• 2008-05-27

    ئىلى سەنىمى ھەققىدە (2) - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

    «مۇشاۋرەك مۇقامى»غا كىرگۈزۈلگەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سەنەم ناخشىلىرى 12 ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپقان:

    * پەريادەي يۈرۈشى

    1–ئۆزگىرىش: «پەريادەي»

    زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    جاپانى چەكمىگەن ئادەم (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    مەن باغىڭغا كىرمەسمەن،

    ئانارىڭنى ئۈزمەسمەن.

    ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە

    نادان بىلەن يۈرمەسمەن.

    2–ئۆزگىرىش: «ۋاي سەنەم»

    ئانداق ئەتمەڭلار مېنى (ۋاي يار سەنەم)

    مۇنداق ئەتمەڭلار مېنى (ۋاي يار سەنەم)

    ئاقىۋەت لازىم بولارمىز (دەردىڭ يامان)

    تاشلاپ كەتمەڭلار مېنى (ۋاي يار سەنەم)

    ئىزدىمەس كۆڭلۈم سېنى،

    بار ئىز دېگەننىڭ يارى بول.

    كىم سېنى يارىم دېسە

    بارىپ شۇنىڭ گۈلزارى بول.

    3–ئۆزگىرىش: «چوڭ ئۆلەڭ» (يۆلەن)

    كوچىلار ئارىلاپ (ھەي) توي بىلەن قوي كېلەدۇر

    (ئەي ۋاي، ئەي دوستلار)

    بەرگى خازان توننى كىيىپ توي كېلەدۇر

    (ئەي ۋاي، ۋاي دوستلار)

    ئاپئاق توشقانلار سايدا ئوينايدۇ،

    ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر تويدا ئوينايدۇ.

    سىم–سىم ئارىلاپ ياغدى يامغۇر سېرىلدىم تاشقا،

    پېشانەمگە يازغان ئىكەن كىردىم ئويناشقا.

    يىغلىماڭ قىز، يىغلىماڭ قىز تويۇڭ بولۇر،

    ئالتۇن، كىمخاپ كۆشۈگە ئۆيۈڭ بولۇر.

    4–ئۆزگىرىش: «يار مېھرىبانەي» (سۇۋار)

    قىزىل گۈلنى ئۈزۈپ ئالدىم بىلەكىمگە (يەي)،

    ئەي خۇدايا يەتكۈز مېنى تىلەكىمگە (يەي)

    ئەي خۇدايا يەتكۈزمىسەڭ تىلەكىمگە (يەي)

    پەرىزاتنىڭ داغى چۈشتى يۈرەكىمگە (يەي)

    قايتۇرما:

    ھەي–ھەي دوست يار مېھرىبانەي،

    ئوينايلى (ھەي) كۈلەيلى ئېسەن بولايلى.

    مەن بىر ئاشنام بار دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن،

    ئاشنام ئۇسسۇل ئوينايدىكەن بىلمەيدىكەنمەن.

    جەۋرى جاپالارنى باشىمغا سالىپ

    تاشلاپ كېتەرىن بىلمەيدىكەنمەن.

    قەلەمدەك قاشلىرىڭ ئايدەك جامالىڭ،

    كۆيەر ئوتقا سالىۋەي نەدۇر خىيالىڭ.

    سېنى كۆرگەچكە كەتتىلەر ئەقلۇ خىيالىم،

    قايدا بولۇر يارىم سېنىڭ تۇرار ماكانىڭ؟

    يامان يولۋاس يولدا ياتسا شىرغا يول بەرمەس،

    ئاتاسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگەرى كەلمەس.

    قايتۇرما:

    كەل ئوينايلى، كۈلەيلى، خۇرسەن بولايلى،

    ھەي يارەي، يا مېھرىبانەي، كەل ئوينايلى،

    كۈلەيلى، خۇرسەن بولايلى.

    5–ئۆزگىرىش: «يەللە–يەللە دوست»

    (ئايەي) نەدىكى گەپنى قىلىپ،

    ئەندىشىگە قالدى كىشى.

    (ئايەي) چەككىلى تاماكا يوق،

    مۇڭداشقىلى (ۋاي)نەدە كىشى.

    قايتۇرما:

    دوست–دوست، يەللە دوست، خانىم يەللە دوست،

    دوست، قويماڭ مېنى، ۋاي، مېنى زار يىغلاتىپ.

    يارنى كەپتۇ دېسە يۈگۈرۈپ چىقاي باشىم بىلەن،

    يار يۈرگەن كوچىلارغا سۇ سېپەي ياشىم بىلەن.

    (قايتۇرما)

    6–ئۆزگىرىش: «يار–يار ئايلىنىمەن»

    ئاتلارنى ھەيدەيدىكەن (يار–يار ئايلىنىمەن)

    (يەنە) مۇز داۋان بىلەن (يار ساڭا مەيلىم بار)

    بىر ياخشىنى قىينايدىكەن (يار–يار ئايلىنىمەن)

    (يەنە) بىر يامان بىلەن (يار ساڭا مەيلىم بار)

    قوي كېلەدۇر قوزا بىلەن (يار–يار ئايلىنىمەن)

    بىر–بىرىنىڭ ئىزى بىلەن (يارساڭا مەيلىم بار)

    بىزنىڭ يارلار ئويناشىپتۇ (يار–يار ئايلىنىمەن)

    ھەقەم ساينىڭ قىزى (ئوغلى) بىلەن (يار ساڭا مەيلىم بار)

    ياخشى ئاتنى مىنگەندە

    قولۇمدا قامچا.

    شول يارىمغا ياراشىپتۇ،

    پۇپۇش تىزلامچا.

    7–ئۆزگىرىش: «چىم–چىم ئەتتىم»

    چىم–چىم ئەتتىم چىم بىلەن

    كاۋاپ ئەتتىم زىخ بىلەن

    (ئېسى يادىم سەن بىلەن)

    سەن يۈرىسەن كىم بىلەن.

    قۇرغۇي بولۇپ ئۈچتۇم مەن،

    شال بويىغا چۈشتۈم مەن.

    تەلىمينىڭ يوقىدىن،

    بىر يامانغا چۈشتۈم مەن.

    باردىم دەريا كەچكەلى،

    ئولتۇردۇم سۇ ئىچكەلى

    كەلسە يارىمدىن خەۋەر (ئا . ھ)

    قاناتىم يوق ئۇچقالى.

    8–ئۆزگىرىش: «مەشۇقۇم»

    ئاق لەيلى، قىزىل لەيلى (مەشۇقۇم يارەي، مەشۇقۇم)

    يارنىڭ بارمىكىن مەيلى (مەشۇقۇم).

    بولسا بولمىسا مەيلى (مەشۇقۇم يارەي، مەشۇقۇم)،

    مەن يارنىڭ قەلەندەرى (مەشۇقۇم).

    مەن بارايمىكىن ئاندا،

    يار كېلەرمىكىن مۇندا.

    يارغا–يار كېرەك بولسا،

    قول سالىپ كېلەر مۇندا.

    9–ئۆزگىرىش: «جېنىم ئاللا»

    بىركۆرۈپ سېنى يارىم،

    قالمىدى مېنىڭ ھالىم.

    بىر باقساڭچۇ سەن يارىم (جېنىم ئاللا)

    تەڭ بولۇپتۇ ئەھۋالىم.

    (قايتۇرما)

    كەل دېگەچكە مەن بارغان،

    شەرىڭدە خۇمارىم.

    يارنىڭ يۆلىكى ياندىن،

    يارى بولمىسا قايدىن.

    غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا (جېنىم ئاللا)

    شېرىن سۆزلىرى ئاندىن.

    قايتۇرما:

    كەل دېگەچكە مەن بارغان

    شەرىڭدە خۇمارىم

    10–ئۆزگىرىش: «لاڭتىرلاڭ»

    كېلىڭلار دوستلار ئوينايلى،

    دەريا بويى بويلايلى.

    بېلىقلارغا ئەرز ئېيتىپ،

    خۇدايىمغا يىغلايلى.

    كېلىڭلار دوستلار ئوينايلى،

    دەريا بويى بويلايلى.

    كۆزگە ئىلمىغان يارنىڭ،

    بېشىغا دەسسەپ ئوينايلى

    *****

    دۇتار چېلىپ بېرەي سىزگە،

    ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭ بىزگە.

    خۇشخۇيلۇق بىلەن ئويناڭ

    ئەل ھەيران قالسۇن سىزگە.

    ئاخشام ئوينىغان يەردە،

    ئالتۇن ئۈزۈكۈم قاپتۇ.

    ئىزدىمەڭلار، سورىماڭلار،

    كۆڭلۈمدىكى يار ئاپتۇ.

    *****

    بارىلى دېمەپمىدۇق

    يانىلى دېمەپمىدۇق

    شەرتىمىز قىزىل ئالما

    چىشلەشىپ يېمەپمىدۇق

    قايتۇرما:

    لاڭتىرلاڭ، دوستىرلاڭ

    مەن گەپ قىلاي سىز ئاڭلاڭ.

    لاڭتىرلاڭ، دوستىرلاڭ،

    يارنى ئېتى ئايپاشا.

    11–ئۆزگىرىش: «شايىم–شايىم ھاي–ھاي»

    قايتۇرما:

    شايىم–شايىم ھاي–ھاي

    ئەتلەس شايىم ھاي–ھاي

    سېنى كۆرسەم ئارمان يوق،

    چىمەندە خانىم ھاي–ھاي.

    شايىم–شايىم ھاي–ھاي

    گەزمال شايىم ھاي–ھاي

    گەزلەپ بەرسەم ئۇنىمايلا،

    چىمەندە خانىم ھاي–ھاي

    يارىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ،

    يۈرەكلەرىم قىينايدۇ.

    كۆزلەرىنى قىسمايدۇ،

    يىگىتلەرنى تاللايدۇ.

    12–ئۆزگىرىش: «يول بولسۇن ئۇكىجان»

    ئۇكىجان ئاتىڭ ئامانمۇ؟

    يۈكلەگەنىڭ سامانمۇ؟

    پۇل تېپىپ بەرسەم ئوبدانمۇ؟

    ئۆزۈم ساڭا يامانمۇ؟

    قايتۇرما:

    يول بولسۇن ئۇكىجان

    يول بولسۇن

    باسقان ئىزىڭىز

    گۈل بولسۇن

    .......

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1.«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»1–،2–،3–،4–،5–،7–توپلاملار (تۇرسۇن زېردىن قاتارلىقلار توپلىغان). 2.«ئون ئىككى مۇقام»باتۇر ئەرشىدىنوف (ئالمۇتا «يازغۇچى»نەشرىياتى 1987–يىل). 3.«مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە»تۇرغان شاۋۇدۇن (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995–يىلى 9–ئاي). 4.«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئىلى خەلق ناخشىلىرى» غىياسىدىن بارات، ئابدۇكېرەم ئوسمان (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995–يىل). 5. «ئىلى خەلق ناخشىلىرى» تۇرغان شاۋۇدۇن (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987–يىل). 6.«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» ئۆكتەبر جامالىدىنوف (ئالمۇتا «يازغۇچى» نەشرىياتى 1988–يىل). 7.«تارانچى قوشاقلىرى» ن.ن.پانتاسوپ 1890–يىلى پېترگراد

    مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2007–يىل 3–سان، 57–بەت، ماقالە ئاپتورى: ئابدۇۋەلى كەرىم (ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتىنىڭ پىنسىيونېرى)


    历史上的今天:





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ