-
2009-05-14
ئاياللارنىڭ ئىرىدىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلدىعىنىنى بىلەمسىز - [تەرمىلەر]
1.ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كىلىدۇ.ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.بىراق سىز سەل ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى كونتۇرۇل قىلالايسىز،يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يىنىك سۇيۇپ خۇشلاشسىڭىز ،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يىنىك قۇچاغلاپ قويسىڭىز،بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ؛
2.ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ.بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش.چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ،ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىز ھاردىم دەپ سافادا ئولتۇرغىنىڭىزدا ،ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ؛
3.ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم،ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم.شۇڭا ئايالىڭىزنى دوسلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ؛ -
2009-04-14
تارىختىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئاياللار - [تارىخقا نەزەر]
1. ئاماننىساخان . < 1534 _ 1567 > . سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس . 1567 - يىلى تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان .
2 . ئاخۇن ئاغچا . 19 - ئەسرنىڭ ئوتتىرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .
3 . ئەنبەر ئاتىن . < 1870 _ 1915 > . دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى . قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن .
4 . ئەسىرى . تەخمىنەن 18 _ 19 - ئەسرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .
5 . ھۇماي ئانا . تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 -ئەسرلەردە ياشاپ ئۆتكەن .
6 . بىبى زەينەپ . 1660 -يىلى ياركەنت شەھىردە تۇغۇلغان . ئىسمائىل خاننىڭ قىزى . 1678 -يىلى ھىدايەتۇللاھ خوجا سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۇرۈۋەتكەن .
-
2008-06-20
ئايالىم توردا مۇھەببەتلىشىپتۇ - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە ئىدارىگە ئالدىراش كېتىۋاتسام يولدا بىر يېقىن تونۇشۇم ئۇچىراپ قالدى، ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ ،قاپاقلىرى ئىشىپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ:
-ئاداش ئاخشام كۆپ ئىچىۋالدىڭمۇ نىمە؟ دەپ سورىدۇم...ئۇ بىردەم جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن...تۇيۇقسىزلا
-ياق ! خوتۇننى قويىۋېتەيمىكىن... دەيدۇ...مەن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا قائىيدە بويىچە ئۇنىڭغا ئاجىرىشىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا ئىديىۋىي خىزمەت ئىشلىگىلى تۇردۇم...بىراق ئۇ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.
-بولدى! بولدى... ئانداق پەسكەش خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتالمىغۇدەكمەن. ئۇ... ئۇ .... ھەي دوستۇم ساڭا دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن،نومۇس...ئۇ پاسكىنا توردا بىر ى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ...بۇ ماڭا قىلىنغا ن ھاقارەت بىلەمسەن! دېگىنىچە كۆز قارچۇقلىرىدا ياش ئەگىپ كەتتى. -
2008-04-11
ئەر - ئاياللار ھەققىدە پاراڭلار - [تەرمىلەر]
ئەر - ئاياللار ھەققىدە پاراڭلار
★ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ؛ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ،لېكىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
★ئاياللار تاكى ئەر تاپقۇچە دائىم كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ،ئەرلەر خوتۇن ئالغاندىن باشلاپلا كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
★ئەرلەر نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تىلغا ئالسا خوتۇنىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن؛مۇبادا ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن بولغان بولىدۇ.
★ياخشى ئايال - ئەرنىڭ مەكتىپى بولۇپ،ياخشى ئايال بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
★ئەرلەر قېرىغانسېرى سالاپەتلىك بولۇپ كېتىدۇ. ئاياللار قېرىغانسېرى سەتلىشىپ كېتىدۇ.
★ئەرلەر ئاياللارنى تايانچۇق،ئاياللار ئەرلەرنى باشپاناھ قىلىدۇ.