• ئىلى رايۇنى دېڭىز يۈزىدىن 640~1900 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئاننىڭ 80 گرادۇستىن 85 گرادۇسغىچە، شىمالىي پاراللېلنىڭ 42~45گرادۇسغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. ئىلى رايۇنىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ شىمال، جەنۇب شەرق تەرەپلىرى ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. غەرب تەرىپى سىبىرىيىگە مەيدىسىنى ئېچىۋەتكەن. ئىلنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان بۇ تاغلار قىش كۈنلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق ئېقىمىنى، ياز كۈنلىرى تارىم ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى توساپ تۇرىدۇ. غەرب—سىبىرىيە تەرەپتىن كېلىدىغان مۆتىدىل، نەم ھاۋا ئېقىمى بۇ رايۇنغا ھېچ توسالغۇسىز كىرىپ، مول يامغۇر–يېشىن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايۇندا مۆتىدىل ۋە نەمخۇش ھاۋا كىلىماتى شەكىللەنگەن.

    ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئاساسەن نەم ھاۋاغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ ھاۋا كىلىماتىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىنى ۋە بۇ پەسىللەردە پەيدا بولىدىغان پەيدا بولىدىغان كېسەللىكەرنى چۈشىنىپ، سالامەتلىكنى ئاسراش زۆرۈر. ئىلىدا تۆت پەسىل روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. پەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدۇ. كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىسى سالقىن، يامغۇر–يېشىن كۆپ بولىدۇ. قىشتا سوغۇقنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :