-
2009-04-08
نوزۇگۇم - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
چىمەنگۇل ئاۋۇت
نوزۇگۇم!
سېنى چاقىرسام
قومۇشلار تىترەپ كەتتى،
يالا ڭئاياق پۇتلىرىمغا تېكەن پاتتى.
سەن يېنىمغا كەلدىڭ،
قولۇڭدىكى پىچاقنى قولۇمغا بەردىڭ .
چۇۋۇلغان چاچلىرىمىز،
يىرتىلغان كۆينىكىمىز....
سوغۇق شامالدا يەلپۈندى.
كۆزلىرىمىز يىراقلارغا تەلپۈندى.
ـ نوزۇگۇم!
ـ ھە ...
ئۆزىمىزچە كۈلۈشىپ كەتتۇق،
يېشىمىز بىلەن،
توپىلارنى لاي
قومۇشلارنى نەي ئەتتۇق.
نوزۇگۇم
قوللىرىڭنى مۇجۇدۇم .
لەۋلىرىمنى قانىغىدەك چىشلىدىم،
بىر چاغلاردا مەنمۇ،
سەندەك قېچىشنى،
سەندەك كۆيۇشنى،
سەندەك ئۆلۈشنى ئويلايدىغان قىز ئىدىم!
ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلاندى،
پەريادىڭ بىلەن
يۈرەك باغرىم داغلاندى:
«تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟
نوزۇك باشىغا مۇڭ چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟»
ـ نوزۇگۇم!
قەپەزدە سايرايدۇ مېنىڭ بۇلبۇلۇم،
ئۇنىڭمۇ تاغى بار،
بەلۋىغىدا پىچاق،
يۈرىكىدە داغى بار!
مەنلا ئېچىلىدىغان
قىيامەتلىك باغى بار..
مېنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش توۋلىغىم كېلەر!
ئىچىمدىكى ئوتنى بىر ئۇ بىلەر،
بىر ئاللاھ بىلەر:
يالغۇز كىيىك تاغدا قالدى،
كۈن چۈشكىدەك يەر بارمۇ؟
بۇقىسمەتنى ئىگەم سالدى،
ئېپ قاچقۇدەك ئەر بارمۇ؟
نوزۇگۇم!
ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلاندى،
ھەسرەتلىرىم ھەسرىتىڭگە باغلاندى