• لوپنۇر- تار مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر كۆلىگە ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر ئويمانلىقىغا قارتىلغان . لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان . ئۇ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 55 مىليۇن يىل بۇرۇنقى «تاغ ھاسىل بولۇش ھەركىتى » جەريانىدا چىڭخەي – شىزاڭ ئىگىزلىگى كۆتۈرۈلۇپ چىققاندىن كېيىن تاغ سۇلىرى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ قۇيۇلىشىدىن ھاسىل بولغان . خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا  بۇنىڭدىن ئىككى مىليۇن يىل بۇرۇن لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۇزى كۆلىمى 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 2000مىڭ يىل بورۇن 5000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن .  يېقىنقى زاماندا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىنىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ  زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ، نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ، زاۋۇت - كارخانلارنىڭ قۇرۇلۇشى  ، چوڭ – كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ ياسىلىشى  ، دەريا سۇينىڭ قۇرۇپ كىتىشى، تۇپەيلىدىن  لوپنۇر كۆلى سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ، قاقاس شورلۇق ئويمانلىققا ئايلىنىپ قالغان .
      لوپنۇر  رايونىنىڭ كىلىماتى كۈچلۈك  چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ، ھاۋا رايى تۇراقسىز . ياز كۈنلىرى بۇ جاي ئوتتەك قىزىپ ، چۈشتە يەر يۇزى تېمپېراتۇرسى 60 – 70 سېلسىيە گېرادۇسقا يېتىدۇ . 6 – 7 ئايلاردا 82 سېلسىيە گېرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ . كېچىسى تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ 0 سېلسىيە گېرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇ يەر بىر« كۇيىقاپ » بولۇپ ، بىر يىلنىڭ يېرىمىدە دېگۇدەك قاتتىق بوران چېقىپ تۇرىدۇ ، يەر يۈزى پۈتۈنلەي شورلۇق بولۇپ  ، ئېگىز – پەس دۆڭلۈك ، ئازگال ۋە يارداڭلار بىلەن قاپلانغان . بوران چىققاندا يەر – جاھاننى  زۇلمەت قاپلاپ كېتىدۇ . قۇم – شېخىللار ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرىدۇ  . بۇ يەردە ھەمىشە  تۈرلۈك خىيالى مەنزىرلەر ۋە ئېزىتقۇ كۆرنۈشلەر كۆرۈنۈپ  ، ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ ، ئۆلۈم يولىغا باشلايدۇ . شۇڭا گېئولوگلار بۇ يەرنى «سېپىلى يوق ئېزىتقۇ ئوردىسى » دەپ ئاتايدۇ .

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :