-
2009-04-14
تارىختىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئاياللار - [تارىخقا نەزەر]
1. ئاماننىساخان . < 1534 _ 1567 > . سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس . 1567 - يىلى تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان .
2 . ئاخۇن ئاغچا . 19 - ئەسرنىڭ ئوتتىرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .
3 . ئەنبەر ئاتىن . < 1870 _ 1915 > . دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى . قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن .
4 . ئەسىرى . تەخمىنەن 18 _ 19 - ئەسرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە .
5 . ھۇماي ئانا . تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 -ئەسرلەردە ياشاپ ئۆتكەن .
6 . بىبى زەينەپ . 1660 -يىلى ياركەنت شەھىردە تۇغۇلغان . ئىسمائىل خاننىڭ قىزى . 1678 -يىلى ھىدايەتۇللاھ خوجا سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۇرۈۋەتكەن .
-
2009-04-07
بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز - [تارىخقا نەزەر]
ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۈم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمى يېزىقى ، قارۇشتى يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، كونا تىبەت يېزىقى ، ئەرەپ يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ، ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، سلاۋيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ، ئومۇمىيۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغىنى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .
-
2008-05-30
ئىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى - [تارىخقا نەزەر]
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋادىسىدا ئەڭ بۇرۇن ساكلار ياشىغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە»دە: «توخرىلار ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇلار غەربكە ساك پادىشاھىغا زەربە بەردى. ساك پادىشاھى جەنۇبقا قاراپ يىراق تامان كۆچتى. توخرىلار ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ماكانلاشتى» دېيىلگەن. بۇ ۋەقە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي (مىلادىدىن بۇرۇنقى 160–161–يىللار) ھونلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇيسۇنلار توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىلى ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە بۇ جاينى ئىگىلەپ تارىختىكى «ئۇيسۇن دۆلىتى»نى قۇرغان («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). ئۇيسۇنلار ئەسلىدە خېشى رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ھازىرقى ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، تېلىلار ئىلى رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىشكە باشلىغان. مىلادى 552–يىلى تۈركلەر باش كۆتۈرۈپ، سەركەردىسى تۈمەننىڭ باشچىلىقىدا جورجانلارنى يوقاتتى ۋە ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «تۈرك خانلىقى»نى قۇردى. تۈمەننىڭ ئىنىسى ئىستەمى قول ئاستىدىكى تۈرك قەبىلىلىرىنى باشلاپ ئۇيسۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسى بويىغا ئوردا سالدۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. بۇ خانلىق تارىختا غەربىي تۈركلەر دەپ ئاتالدى («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە).