-
2008-05-07
ئانامغا (ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاپ) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ئانامغا
5-ئاينىڭ11–كۈنى(يەكشەنبە)دىكى ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاندى
ئى ئانا ،سەن ئۇلۇغ ،سۆيۈملۈك قۇياش،5
ئۈمىدىڭ نۇرلىرى قەلبىڭگە تۇتاش
رەڭ ئالغاچ بۇ جاھان سېنىڭ بەھرىڭدىن ،
پەرىلەر جىلۋىسى ھەمراھتۇر سىرداش . J
ۋاپانىڭ شەربىتى سېنىڭ باغىرىڭدا ،
مېھىرنىڭ يالقۇنى گۈزەل جىسمىڭدا .
پەپىلەپ ئۆستۇردۈڭ سۈت بېرىپ ماڭا،
ئارزۇلاپ سۆيۈشۈڭ ھامان يادىمدا .
ئاق كۆڭۈل ،سۆيۈملۈك ،مېھىرىبان ئانا،
سەن بىلەن يۈز ئاچار چۆللەردە بوستان .
مىنۇتلۇق قان -تەرىڭ بولمسا ئەگەر،
ئالەمگە ھۆكۈمران مۇدھىش زىمستان .
بەختىنىڭ ئىشكى سېنىڭ قولۇڭدا ،5
سۆيگۈنىڭ ساپ يۈرەك باغرىڭدا . J
بىر ئۆمۈر ھاياتلىق بۇرى چاچسەن،
ۋارستۇر پەرزەنتىڭ مەڭگۈ ئىزىڭدا .