• 2008-05-05

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى بەزى ئادەتلەر ھەققىدە(1) - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

    ئىلى رايونى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بىرى،بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تولۇق ساقلاپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەردانە قەيسەر ئىرادىسى ،جاراڭلىق ناخشىلىرى، خۇشخۇي يۇمۇرىستىك خاراكتېرى، مېھماندوستلۇقى، گەپدانلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا شۆھرەتلىك ئورۇڭھا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى «تارانچىلار» دەپ ئاتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى قاتارلىق جايلىرىغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان.

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ "تارانچى"دېگەن نامى ھەققىدە يېقىنقى زامان تارىخىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشى،ئۆزلىرىگە قوشنا ئەل رۇسىيىگە يېقىن بولۇش،ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۆزبېك، تاتار،قاساق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىگە خاس بولغان يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

    ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىئالېكتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بېيىتتى؛ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىدىكى خۇشخۇيلۇق، تېتىكلىك، مەردانىلىك، مەردلىك؛ گەپ سۆزلىرىدىكى ھازىر جاۋابلىق، يۇمۇرلۇق بولۇشتەك خاراكتېر ئالاھىدىلىكى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۇيغۇر تويمۇراسىملىرى ئىچىدىكى بىرقەدەر خاسلىققا ئىگە بولغان مۇراسىملاردىن دېيىشكە بولىدۇ .

    مەن بۇ ماقالەمدە يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىلى يېزىلىرىدا ئۆزۈم قاتناشقان ھەم باشقىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي-ئادەتلىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.

    ئويلىنىش ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى. ئۇ تارىختىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەر تۇرمۇش ئادىتىدىكى ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ مۇجەسسىمى ھېسابلانماقتا. ئىنسانلار ئۆمرىدىكى مۇراسىملارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە داۋاملىشىشىدىن قارىغاندا، توي مۇراسىمىنىڭ شەكلى ۋە قائىدە-يوسۇنى ئەڭ مۇستەھكەم بولۇپ، ۋارىسچانلىقىمۇ ئەڭ ئۇزۇندۇر. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتىدىن قارىغاندا،ئۇيغۇرلاردا ئومۇمەن ئۆز مىللىتى ئىچىدىن نىكاھلىنىش تەكىتلىنىدۇ، مۇبادا يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا توغرا كەلگەن ھالەتتىمۇ چوقۇم ئوخشاش دىنى ئېتىقادتا بولۇش قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلانغان ئەمما بىر خىل دىنى ئېتىقاتتا بولمىغان بولسا،يات مىللەتتىن بولغان كىشى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا كىرىشى، ۋە ئۇيغۇرلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق ئېتىقات ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلىشى قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

    ئەنە شۇ خىل قاتتىق چەكلىمە بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، گەرچە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم،نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈشكە، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەن ھالەتتىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ خاس مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كەلمەكتە. يېقىنقى مىڭ يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاسىيا رايونىدا كوپ قېتىملىق سىياسى ئۆزگىرىشلەر، مىللەتلەر ئارا ئۇرۇش-يەغىلىقلار بولۇپ ئۆتتى. ئالايلۇق مىلادى 840- يىللىرى ئەتراپىدا تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر، ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىنىش، سىرتقى جەھەتتىن قىرغىزلار ۋە تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇش يېغىلىقلار سەۋەبىدىن يىمىرىلگەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى غەربكە كۆچۈپ مەركىزى ئاسىيا رايونىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ،مۇشۇ جايدا ياشايدىغان يەرلىك خەلقلەردىن سوغدلار،ساكلارنىڭ تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن تۈركلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى.

    مىلادى 852-يىلى قۇرۇلغان قارا خانىلار خانلىقى مىلادى 1212 – يىلى قارا خىتايلار (كىدانلار ) تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىپ كېيىن موڭغۇللار ئىستېلاسىغا ئوتكەن ئاز كەم 500 يىللىق ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئۆز ئېتىقادى، تىلى، ۋە تۈرلۈك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاپ قالغىنى ئۇچۇن ئاشۇ يىللاردىمۇ قارا خىتايلار ۋە موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالدىكى ھەرگىزمۇ ئۆزى باشقا يات مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقىلىپ كەتمىدى! مانا بۇ ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر قاچان پەقەت ئۆزىنىڭ تىل ئادىتى، ئېتىقادى ۋە خاس ئورۇپ ئادىتىنى ساقلاپ قالالايدىكەن بۇ مىللەتنىڭ تارىخ بېتىدە مەڭگۈ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

    ئۇيغۇرلاردا نىكاھلىنىش يېشى ئومۇمەن ئوغۇللار 16 – 17 ياشلاردا، قىزلار 15-16 ياشلاردا بولغان،مەيلى قەدىمقى دەۋرلەردىكى شامان دىنى ئېتىقادى دەۋرى بولسۇن ياكى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنى مەزگىلىدە بولسۇن ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل نىكاھلىنىش ياش چەكلىمىسىدە ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەپلەرنىڭ قىزلار 9 ياشتا، ئوغۇللار 11-12 ياشتا بالىغ بولىدۇ دېگەن ئەقىدىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلاردا بىر مەزگىل كىچىك توي قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. 1949 – يىلدىن كېيىن يېڭى نىكاھ قانۇنىدا توي قىلىش يېشى 18 ياش دەپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن، 18 ياشقا تولماي توي قىلىدىغان ئادەت ئاساسەن چەكلەندى، ئەمما تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چەت يېزا كەنتلەردە قىزلار 15-16 ياشقا تولماي ھەتتا 13-14 ياشتىلا توي قىلىدىغان ئادەتلەر ھېلىمۇ مەۋجۇد ئىكەن، مەن 2004-يىلى 7-ئايدا ۋە 2005- يىلى 8- ئايدا دەرس ئۆتۈش سەۋەبى بىلەن ئۇدا ئىككى قېتىم يەركەن شەھىرىگە بارغىنىمدا مانا مۇشۇ ياشتىكى قىزلارنىڭ ئاتا –ئانىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ياشتىكى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم، شۇ يەردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ھۆكۈمەت نېمە ئۇچۇن بۇ خىل قىلمىشنى توسمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇلار ماڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ" ئوقۇۋېرىپ يولدىن چىقىپ كەتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى" ئۇچۇن، قىزلىرىنى باشلاڭھۇچ مەكتەپنى ئوقۇتۇپلا مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ، ئەرگە بېرىۋېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇلاردىن يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ «توي خېتى»(نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ) كېسىپ بېرەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار ماڭا بۇ كىشىلەرنىڭ توي خېتى ئالمايدىغانلىقى،ئاساسەن نىكاھ ئوقۇتۇپلا (مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەت قانۇنىدىكى توي قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش مۇراسىمى )قىزلىرىنى تالالىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خەت ئېلىشقا توغرا كەلسىمۇ ئورنىغا يېشى چوڭراق باشقا بىرىنى كۆرسىتىپ توي خېتى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئامالسىز خەت كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىگىنى دىيىشتى. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇنداق 13-14 ياشتا نىكاھلىنىدىغان ئەھۋال ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ئىلى يېزىلىرىدا 15 -16 ياشلاردىكى قىزلارنىڭ ئۆزى ياخشى كورگەن يىگىتلىرى بىلەن قېچىپ كېتىپ توي قىلىدىغان ئەھۋال خېلى كوپ ئۇچرايدۇ، بۇ جەھەتتە تەڭرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالاھىدا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ  .بىز ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىمىزدا بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىمىز.

    ئۇيغۇرلاردا يېقىن تۇققانلار ئارا توي قىلىش چەكلىنىدۇ، تۇققانلار ئارا توي قىلىشقا توغرا كەلسە قانداش جەھەتتىن ئۇچ ئەۋلات يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ (ئەمما بايلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىمىلداش (بىر ئانىنى ئىمىپ قالغان ) بولمىسىلا، نەۋرىلەر ئارا توي قىلىشقا يول قويۇلغان. ئۇيغۇرلاردا ئەر ياكى ئايال ۋاقىتسىز قازا تاپقاندىن كېيىن، تۇل قالغان تەرەپ قايتا توي قىلىشنى ئىختىيار قىلسا ئۇنىڭغا يول قويىلىدۇ، لېكىن ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئاز دىگەندە 100كۇن ئىددەت تۇتۇش شەرت قىلىنىدۇ.(بۇ شەرت ئاساسەن تۇل قالغان ئاياللارغا قويۇلغان بولۇپ، ئەرلەر ئۇششاق بالىلار بىلەن بويتاق قالسا خوتۇنى ئولۇپ 40 كۇندىن كېيىن قايتا ئويلەنسە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ .) ئەر بىلەن ئايال تۇرمۇشتا چىقىشالماي ئاجرىشىپ كەتسىمۇ چوقۇم 100كۇن يەنى ئۇچ ئاي 10 كۇن ئىددەت تۇتىشى شەرت قىلىنىدۇ، بۇ خىل ئادەتنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەپ ئايالنىڭ ئۆز ئېرى بىلەن بىللە تۇرغان مەزگىلىدە ھامىلدار بولغان ياكى بولمىغانلىغىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن بولسا كېرەك.

    ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قىز بىلەن يىگىتنىڭ تويى ئومۇمەن ئەلچى كىرگۇزۇش، توي قىلىشقا كېلىشىش، توي سېلىقلىرىنى سېلىپ بېرىش، توي مېلى كىرگۇزۇش،
    نىكاھ ئوقۇش، قىزنى ئۇزۇتۇش، يىگىتنىڭ ئويىدىكى مەرىكە، ۋېچىركا، چىلاق
    ھاردۇق چاي قاتارلىق جەريانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. تۆۋەندە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مەرىكىسىدىكى بۇ جەريانلاردا ئىپادىلىنىدىغان ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

    1- ئەلچى كىرگۈزۈش:

    بۇ ئۇيغۇرلاردىكى يىگىت تەرەپنىڭ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تويغا بولغان رازىلىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىز تەرەپكە شۇ يۇرتتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىنى ئەۋەتىپ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىلى رايونىدا قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشى ئاساسەن ئومۇملاشقان بولۇپ، ئوتكەن ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىلا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ياشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ئادىتى شەكىللىنىپ بولغان، بۇ بەلكىم ئىلى رايونىدا پەننى مائارىپىڭ جەنۇب ئۇيغۇرلىرىغا قارىغاندا بىرقەدەر بالدۇر ئومۇملاشقانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بولۇپمۇ 30 – يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىننىڭ يۈرگۈزگەن قىزىل تېررورلۇق ھەرىكىتى بۇ چېگرا شەھىرىگە ستالىننىڭ قىزىل تېررورلىقىدىن قاچقان رۇس، تاتار ۋە 1881 – يىلى رۇسىيە زېمىنىغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەپ ئىلى رايونىغا قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنىنى قوزغىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇلار غۇلجا شەھرى،ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ جېلىيۇز، پەنجىم، تۇرپانيۇز، نوغايتۇ، مولتوختىيۇز، ئويمانبايتوقاي يېزىلىرى ؛ چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي، قاينۇق، قوغۇنچى يېزىلىرى ؛نىلقا ناھىيىسى قاتارلىق جايلارغا رۇسىيە تەۋەسىدىن نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەر كۆچۈپ كەلگەن . ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ نىڭ ئائىلىسىمۇ مۇشۇ قېتىملىق چوڭ كۆچۈشتە ئىلى رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىلى رايونىدىكى ئەينى چاغ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچىسى زوردۇن. سابىر «ئانا يۇرت» رومانىدا تولىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى .شۇڭا ئىلى رايونىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇپ، ئۇلاردىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يېڭىچە يۈكسىلىشكە ئىگە بولغان .بۇ خىل ئۆزگىرىش ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، ئەينى يىللاردا غۇلجىدا نۇرغۇنلىغان پەننى مەكتەپلەر قۇرۇلغان بولۇپ، شەھەردىكى گىمنازىيىلەردە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ) قىز – يىگىتلەر ئارىلاش ئوقۇيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بولغان ( زوردۇن سابىرنىڭ << ئانا يۇرت >> رومانىغا قاراڭ ).

    ئىلى رايونىدا ئەلچى ئاساسەن يىگىت بىلەن قىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا –ئانىنىڭ رايىنى سىناش ئۇچۇن ئەۋەتىلىدۇ .بۇنداق ئەلچى قىز بىلەن يىگىتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئەگەر ئاتا –ئانا بۇ تويغا رازىلىق بەرسە قىز بىلەن يىگىت توي قىلالايدۇ . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تويدا قۇدىلار ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىپ ئەلچىلىك قىلىدىغان يەنە بىر ئەلچى بولۇپ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر تۈركولوگى مەھمۇت قەشقىرى <<تۇركى تىلار دىۋانى >>دا ئۇلارنى «ساۋچى »دەپ ئاتىغان، (3-توم، 211-بەت )بۇنداق ئەلچىنى ئاۋال ئوغۇلنىڭ ئاتا –ئانىسى تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە قىز تەرەپكە ئەۋەتىدۇ، ئۇ قىز تەرەپكە بېرىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئوغۇل تەرەپنىڭ مەقسىتىنى ناھايىتى سىلىق سىپايىلىك ۋە ھۆرمەت –ئېكرام بىلەن يەتكۈزىدۇ .قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇنىڭغا قوشۇلۇش ياكى قوشۇلماسلىق ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرىدۇ .ئەگەر قوشۇلسا يىگىتنىڭ ئەلچىسىگە : «ئەگەر ئاللاتائالا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بىز رازى »دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىدۇ، ياكى مەلۇم ۋاقىت ئويلىشىپ جاۋاب بېرىشنى ئېيتىپ ئەلچىنى يولغا سالىدۇ، ئەلچى تاكى ئېنىق جاۋاب ئالغۇچە قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرىدۇ .شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «قىزى بارنىڭ نازى بار » «قىزنىڭ ئالدىغا توققۇز تازىمغا بېرىپتۇ ’’ »قىزنىڭ ماقۇل جاۋابىنى ئالماق شەھەر ئالماقتىنمۇ تەس «دېگەندەك ماقاللار تارقالغان .ئادەتتە ئەلچى قىزنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ تويغا بولغان ماقۇل جاۋابىنى ئېلىش ئۇچۇن قىزنىڭ ئۆيىگە ئۇچ قېتىم ئەلچىلىككە بارىدۇ، قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى قوشۇلماي تۇرۇۋالسا توققۇز قېتىم بارىدۇ .قىزنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ قىزىنى بۇ يىگىتكە بەرگۈسى بولمىسا :
    "
    قىزىمىز تېخى كىچىك ئىدى، قىزىمىزغا دېيىشىپ قويغىنىمىز بار ئىدى " دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ئەلچىسىنى رەت قىلىدۇ . ئوغۇل تەرەپ ئۆز نىيىتىدىن يانماي داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىۋەرسە، قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى ئوغۇلنىڭ ئاتا –ئانىسىغا ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك توي سېلىقىنى سېلىپ، ئوغۇل تەرەپنى رايىدىن ياندۇرماقچى بولىدۇ .ئوغۇلنىڭ ئاتا –ئانىسى ئوغۇلغا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئوغلىنى بۇ تويدىن ياندۇرماقچى بولىدۇ، ئەگەر ئوغۇل نىيىتىدىن زادىلا يانمىسا ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئاتائانىسى قويغان زىيادە ئېغىر شەرتنى ئادا قىلىپ بۇ توينى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .ئىلى رايونىدا شۇنداق بىر ئادەت بولۇپ، ئەگەر قىز بىلەن يىگىت توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئەمما قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇ تويغا رازىلىق بەرمىسە، يىگىت قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن دوست –ئاغىنىلىرىنىڭ ياردىمىدە قىزنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ يىراق جايدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىدۇ، بۇنى كىشىلەر ئادەتتە ئەيىبلەپ كەتمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى ناھايىتى رەنجىيدۇ، قىزنىڭ قېچىپ كەتىشى ئۇلار ئۇچۇن ئۆز ئابرۇيى تۆكۈلگەنلىك دەپ قارىلىپ كۆپىنچى چاغلاردا ئۆز قىزى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ .يىگىتنىڭ ئاتا –ئانىسى قىز بىلەن يىگىتنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە يەنە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەگەر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنىلا قوشۇلمىسا ئۇ چاغدا يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆز ئالدىغا يۇرتقا داستىخان سېلىپ بۇ توينى قىلىدۇ . ئەلۋەتتە قىز بىرەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى قىزىنى كەچۈرۈۋېتىدۇ .قۇدىلار ئارا نورمال مۇناسىۋەت ئەسلىگە كېلىپ ئۆز –ئارا بېرىش –كېلىش قىلىشىدۇ .يەنە بەزى ئاتا –ئانىلار قىزنىڭ قېچىپ كەتكەن يېرىنى تېپىپ ئۆز قىزىنى ئېلىپ كېتىدۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا يىگىت ئاسانلىقچە ئۆز رايىدىن يانمايدۇ، ياخشى كۆرگەن قىزىنى بىرنەچچە قېتىم ئېلىپ قېچىش ئىلى ياشلىرى ئارىسىدا يىگىتنى جىگەرلىك، قەيسەر يىگىت ئىكەن دېگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ .مېنىڭ دادامنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاپامنى توققۇز قېتىم ئېلىپ قاچقان ئىكەن، چوڭ دادىمىزنىڭ جاھىللىقىغا ئامال قىلالمىغان چوڭ ئاپامنىڭ دادىسى ئاخىرى قىزىنى چوڭ دادامغا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن، ئۇلار كېيىن توققۇز ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپ مېھرى مۇھەببىتى بىلەن تولىمۇ بەختلىك ياشىغان ئىكەن، 1980- يىلى چوڭ دادام ئۆلۈپ كەتتى ئەمما چوڭ ئاپام بۇ يىل 81 ياشتا ھېلىمۇ ناھايىتى تىمەن تۇرىدۇ .ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا ھېلىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى سۈپىتىدە سۆزلىنىپ تۇرىدىكەن .ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ قېچىش ئادىتى ھېلىمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بار ئىكەن . ياش ئانىلار ئۆز ئوغۇلىرىنى ئەركىلەتكەندە »ئوغلۇم چوڭ بولغاندا قىز ئېلىپ قېچىپ كەلگىن جۇمۇ !-دەپ ئەركىلىتىدىكەن . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ قاچالىغان يىگىت مەرد غۇرۇرلۇق يىگىت سانىلىپ ياشلار ئارىسىدا ھۆرمەتلەنگەن .ئەمما قەشقەر، ھوتەن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا قىزنى ئېلىپ قېچىش ئادىتى يوق ئىكەن.





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ