• 2008-04-25

    QQدا قاچانغىچە ئانا يېزىقىمىزدا پاراڭلاشمايمىز؟ QQ2009 Preview نەشرىنى ئىشلىتىڭ - [كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت]

      QQدا قاچانغىچە ئانا يېزىقىمىزدا پاراڭلاشمايمىز؟ QQ2009 Preview نەشرىنى ئىشلىتىڭ

    قىزىق ئىشقۇ بۇ،ھازىر تېخى 2008 – يىلى تۇرسا، قانداقسىگە QQ2009 Preview نەشرى بولىدۇ؟ كۆرمىسىڭىز بىلمەيسىز، كۆرسىڭىز ئاندىن بىلىسز.

    تىڭشۈن شىركىتى TM2008 نىڭ 4-سىناق نۇسخىسىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، توردا QQ2009 Preview نەشرى پەيدا بولدى. QQ2009 Preview نەشرى QQ2008  نەشرىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان تېخنىكىلىق سىناق نەشرى بولۇپ ، پەقەت قىسمەن ئابۇنتلار ۋە ئىچكى قىسىمدا سىناشقىلا تەمىنلىگەن بولغاچقا ، كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولالمىغانتى . QQ2009 Preview نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئارتوقچىلىقى، ئۇنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولۇپ ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى تەل – تۈكۈس قوللىغانلىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، گەرچە QQ2009 Preview دا ئوڭدىن سولغا يېزىلدىغان يېزىقلار ئۈچۈن ئوڭدىن باشلاش كونۇپكىسى بىلەن ۋاقتىنچە تەمىنلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوت يۈرەك تورداشلارنىڭ تىڭشۈن شىركىتىگە كۆپلەپ تەكلىب بىرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئەھۋال QQ2009 رەسمىي نەشىرىدە قوللانغۇسى .

    مەن ئىلگىرى QQ2009 نىڭ دەسلەپ ئىلان قىلغان سىناق نەشرىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باققان بولساممۇ نورمال ئىشلىمەي ئاخىرى ئۇنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم ، سىزگە تەۋسىيە قىلىۋاتقان بۇ QQ2009 Preview نەشرى سىزنىڭ ئىشلىتىش ئىجازەتنامىڭىز بولىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ ، قاچىلاپلا نورمال ئىشلىتەلەيسىز . مەن ئىشلەتكىلى 1 ئايچە بولۇپ قالدى، ناھايىتى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئېكران يۈزى ھەقىقەتەن چىرايلىق . ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا  QQ2009 Previewنى ئىشلەتكەن دوستلىرىڭىز بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايسىز ، لاتىن يېزىقىدا ھەر خىل يازغان خەتلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەي ئاۋارە بولدىغان ئىشلاردىن قۇتۇلىسىز . قىنى سىزمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .

    QQ2009 Preview نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشلىرى :

     

    ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى:

    QQ2009 Preview What's new:
      --------------------------------------------
      1. 全新设计的用户界面,视觉体验更简洁欢快
      2. 全面优化的程序性能,操作体验更流畅轻快
      3. 新增查找联系人功能,好友再多也不怕
      4. 新增个人形象功能,自由定义更富个性
      5. 新增情景切换模式,工作娱乐自由切换两不误
      6. 新增未读消息盒子功能,免除打扰更高效
      7. 新增特色在线状态,个性状态表现更自由
      8. 新增业务面板功能,个人业务统一管理更方便
      9. 新增文件中转功能,G级存储,极速中转
      10. 支持多种语言的客户端版本和消息收发

     نى چۈشۈش مەنزىلى QQ2009 Preview -1

    بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ

    2 - ئاندىن Bin.rar ھۈججىتىنى چۈشۈرۈڭ ، چۈشۈرۈپ يەشسىڭىز ئىچىدە

    vi.dat  ۋە QQ.exe ئىككى ھۈججەت بار (62.4KB )

    Bin.rar نى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ

    QQ2009 Preview -3 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن Bin.rar ھۈججىتىنى يېشىپ ئىچىدىكى vi.dat  ۋە  QQ.exe دىگەن ئىككى ھۈججەتنى QQ2009 Preview قاچىلىغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى  Binمۇندەرىجىسىنى ئىچىپ شۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەسلىدىكى ھۈججەتنى قاپلىۋىتىمىز، ئاندىن QQ.exe نى ئىجرا قىلساق ئىش تامام بولىدۇ .

     





    评论

  • [avatar:30]很强大,阿拉伯世界也用这个؟[defFace:9]

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ