-
2008-06-20
ئايالىم توردا مۇھەببەتلىشىپتۇ - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە ئىدارىگە ئالدىراش كېتىۋاتسام يولدا بىر يېقىن تونۇشۇم ئۇچىراپ قالدى، ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ ،قاپاقلىرى ئىشىپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ:
-ئاداش ئاخشام كۆپ ئىچىۋالدىڭمۇ نىمە؟ دەپ سورىدۇم...ئۇ بىردەم جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن...تۇيۇقسىزلا
-ياق ! خوتۇننى قويىۋېتەيمىكىن... دەيدۇ...مەن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا قائىيدە بويىچە ئۇنىڭغا ئاجىرىشىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا ئىديىۋىي خىزمەت ئىشلىگىلى تۇردۇم...بىراق ئۇ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.
-بولدى! بولدى... ئانداق پەسكەش خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتالمىغۇدەكمەن. ئۇ... ئۇ .... ھەي دوستۇم ساڭا دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن،نومۇس...ئۇ پاسكىنا توردا بىر ى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ...بۇ ماڭا قىلىنغا ن ھاقارەت بىلەمسەن! دېگىنىچە كۆز قارچۇقلىرىدا ياش ئەگىپ كەتتى.
共1页 1