردە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئىجادىيەتتە ھېچقانداق سېستىمىلىق بىلىم ئالالمىغان بىر ھەۋەسكار يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

    شائىرنىڭ «ئىلى دەرياسى» ناملىق شېئىرى 1958- يىلى 10- ئايدا «ئىلى گېزىتى »دە ئېلان قىلىندى. شۇندىن تارتىپ 1963- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا «ئىلى گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. 1966- يىلى شائىرنىڭ ھارماس قەلىمى «سول» لۇشىئەننىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن توپتغرا 17 يىل يېزىشتىن توختاپ قالدى. ناھەقچىلىك، ئۇۋالچىلىق باشقا شائىرلار قاتارىدا ئۇنىمۇ ئۆزى سۆيگەن ئىجادىيەت سېپىدىن چەتكە قاقتى. 1982- يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلەندى. ئۇ گويا ئۆز شېئىرىدا يازغاندەك قەپەزدىن ئازات قىلىنغان كەكلىك، ئانىسى ئالدىغا يۈگۈرەپ ماڭغان قوزىچاقتەك.... پاك مۇھەببەت، يالقۇنلۇق سۆيگۈ بىلەن ئىجادىيەت سېپىغا «سالام دوستلار»، «كاككۇك گۈلى»، «چال ناغراڭنى شەھەرلەر»، «ئېچىۋەتتۇق ئىشىكنى ئۇلۇغ»، «مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس»، «كېلىڭ»قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلدى.

    ئۇ شېئىرلىرىنى خەلق ئاممىسىدىن ئېلىپ، خەلقنىڭ قايغۇسىنى، شادلىقىنى، يىغىسىنى، كۈلكىسىنى خەلققە يېقىشلىق، ئاددىي، ئاممىباب تىل بىلەن ئىزھار قىلدى. ئۇ ھەقىيقى خەلق شائىرى بولۇشنىڭ يولىنى ئۇلارنىڭ رىيال ھاياتىنى ھەقىيقى ۋە چىن ھېيات بىلەن كۈيلەشتىن تاپتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ساپ ۋە تەبىئىيلىككە تويۇنغان شېئىرلىرىنى ئىشچىمۇ، دىھقانمۇ، زىيالىمۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي ئەمگەكچىلەرمۇ زور قىزىقىش، سۆيۈنىش ئىچىدە ئوقۇيدىغان جانلىق كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ رىيال ھاياتقا سادىق قەلىمى تۇرمۇشنى چوڭقۇر، ئەتىراپلىق كۈزۈتىش بەدىلىگە خەلقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان كەۋسەردەك جۇشقۇن مىسرالار ئارقىلىق شېئىريەتنىڭ جىسمىنى يېڭى قان بىلەن تەمىن ئەتتى.

    شائىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىل داۋامىدا1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 2 داستان، 20 نەچچە پارچە ھېكايە، 10 نەچچە پارچە ئوبزۇر، 50 پارچىغا يىقىن ناخشا تېكىستى يازدى. پارتىيىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتى شائىرغا گۈللىنىش باھارى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ چېچىكى چىرايلىق، مېۋىسى شېرىن ۋە مول ئىجادىيەتلىرى خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى تويۇندۇردى. نەتىجىدە غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، 1989- يىلى ئۇنى كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى.بۇ شائىرنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىگە تۈرۈتكە بولدى.

    شائىرنىڭ «ئىلى دەرياسى»جورنىلىغا بېسىلغان «ساتىرىلار»ناملىق شېئىرلىرى 1990- يىلى 11- ئايدا «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. «بىز كېلىمىز دۇنياغا» دىگەن شېئىرى 1991- يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك مۇكھپاتقا، «ئانا تاغلار» ناملىق شېئىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەغدىم قىلىش بويىچە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «شوتا» ناملىق ھېكايىسى 1992- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەئېزىت ئەدەبىيات سەھىپىللىرىدىكى ئەسەرلەر ئارا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «تارىم» جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «جىمى جايدا جاراڭلار يېڭى يىللىق قەدەھ- جام» ناملىق شېئىرى 1996- يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

    شائىر يەنە 1991- يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىكار» دىگەن شەرەپ گۇۋانامىسىغا، 1992- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كىتابخانلار ياقتۇرىدىغان ئۈچ نەپەر شائىرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇپ باھالىنىپ شەرەپ گۇۋانامىسىغا، 1997- يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 2- قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن «ئوبلاستىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىكار» باھالىنىپ شەرەپ گۇۋانامىسىغا، شۇ يىلى 11- ئايدا« ئىلى دەرياسى» جورنىلى تەرىپىدىن 1987- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدىكى 10 نەپەر ئىجادىيەت تۆھپىكارىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ مۇكھپات سوممىسى ۋە شەرەپ گۇۋانامىسىغا، ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1984- يىلدىن 1996- يىلغىچە بولغان 12يىل داۋامىدىكى «مۇنەۋۋەر ئاپتۇر» باھاسىغا ئېرىشتى.

    شائىرنىڭ ھازىرغىچە «كاككۇك گۈلى»، «يىللار ئىزى»، «كۈنلەر ئەلبومى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»ناملىق تۆت شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. «ئۆمۈر ئىلھاملىرى» ناملىق 5- شېئىرلار توپلىمى نەشىرگە بېرىلدى. 30 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى مۇزىكىلاشتۇرۇلۇپ خەلق ئىچىگە تارقالدى. نۆۋەتتە ئۇ يىرىك ئەسەرلەر ئۈستىدە جاپالىق ئىشلىمەكتە. شائىر ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ