• 2008-04-27

    QQ2009 دا ئۇيغۇر يېزىقىنى تولۇق قوللاش ئۈچۈن پىكىر - تەكلىب بىرەيلى ! - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]

        نۈۋەتتە QQ بىلىپ بىلمەي ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توردىكى ئەڭ چوڭ پاراڭلىشىش قورالى بولۇپ قالدى ، بەلكىم ھەممىز QQ نى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىۋاتقان بولىشىمىز مۈمكىن.
        تىڭشۈن شىركىتى QQ2008 نەشرىنى ئىلان قىلىپ، ئارقىدىنلا QQ2009 نىڭ سىناق نەشرىنى ئىلان قىلغانلىقىدىن، بەلكىم خەۋىرىڭىز بولسا كىرەك . بەلكىم سىناق نەشرىنىمۇ چۈشۈرۈپ ، سىناپ باققان بولىشىڭىز مۈمكىن ، QQ2009 دىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق ئۇنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئىشلەتكەنلىگىدە بولسا كىرەك . بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ QQ دا ئۆز ئانا يېزىقىمىزدا پاراڭلىشىقا شارائىت يارىتىپ بەردى ، لىكىنQQ2009 ئۇيغۇر يېزىقىنى تەل تۈكۈس قوللايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى QQ2009 سىناق نەشرىدە تىخى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش ئوڭدىن سولغا يېزىلدىغان يېزىقلار ئۈچۈن ئوڭدىن باشلاپ يېزىش شەكلى ئىشلىتىلمىگەن بولغاچقا ، ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ يوللىغاندا ئاسانلا خەت شەكلى بۇزۇلۇپ كىتىش ئەھۋالى يۈز بىرىپ نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ .
        نۈۋەتتە تىڭشۈن شىركىتى ئۆز مۇنبىرىدە QQ2009 ئۈچۈن تەكلىپ - پىكىر يىغىۋاتىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئىلان قىلىندىغان QQ2009 نىڭ رەسمىي نەشىرىدە تولۇق قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، سىزنىڭمۇ بۇ تۇغرىسىدا پىكىر - تەكلىب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
    مەن ئازراق بولسىمۇ تەكلىب بېرىپ قويدۇم، خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچقا دىمەكچى مەقسىدىمنى ئىنىق ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولىشىم مۈمكىن . تۈۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.
    http://support.qq.com/cgi-bin/beta1/content?tid=913883&start=0&num=20&order=0#addpage





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ