• 2008-05-05

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى بەزى ئادەتلەر ھەققىدە (2) - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

    2- رەھمەت –تازىم : (توي قىلىشقا كېلىشىش)

    ئەلچى قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ توي قىلىشقا كېلىشىدۇ . يىگىتنىڭ ئاتا –ئانىسى قىزنىڭ ئاتائانىسىنىڭ تويغا ماقۇل بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى دوستلىرىنى ئېلىپ، قىزغا ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا سوغاتلارنى ئېلىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە تونۇشۇشقا بارىدۇ .ئىلى رايونىدا بۇ ئادەت « رەھمەت – تازىم » دېيىلىدۇ، توينىڭ بۇ باسقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلىشقا رەسمىي كېلىشكەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بۇنى «كىچىك چاي ’’دەپ ئاتىسا ئاقسۇدا » داستىخان تاشلاش «، قەشقەردە » مەسلىھەت چاي «، خوتەندە »قىز كۆرۈش «، دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتايدۇ .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن
    »
    رەھمەت – تازىم «تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ توي قىلىشقا رەسمىي پۈتۈشكەن بولىدۇ . شۇ كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئايرىم ئۆيگە چىقىپ، قىزنىڭ تويلۇقى ۋە يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە بېرىدىغان » ئاش سۈيى « توغرىسىدا كېڭىشىپ بېكىتىدۇ .ئەگەر قۇدىلار ئۆزارا يېقىن بولۇپ تويلۇقنى يەڭ ئىچىدە كېلىشىۋالغان بولسا قايتا مەسلىھەت قىلىشنىڭ ھاجىتى تۇغۇلمايدۇ.

    ئۇيغۇرلاردا قىز تەرەپنىڭ تويلۇقى ئۇچۇن زىيادە مال تەلەپ قىلىش ئادىتى يوق
    ئاساسەن ھەر كىم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا يارىشا تويلۇق ئالىدۇ . قىزنىڭ تويلۇقى كۆپىنچە ھاللاردا قىزغا كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئېلىش،قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قىزنى باققان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يىگىت تەرەپ بىر كىيىملىكتىن رەخت ئېلىش بىلەن چەكلىنىدۇ . قازاقلاردا بولسا قىز تەرەپكە » قالىن مال « (زور مىقداردىكى پۇل بېرىشى ) ئادىتى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا تويلۇق ئۇچۇن زىيادە كوپ مۈلۈك تەلەپ قىلىشنى »قىزنى ساتقانلىق«دەپ ئەيىب كۆرىدۇ، ئەمما قىز بىلەن يىگىتنىڭ نىكاھىنى ئوقۇغان چاغدا، يىگىت تەرەپنىڭ ۋەكىلى بىلەن قىز تەرەپنىڭ ۋەكىلى تالاش –تارتىش
    قىلىش ئارقىلىق قىزنىڭ مېھرى ھەققىنى بەلگىلەيدۇ بۇ ھەق ناھايىتى ئاز مىقداردىكى پۇل بولۇپ، ئادەتتە 51 تەڭگىدىن ھىساپلىنىپ 103 ياكى 105 تەڭگە دەپ بېكىتىلىدۇ .

    مېھرى ھەققى ئېلىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن قالغان ئادەتلەردىن بولۇپ بۈگۈنكى زاماندىمۇ قىز بىلەن يىگىتنىڭ نىكاھىنى ئوقۇغان چاغدا مېھرى ھەققى بەلگىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇ ئادەت بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلاڭھان بولۇپ، قىزنىڭ مېھرى ھەققىنى توي كېچىسى ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت قىزغا بولغان رازىمەنلىكى ھەم مۇھەببىتى سۈپىتىدە قىزغا بېرىدۇ .ئەگەر يىگىت مېھرى ھەققىنى توي كېچىسى ئۆتۈپ بولۇپ بېرەلمىگەن بولسا ئايالىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ،كېيىنكى چاغلاردا بەرسىمۇ بولىدۇ، ئەمما شۇ ئۆمرىدە مەيلى قايسى چاغدا بولسۇن، مېھرى ھەققىنى چوقۇم بېرىشى شەرت .
    بۇ خىل ئادەت تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئانچە تەكىتلەنمەيدۇ .

    3- ئاقلىق چاي (چوڭ چاي)

    ئۇيغۇرلاردا قىز ھەم يىگىتنىڭ ئاتا –ئانىلىرى توي قىلىشقا كېلىشكەندىن كېيىن
    يىگىت تەرەپ خەيرلىك بىر كۈننى تاللاپ قىزنىڭ ئۆيىگە تويلۇق، ھەم توي كۈنى
    قىز تەرەپ مېھمانلارنى ئۇزىتىشقا لازىم بولىدىغان (ئاش سۈيى )يېمەكلىكلەرنى ئەكېلىدۇ .بۇ مۇراسىم ئىلى رايونىدا »ئاقلىق چاي « دەپ ئاتىلىدۇ، باشقا جايلاردا بولسا » چوڭ چاي «، »ساندۇق توي «، » مال كىرگۈزۈش «دېگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ، ئەمما خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ كۈنى قىزنىڭ ئۆيىدە خېلى چوڭ مەرىكە بولىدۇ .

    ئاقلىق قاي ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى يىگىت تەرەپ قىزغا 3 سانىنى بىرلىك قىلغان ئاساستا ئۇيغۇرلاردىكى مۇكەممەللىكنىڭ سىمۋولى بولغان 9 سانىغا تولدۇرۇپ كىيىم ئەكېلىدۇ، يەنى باش كىيىم، ئۈستۋاش، ئاياق كىيىم ؛ يازلىق، كۈزلۈك قىشلىقكىيىم ؛ ئوي ئىچىلىك، تالالىق، مېھمانلىق كىيىم قاتارلىق ھەر بىرىدىن 3 قۇردىن جەمى 9 قۇر بولۇشى شەرت .قىزغا ئالىدىغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا ئالىدۇ، كىيىم-كېچەك ئالغاندىمۇ 3يەردە 3 جەمى 9 بولۇشقا ئەتىۋار قىلىنىدۇ، ئەمما كىيىمنىڭ باھاسى ئانچە سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان بولۇپ ھەر كىم ئۆز ھالىغا قاراپ تويلۇق ئالىدۇ .ئاش سۈيىمۇ 9 سانىنى بىرلىك قىلغان بولۇپ،تىرىك مال (چوڭراق قوي، ياكى بىر ئۆكۈز )، گۈرۈچ، ۋە ئوتۇن-كۆمۇر (ھازىر نۇرغۇن جايلاردا ئوتۇن –كومۇر ئاساسەن ئېلىنمايدىغان بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە تويدا ئىشلىتىش ئۇچۇن تاتلىق-تۇرۇم پىشۇرۇقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئىلى رايونىدا بۇ نەرسىلەر ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ھەرقانداق جايدىنمۇ جىق ئېلىنىدىكەن .بولۇپمۇ ئۆزلىرىنى تارانچى دەپ ئاتىشىدىغان ئىلى دېھقانلىرى ئارىسىدا ئاش سۈيى ئەكىلىشتىن سىرت يىگىتنىڭ يېقىنلىرى توي كۈنى قىز تەرەپكە كېلىپ بىر كۈن ئىشلەپ بېرىدىكەن،

    1998- يىلى يازدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدىكى بىر تويدا مەن شۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما ئۈرۈمچى، قەشقەر، ھوتەن، كورلا، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىڭ ھېچقايسىدا توي كۈنى يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئۆيىدە بىر كۈن مېھمان كۈتىدىغان ئەھۋالنى كۆرمىدىم، باشقىلاردىن سورىساممۇ ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يوقلىغىنى ئېيتىشتى .تويغا تىرىك مال ئەكىلىش ۋە تويدا يىرىك مال سويۇش ئادىتىگە كەلسەك، بۇ ئادەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە بىر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلىسە كۆپىنچە چاغلاردا تىرىك مال ئولتۇرۇپ نەزىر قىلىدۇ مەيلى توي مەرىكىسى بولسۇن ياكى ئۆلۈم مەرىكىسى بولسۇن ۋە ياكى يېڭى بىر جان بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بولسۇن ئۇيغۇرلار ئىشنىڭ ئاخىرى خەيرلىك بولۇشىنى تىلەپ چوقۇم تىرىك مال سويۇپ نەزىر قىلىدۇ بۇ ئارقىلىق خۇدادىن ھەممە ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك، يۈرۈشلۈك بولۇشىنى تىلەيدۇ، شۇڭا توي كۈنى چوقۇم تىرىك مال سويۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .بۇ ئەن-ئەنە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقات قىلىۋاتقان ئاشۇ قەبىلە تۈزۈمى دەۋرىدىلا بولغان ئىكەن.

    ئاش سۈيىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان قوي ياكى كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە قىزىل تاۋارنى چىگىپ تويى بولىدىغان يىگىتنىڭ بىرنەچچە ئاغىنىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ .قىز تەرەپمۇ توينىڭ ئاش سۈيىنى ئېلىپ كەلگەن ياشلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، يىگىتلەرگە توينىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قىز ئۆز قولى بىلەن ئىشلىگەن قول ياغلىق، ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ .ھازىر ئاساسەن بىردىن كۆينەك سوۋغا قىلىنىدۇ.





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ