•     نۈۋەتتە QQ بىلىپ بىلمەي ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توردىكى ئەڭ چوڭ پاراڭلىشىش قورالى بولۇپ قالدى ، بەلكىم ھەممىز QQ نى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىۋاتقان بولىشىمىز مۈمكىن.
        تىڭشۈن شىركىتى QQ2008 نەشرىنى ئىلان قىلىپ، ئارقىدىنلا QQ2009 نىڭ سىناق نەشرىنى ئىلان قىلغانلىقىدىن، بەلكىم خەۋىرىڭىز بولسا كىرەك . بەلكىم سىناق نەشرىنىمۇ چۈشۈرۈپ ، سىناپ باققان بولىشىڭىز مۈمكىن ، QQ2009 دىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق ئۇنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئىشلەتكەنلىگىدە بولسا كىرەك . بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ QQ دا ئۆز ئانا يېزىقىمىزدا پاراڭلىشىقا شارائىت يارىتىپ بەردى ، لىكىنQQ2009 ئۇيغۇر يېزىقىنى تەل تۈكۈس قوللايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى QQ2009 سىناق نەشرىدە تىخى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش ئوڭدىن سولغا يېزىلدىغان يېزىقلار ئۈچۈن ئوڭدىن باشلاپ يېزىش شەكلى ئىشلىتىلمىگەن بولغاچقا ، ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ يوللىغاندا ئاسانلا خەت شەكلى بۇزۇلۇپ كىتىش ئەھۋالى يۈز بىرىپ نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ .
        نۈۋەتتە تىڭشۈن شىركىتى ئۆز مۇنبىرىدە QQ2009 ئۈچۈن تەكلىپ - پىكىر يىغىۋاتىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئىلان قىلىندىغان QQ2009 نىڭ رەسمىي نەشىرىدە تولۇق قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، سىزنىڭمۇ بۇ تۇغرىسىدا پىكىر - تەكلىب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
    مەن ئازراق بولسىمۇ تەكلىب بېرىپ قويدۇم، خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچقا دىمەكچى مەقسىدىمنى ئىنىق ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولىشىم مۈمكىن . تۈۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.
    http://support.qq.com/cgi-bin/beta1/content?tid=913883&start=0&num=20&order=0#addpage

  •   QQدا قاچانغىچە ئانا يېزىقىمىزدا پاراڭلاشمايمىز؟ QQ2009 Preview نەشرىنى ئىشلىتىڭ

    قىزىق ئىشقۇ بۇ،ھازىر تېخى 2008 – يىلى تۇرسا، قانداقسىگە QQ2009 Preview نەشرى بولىدۇ؟ كۆرمىسىڭىز بىلمەيسىز، كۆرسىڭىز ئاندىن بىلىسز.

    تىڭشۈن شىركىتى TM2008 نىڭ 4-سىناق نۇسخىسىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، توردا QQ2009 Preview نەشرى پەيدا بولدى. QQ2009 Preview نەشرى QQ2008  نەشرىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان تېخنىكىلىق سىناق نەشرى بولۇپ ، پەقەت قىسمەن ئابۇنتلار ۋە ئىچكى قىسىمدا سىناشقىلا تەمىنلىگەن بولغاچقا ، كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولالمىغانتى . QQ2009 Preview نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئارتوقچىلىقى، ئۇنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولۇپ ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى تەل – تۈكۈس قوللىغانلىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، گەرچە QQ2009 Preview دا ئوڭدىن سولغا يېزىلدىغان يېزىقلار ئۈچۈن ئوڭدىن باشلاش كونۇپكىسى بىلەن ۋاقتىنچە تەمىنلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوت يۈرەك تورداشلارنىڭ تىڭشۈن شىركىتىگە كۆپلەپ تەكلىب بىرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئەھۋال QQ2009 رەسمىي نەشىرىدە قوللانغۇسى .

  •      ئادەم ياشاشتا ۋاستىگە موھتاج. بۇ يەردە ۋاستە ماددىي ۋاستىمۇ، مەنىۋى ۋاستىمۇ بولشى مومكىن. ئىشقىلىپ ئۆلۈپلا قالماي تىرىك يۈرۈش مەخسەت قىلىنسا ، ئۇ ھالدا ماددى ۋاستە ئەڭ موھىم، شۇنداقلا بىردىنبىر ۋاستىگە ئايلىنىپ، مەنىۋى ۋاستىنىڭ ھىچقانداق قىممىتى قالمايدۇ. ئەمما ئادەم ماددىي ۋاستىنى بىردىنبىر تىرىكچىلىك ئاساسى قىلۋالسا، ئادەمنىڭ باشقا نەرسىدىن پەرقى نىمە؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تىپىشتا كىشى قىينىلىپ قالدۇ.

  •             ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىمىدى،مەنمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمىگەن ئىدىم.لېكىن كاج تەغدىر بىزنى ئارلىق ساقلاشقا مەجبۇرلاپ قويدى.نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق ئارلىق ساقلاپ ئىنتىزارلىق ئىلكىدە ياشايمىز،بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاپ بېرەلمەيتتى.بىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىن رەنجىشكە باھانىمىز يوق ئىدى.ئەگەر رەنجىشكە توغرا كەلسە ئۇ مەندىن رەنجىسە ھەقلىق بولاتتى.لېكىن ئۇ تولىمۇ كەڭ قورساق بولغاچقا يەنە ماڭا ئامانلىق تىلەپ ئاچچىق ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ،قەلبى يىغلاپ تۇرسىمۇ ماڭا شاتلىق ئاتا قىلىشقا تىرىشاتتى.ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەشتىن باشقىغا قۇدرىتىم يەتمەيتتى.ئۇ ـــ دەل تەكلىماكاندۇر.

  •  غالىب بارات ئەرك

     « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام دۇنيادا نوپۇسى سەككىز مىليوندىن ئارتۇق تۇركىي تىل سىېستىمىسىدا سوزلىشىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30 نەچچە دولەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا. مانا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنى « ئۇيغۇر » نامى قانداق مەنىگە ئىگە؟ قاچاندىن بېرى قوللىنىلغان؟  دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى جاۋابسىز، بىز توۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

  • چىنگىزخان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ تېخى ئۆز يېزىقى يوق ئىدى.ھەر قېتىم ھەربىي بۇيرۇق چۈشۈرگەندە ياكى ئەلچى ئەۋەتكەندە پەقەت قول ئىشارىسى قوللىناتتى. بۇ ھەربىي بۇيرۇق ۋە خانلىق پەرماننىڭ توغرا يەتكۈزۈلىشىگە ئېغىر تۇسالغۇ بولۇپ مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تونۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزدى.چىنگىزخان خەت بىلمىگەچكە سانسىزلىغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولدىن بېرىپ قويدى، بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئەڭ ئالى ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن يېزىقى بولماسلىقنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقى ۋە قولايسىزلىقىنى تېخىمۇ ھىس قىلىدىغان بولدى. خۇشاللىنارلىقى، ئۇنىڭ مۇڭغۇل يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ناھىيىتى تېزلا مۇڭغۇل يايلىقىدا رىئاللىققا ئايلاندى.

  • ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى - قازاقىستان، قىزغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈرۈكمەنستان ۋە تاجىكىستان زېمىنلارىدا مەلۇم دەرىجىدە چوڭ - چوڭ توپلارنى ھاسىل قىلغان ھالدا جايلاشقان.
    قىرغىزىستاندا 36مىڭ ئۇيغۇر ياشىماقتا، ئۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭى شەھەرلەردە، 16مىڭى يېزىلاردا ياشايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى جەنۇب ئۇيغۇرلىرى ۋە شىمال ئۇيغۇرلىرى دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. جەنۇب ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتى، ئۇش شەھىرى، قارا سۇ، قەشقەر قىشلاق يېزىلىرىدا ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بىر نەچچە مەھەللىقلەرنى تەشكىل قىلغان.
    بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن. قالغان قىسىمى ئاز بولۇپ شالاڭ جايلاشقان. شىمال ئۇيغۇرلىرى بولسا قىرغىزىستاننىڭ شىمالدىكى بېشكەك، قارا بالتا، سۇقۇلۇق، قارا قۇل شەھەرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قاراقۇل، ئېردېق ۋە تېپلوكليوچكا قاتارلىق يېزىلاردا ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن كەلگەن ، ئۇلار مۇشۇ كۈنگىچە ئۆز يۇرتىلىرى بىلەن خەت - ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ.

  • قەشقەر- ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى. ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن سودا، مەدەنصيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر، ئەنە شۇ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق رايونلار ۋە ئەللەر بىلەن باردى- كەلدى، سودا- سېتىق قىلىشقان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنصيىتى بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋىرلەردە قەشقەر ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودا، مەدەنصيەت مەركىزى ۋە مەلۇم دەۋىرلەردە سىياسىي مەركىزىي بۇلۇپ كەلگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا گۈللىنىش تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بىلەن جاھان ئەللىرىنىڭ دىققەت نەزەرىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن.

  • بۇرۇنقى «خەنزۇ بازىرى»ئۆزىنىڭ ئىلى بازار مەدەنىيىتىدىكى «پېشقەدەم ئاقساقال»لىق مەرتىۋىسى ۋە ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى تۈرتكىلىك رولى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى» تىپىك مەھەللىۋى ئاساستا تەبىئىي شەكىللەنگەن، قويۇق مىللىي بازار مەدەنيىتى تۈسىگە ئىگە توۋار ئوبورت مەيدانى سۈپىتىدە توۋار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، بازار كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، بازار سودىسىنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە بازار كەيپىياتىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكى بىلەن بازار ئارىلىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەگەر بىز بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى»نى چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، مەزكۈر بازارنىڭ نەچچە مىڭلىغان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن كەلگۈچى قول–ھۈنەرۋەن، سودا–سېتىقچى، يايمىچىلەر بىلەن زور كۆپلىگەن تۆۋەن ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى خېرىدارلاردىن تەشكىللەنگەن غايەت زور «ئاجىزلار كوللىكتىپى»نىڭ كۈندۈلۈك تىرىكچىلىك مەيدانى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

  •     ئەسكى بولدۇم

    بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
    ئوتۇنىڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم ،
    سا غاي دېسەڭ سېيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
    پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .

    تاتلا دېسەڭ، سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
    چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
    ئۆزۈمدە يوق، ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
    ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .

  • خەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ   ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965- يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

  •  قەشقەر ئۇيغۇرلىرى

    قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمىلاق باش (براخىكىفال)، ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزى سوقىچاقراق(ئات يۈز)، بۇرنى ئوتتۇراھال كەڭ، لېكىن ئېگىز (قۇش تۇمشۇق بۇرۇن بىلەن تۈز بۇرۇن ئارىسىدا)، چاچلىرى قارا قۇڭۇررەڭ، قوي كۆزلۈك، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، ئەگىم قاشلىق، تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بولۇپ، ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تازىلىققا ۋە گىرىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆلىما ۋە كاسىپ كىشىلەرگە دوست ۋە ئامراق كېلىدۇ، ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدۇ، ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ.

  •       ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بىر كەسكىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن يېقىندا بەزى تورداشلار سورىغان «مەن قانداق قىلىمەن؟»، «بىز قانداق قىلىمىز؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ، بىر ئاز ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، تاشقى سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىۋاتقان چېكىنىشلەرنى ئۇلارنىڭ مۇنداق 4 چوڭ ناچار ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم: (1) كىتاب ئوقۇماسلىق، (2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، (3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق، ۋە (4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىش. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق 3 ئىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم: مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش. مەن بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىگە ۋە ناخشا-ئۇسۇلغا ئەمەس، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىپ تەربىيىلەش، يەنە بىرى بولسا، ھازىرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سورۇن پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى، مەسىلەن، يېرىمىنى، كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتىدىغان قىلىش، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ئەھۋالىنى مەن ياخشى بىلمەيمەن. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 175 مىليوندىن كۆپ تۈردىكى كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ھەر يىلىغا نەشر قىلىنىدىغان كىتابنىڭ تۈرى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.

  •     تاماكا چەككەن ئادەممىڭ چىرايىدىن نۇر كېتىدۇ،تېرىسى بۇزۇلىدۇ. بارماق ،تىرناق ،چىىشلىرى سارغىيىپ ئەسلى گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ.تېخىمۇ يامىنى شۇكى، تاماكا باھنىڭ زەيىپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تاماكا تاماكا چەككۈچى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى زور دەرىجىدە قۇرۇتۇپ ، يىگىلىتىپ تاشلايدۇ-دە،ئۇلار تېزلا زەكىرى قاتماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.كۈنىگە بىرقاپ تاماكا چېكىدىغان،35ياش ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ 72%ى شۇخىل كېسەلگە گىرىپتار.دېمەككى ، خوتۇننىڭ ئالدىدا بېشى پەس،روھى چۇشكۈن، كۆڭلى غەم-غۇسكە لىق تولغان! مانا بۇبىزدىكى ئاران-ئاران ئۆزىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان، پەرزەنتلىك بولالماي دوختۇرخانىمۇ-دوختۇرخانا قاترايدىغان، خوتۇنلىرى يات ئەرلەرنىڭ كەينىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان ، خوتۇنلىرى گېپىگە كىرمەيۋاتقان بىچچارە ئەرلەرنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى!

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :