• 2010-05-19

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎﺕ – لوپنۇر - [تەرمىلەر]

    شىنجاڭدىكى تىلسىمات – لوپنۇر
    مەخسۇت ھېيت 

     
    لوپنۇر- تار مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر كۆلىگە ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، لوپنۇر ئويمانلىقىغا قارتىلغان . لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان . ئۇ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 55 مىليۇن يىل بۇرۇنقى «تاغ ھاسىل بولۇش ھەركىتى » جەريانىدا چىڭخەي – شىزاڭ ئىگىزلىگى كۆتۈرۈلۇپ چىققاندىن كېيىن تاغ سۇلىرى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ قۇيۇلىشىدىن ھاسىل بولغان . خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا  بۇنىڭدىن ئىككى مىليۇن يىل بۇرۇن لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۇزى كۆلىمى 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 2000مىڭ يىل بورۇن 5000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن .  يېقىنقى زاماندا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىنىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ  زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ، نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ، زاۋۇت - كارخانلارنىڭ قۇرۇلۇشى  ، چوڭ – كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ ياسىلىشى  ، دەريا سۇينىڭ قۇرۇپ كىتىشى، تۇپەيلىدىن  لوپنۇر كۆلى سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ، قاقاس شورلۇق ئويمانلىققا ئايلىنىپ قالغان .
      لوپنۇر  رايونىنىڭ كىلىماتى كۈچلۈك  چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ، ھاۋا رايى تۇراقسىز . ياز كۈنلىرى بۇ جاي ئوتتەك قىزىپ ، چۈشتە يەر يۇزى تېمپېراتۇرسى 60 – 70 سېلسىيە گېرادۇسقا يېتىدۇ . 6 – 7 ئايلاردا 82 سېلسىيە گېرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ . كېچىسى تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ 0 سېلسىيە گېرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇ يەر بىر« كۇيىقاپ » بولۇپ ، بىر يىلنىڭ يېرىمىدە دېگۇدەك قاتتىق بوران چېقىپ تۇرىدۇ ، يەر يۈزى پۈتۈنلەي شورلۇق بولۇپ  ، ئېگىز – پەس دۆڭلۈك ، ئازگال ۋە يارداڭلار بىلەن قاپلانغان . بوران چىققاندا يەر – جاھاننى  زۇلمەت قاپلاپ كېتىدۇ . قۇم – شېخىللار ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرىدۇ  . بۇ يەردە ھەمىشە  تۈرلۈك خىيالى مەنزىرلەر ۋە ئېزىتقۇ كۆرنۈشلەر كۆرۈنۈپ  ، ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ ، ئۆلۈم يولىغا باشلايدۇ . شۇڭا گېئولوگلار بۇ يەرنى «سېپىلى يوق ئېزىتقۇ ئوردىسى » دەپ ئاتايدۇ .
    لوپنۇر رايۇنى قاقاس چۆل – جەزىرە بولسىمۇ ، بۇ يەردە ياۋا كەندىر ، توغراق ، يۇلغۇن ، ئازغان ، چۈچۈكبۇيا ، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ؛ ياۋا تۆگە ، ياۋا ئۆدەك ، جەرەن ، توشقان ، قارا تايغان بۇغا ، دالا يىلىنى ، كەسلەنچۈك قاتارلىق ھايۋانلار ؛ كالىي تۇزى ، گەج ، ماگنىي قاتارلىق مېنراللار بار . شۇڭا ئېلىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ گېئولوگىيە ، بوتانىكا ، ئارخېئولوگىيە ئالىملىرى لوپنۇر رايۇنىغا قىزىقىپ ، ھەر خىل تەكشۇرۇشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە  :
    روسىيەلىك مەشھۇر جۇغراپىيە ئالىمى ، كاتوگراف ۋە  ئېكسپىدىتسيىچى پىرژىۋالىسكىي (1839-1888 ) 1876- يىلىدىن 1877 – يىلىغىچە  لوپنۇر رايۇنىدا تۇنجى قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم تۇنجى بولۇپ ياۋا تۆگىنى ئۇچراتقان ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن شۋېتسيىلىك جۇغراپىيە ئالىمى ۋە  ئېكسپىدىتسيىچى سېۋىن ھىدىن (1865-1952) 1893 – يىل 3 – ئاينىڭ 10 كۈنى ۋە 1900- يىلى 3 – ئايدا لوپنۇر رايۇنىغا كىرىپ ، چۇڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم بۇ يەرنى خەرىتىگە ئالغان ، ئۇ تۇنجى بولۇپ لوپنۇر كۆلى «كۆچمە كۆل » دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ 1934 – يىلى لوپنۇرغا يەنە يەنە بىر قېتىم كىرگەن ، بۇ جەرياندا ئۇ كىرورەن خارابىسىنى قېزىپ ، نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان . ئۇنىڭدىن كېيىن 1906 – يىلى 12 – ئايدا ياپۇنىيىلىك  ئېكسپىدىتسيىچى جۇرۇيچياۋ  قاتارلىقلار لوپنۇر رايۇندىكى كىرورەن خارابىسىنى قازغان.
    ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى 1927 – يىلىدىن 1930 يىلىغىچە جوڭگۇ – شۋېتسيە غەربىي شىمال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە لوپنۇر رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، قەدىمكى تۇتېم خارابىلىرىنى تاپقان ھەم نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋالغان ، 1957 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە يەنە  لوپنۇر رايۇنىدىكى  كىرورەن خارابىسىدە تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بارغان ، 1948 – يىلى «لوپنۇردىكى ئارخېئولوگىيىلىك خاتىرلەر » ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان .
    لوپنۇر رايۇنى ئىسمى جىسمىغا لايىق «سىرلىق ئوردا » بولغاچقا ، بۇ يەرگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئالىملار ، تېخنىكلار ، جەڭچىلەر ، ۋە ساياھەتچىلەر سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن ياكى ھاياتىدىن ئايرىلغان : 1960 – يىللاردا شىنجاڭ نېفىت تەكشۈرۈش ئەتىرتىنىڭ بىر ياش ئايال تېخنىكى  چېدىر سىرتىدا خەرىتە كۆرىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز قۇيۇن چىقىپ  خەرىتىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن ، ئۇ قىز خەرىتىنى تۇتىۋالىمەن دەپ كېتىۋىرىپ غايىپ بولغان ؛ يەنە بىر جەڭچى تۆگىگە مىنىپ ئىش ئورنىغا كېتىۋاتقاندا تۆگە بىلەن بىللە يوقاپ كەتكەن ؛ 1981 – يىلى 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئالىمى جوڭگو پەنلەر ئاكاېنىيسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسۇر پېڭ جيامۇ لوپنۇردا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىۋاتقاندا قۇمقۇدۇق ، دېگەن جايدا يوقاپ كەتكەن . 1978 – يىل 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى لوپنۇر كۆلى بويىدىكى 36 – نۇمۇرلۇق ھەربىي گازارمىدا ئالاقىلشىش جەڭچىسى جاڭ شياۋۋېي ھاجەتخانىغا كېتىۋىتىپ غايىپ بولغان . ئېيتىلىشچە ، شۇ چاغدا جەڭچىلەر ھاۋا بوشلۇقىدا نۇرلۇق ئوت شارى ( نامەلۇم ئۇچار جىسىم ) نىڭ ئۇچۇپ يۇرگەنلىگىنى كۆرگەن ؛  ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئېكسپىدىتسيىچىسى ۋە ساياھەتچىسى شۈي چۇنشۈن 1997 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى لوپنۇر چۆلىگە كىرگەندە ، ئۇسسۇزلۇقتا  ماغدۇرسىزلىنىپ چېدىر ئىچىدە  ھاياتىدىن ئايرىلغان .
    ساياھەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ، لوپنۇر رايۇنىغا كىرىشكە تەۋەككۇل قىلىدىغانلار كۆپەيمەكتە . لېكىن لوپنۇرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئادەتتىكى چۆل – جەزىرىلەرگە  ئوخشاشمايدۇ ، شۇڭا ئۇ يەرگە كىرىشتىن ئاۋال پۇختا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك .

    分享到:

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ