• «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.
    يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.
    ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن.
    20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى.

  • بۇرۇنقى «خەنزۇ بازىرى»ئۆزىنىڭ ئىلى بازار مەدەنىيىتىدىكى «پېشقەدەم ئاقساقال»لىق مەرتىۋىسى ۋە ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى تۈرتكىلىك رولى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى» تىپىك مەھەللىۋى ئاساستا تەبىئىي شەكىللەنگەن، قويۇق مىللىي بازار مەدەنيىتى تۈسىگە ئىگە توۋار ئوبورت مەيدانى سۈپىتىدە توۋار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، بازار كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، بازار سودىسىنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە بازار كەيپىياتىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكى بىلەن بازار ئارىلىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەگەر بىز بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى»نى چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، مەزكۈر بازارنىڭ نەچچە مىڭلىغان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن كەلگۈچى قول–ھۈنەرۋەن، سودا–سېتىقچى، يايمىچىلەر بىلەن زور كۆپلىگەن تۆۋەن ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى خېرىدارلاردىن تەشكىللەنگەن غايەت زور «ئاجىزلار كوللىكتىپى»نىڭ كۈندۈلۈك تىرىكچىلىك مەيدانى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

  • فۇشېندى» سودا سارىيى ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق سارايلارنىڭ بىرى، دېرىكتورى ۋاڭ جىگۇاڭ دەل بىز يۇقىرىدا قەيت قىلغان «تۇڭيىيۇڭ» سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ زوبىڭنىڭ ئوغلى، ئاتا–بالا ئىككەيلەننىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىردىن داڭلىق سودا كارخانىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى شۇ چاغدىكى ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىلىق ئىدى.
  • خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 1930–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ مەزگىلدە بۇ يەردىكى تىيەنجىنلىكلەر 3000 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلار ئاچقان ھەرخىل دۇكان–سارايلار 400دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرۇن بۇ يەردىكى خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ قورا–جايلىرى ھەممىسى بېيجىڭ پاسۇنىدا سېلىنغان تۆت چاسىلىق قورالار بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭيىشى، شەھەر ئىقتىسادىي مەركىزىنىڭ «ستالىن كوچىسى»، «ئازات يول» قاتارلىق غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشى تۈپەيلىدىن، «خەنزۇ بازىرى»دا ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئارقا–ئارقىدىن كۆچۈپ كەتكەچكە، بازار ئاھالىسىنىڭ مىللەت نىسبىتىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، «خەنزۇ بازىرى» دېگەن نام پەقەت كونا يەرنامىنىلا ئىپادىلىگەن».
  • غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «خەنزۇ بازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەنئەنىۋى بازارنىڭ بارلىقى ئىلى جامائىتىگە ئۇزاق زامانلاردىن بەش قولدەك مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن يەر نامىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تارىخىي مەنبە ۋە سەۋەب ئېلېمېنتلىرى ھەققىدە ئېھتىمال كۆپىنچە كىشىلەر ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە سىز «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ زەڭ قويۇپ كۈزەتسىڭىز، گەرچە، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى بازارلىق قىياپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى يەنىلا روشەن جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، مەيلى كۈندۈلۈك بازار ئىشتىراكچىلىرى بولغان سودا–سېتىقچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ مىللەت تەركىبىدىن بولسۇن ۋە مەيلى بازاردا كۈندۈلۈك ئوبورۇت قىلىنىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن بولسۇن، مەزكۈر يەر نامىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مىللەت ئېنىقلىمىسى روشەن نامايەن بولمايدۇ.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :