• 2009-05-07

    بلوگتىكى يازمىلارنىڭ ئوقۇلۇش سانىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]

        بلوگباسنى ئىشلىتىۋاتقان بلوگ ئېگىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك ، بلوگباس مۇشۇ كەمگىچە بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش قىتىم سانىنى  كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق، بۇنداق بولغاندا سىز يوللىغان تېمىنى زادى قانچە ئادەم كۆردى بۇنى بىلىش تەسكە توختايدۇ، ئۇنداقتا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئامالى يوقمۇ ؟ كونىلار «سەۋەب قىلساڭ سىۋەتتىمۇ سۇ توختايدۇ» دەپتىكەن. بۇنىڭ ئامالىمۇ بار . قىنى تۈۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

        ئاۋال تۈۋەندىكى تور بىكەتكە كىرىپ تېزىملىتىڭ. (دىققەت : تېزىملاتقاندا نامىڭىزنى خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا يازماڭ . نامىڭىزنى پەقەت لاتىنچە ياكى ئەرەب رەقىمى بىلەن يازسىڭىز بولىدۇ، چوقۇم بلوگباستىكى تېزىملاتقان ئىسىم بىلەن يېزىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.)

    http://blogbusstat.appspot.com/registration

    1- قەدەم: تېزىملىتىش بېتىگە كىرىپ ئىسمىڭىز ۋە بلوگ ئاددىرىسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ، تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. بلوگ ئىسمىڭىز چوقۇم تۇغرا بولسۇن.

    2-قەدەم: ئىسىم ۋە بلوگ ئىسمىڭىزنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن submit  نى بېسىپ تېزىملىتىڭ،تېزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا تۈۋەندىكى رەسىمدەك كودنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

    3-قەدەم: ئەمدى قىلدىغىنىمىز، يوقۇردىكى رەسىمدىكىدەك قىزىل رامكا ئىچىگە ئىلىنغان، چىقىرىپ بەرگەن بايىقى كودنى كۆچۈرۋىلىپ ئۇنى ، بلوگباسنىڭ ئارقا ھويلىسىدىن ئۇسلۇب تەھرىرلەشكە كىرىپ ئۇ يەردىن ئايرىم ئايرىم Index-post  ۋە Detail-post  كود بۆلىكىنى ئىچىپ ئەڭ ئاستىغا چاپلاپ قويساق ئىش تامام بولىدۇ. كۆرۈنۈشى تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ