•     بلوگۇڭىزدا ئۇشبۇ بلوگتەك ھاۋارايى بۆلىكىنى قوشماقچى بولسىڭىز ، http://www.blogweather.net/signup.aspx نى بېسىپ تېزىملاتسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كېلىدىغان ، بلوگ زىيارەتچىسىنىڭ IP ئاددىرىسىغا ئاساسەن شۇ كېشى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ بۈگۈن ۋە ئەتە ئىككى كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بلوگ ھاۋارايى كودىغا ئېگە بولىسىز . ئەگەر بۇ مەشغولاتلارنى قىلىشنى ئاۋارچىلىق كۆرسىڭىز، ھىچقىسى يوق ، ئەمىسە مەن تەييار ئېلىپ قويغان ھارايى كودىنى ئىشلىتىڭ يەنى بۇ كود : بۇنى بلوگۇڭىزنىڭ باشقۇرۇش ئورنىدىن HTML كودىنى قىستۇرۇش بۆلىكىگە قىستۇرۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. قىنى سىزمۇ سىناپ بىقىڭ .

  •     blogbus  نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ utf-8 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشى، بلوگ كودىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولدىغانلىقى شۇنداقلا بەزى ئوت يۈرەك تورداشلارنىڭ ئۇنىڭ بلوگ بەت يۈزىنى ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، ناھايىتى نورمال ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەندىمۇ بۇنى ئىشلىتىپ بىقىش ئىستىكى قوزغالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ blogbus دىن «ئابرال» نامىدا بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇشبۇ بلوگۇمنى قۇرۇپ چىقتىم . دەرۋەقە blogbus نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ ھەقىقەتەن تىز، قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى يوقۇرى بولۇشتەك ئارتوقچىلىقى مىنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى.
  • ئەر - ئاياللار ھەققىدە پاراڭلار

       ★ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ؛ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ ئۆزگىرىپ        كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ،لېكىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

             ★ئاياللار تاكى ئەر تاپقۇچە دائىم كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ،ئەرلەر خوتۇن ئالغاندىن باشلاپلا كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

    ★ئەرلەر نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تىلغا ئالسا خوتۇنىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن؛مۇبادا ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن بولغان بولىدۇ.

             ★ياخشى ئايال - ئەرنىڭ مەكتىپى بولۇپ،ياخشى ئايال بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    ★ئەرلەر قېرىغانسېرى سالاپەتلىك بولۇپ كېتىدۇ. ئاياللار قېرىغانسېرى سەتلىشىپ كېتىدۇ.

    ★ئەرلەر ئاياللارنى تايانچۇق،ئاياللار ئەرلەرنى باشپاناھ قىلىدۇ.

  •    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ شىنجاڭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ (ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺋﻪﻟﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ)، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺭﻭﺳﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺳﺘﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ.
  • 1864- يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇپ بولىشى تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلىبى پارتىلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا- ئارقىدىن پارتىلايدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى ، ئىقتىسادىي كرزىسكە دۇچ كېلىدۇ .

  • فۇشېندى» سودا سارىيى ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق سارايلارنىڭ بىرى، دېرىكتورى ۋاڭ جىگۇاڭ دەل بىز يۇقىرىدا قەيت قىلغان «تۇڭيىيۇڭ» سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ زوبىڭنىڭ ئوغلى، ئاتا–بالا ئىككەيلەننىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىردىن داڭلىق سودا كارخانىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى شۇ چاغدىكى ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىلىق ئىدى.
  • خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 1930–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ مەزگىلدە بۇ يەردىكى تىيەنجىنلىكلەر 3000 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلار ئاچقان ھەرخىل دۇكان–سارايلار 400دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرۇن بۇ يەردىكى خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ قورا–جايلىرى ھەممىسى بېيجىڭ پاسۇنىدا سېلىنغان تۆت چاسىلىق قورالار بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭيىشى، شەھەر ئىقتىسادىي مەركىزىنىڭ «ستالىن كوچىسى»، «ئازات يول» قاتارلىق غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشى تۈپەيلىدىن، «خەنزۇ بازىرى»دا ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئارقا–ئارقىدىن كۆچۈپ كەتكەچكە، بازار ئاھالىسىنىڭ مىللەت نىسبىتىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، «خەنزۇ بازىرى» دېگەن نام پەقەت كونا يەرنامىنىلا ئىپادىلىگەن».
  • غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «خەنزۇ بازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەنئەنىۋى بازارنىڭ بارلىقى ئىلى جامائىتىگە ئۇزاق زامانلاردىن بەش قولدەك مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن يەر نامىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تارىخىي مەنبە ۋە سەۋەب ئېلېمېنتلىرى ھەققىدە ئېھتىمال كۆپىنچە كىشىلەر ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە سىز «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ زەڭ قويۇپ كۈزەتسىڭىز، گەرچە، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى بازارلىق قىياپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى يەنىلا روشەن جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، مەيلى كۈندۈلۈك بازار ئىشتىراكچىلىرى بولغان سودا–سېتىقچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ مىللەت تەركىبىدىن بولسۇن ۋە مەيلى بازاردا كۈندۈلۈك ئوبورۇت قىلىنىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن بولسۇن، مەزكۈر يەر نامىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مىللەت ئېنىقلىمىسى روشەن نامايەن بولمايدۇ.
  • ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان مۇنبەت ئېتىزلار «ئاشلىق كانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىلىرىدىغان مۇھىم     مەنبەلەرنىڭ  بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدىكى چېپىلىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ بولغان مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشى – ئاق ئۆستەڭ بۇ مۇنبەت ئېتىزلارنى زىرائەتنىڭ جېنى ھەم قېنى بولغان سۇ بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە. ئاق ئۆستەڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تارىخ سەھپسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئىلىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدا غايەت زور رول ئوينىدى. شۇڭا ئىلى خەلقى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ مەشھۇر سۇ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى چورۇق ھېكىمنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە

  •    مۇخبىر يېقىندا قاراقاش ناھىيىلىك ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپۋېتىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەلخانا سىرتىغىمۇ كارىۋات قويۇپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش مەقسىتىدە دوختۇرخانىغا كىردى. كونىراپ كەتكەن بۇ دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئىچىدىكى كارىدورلارمۇ ئاغرىق كارىۋىتى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.
  • موڭغۇلىيە ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ  ئانا تۇپراق يۇرتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو تارىخى ماتىرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ جايدا ئەڭ دەسلەپ  مىلادىيەدىن نەچچە   مىڭ يىل ئىلگىرىلا خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە  دى، دىڭلىڭ ۋە كېيىن گاۋچې دېگەن نام بىلەن ئاتالغان شەرقىي ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ھونلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
  • تۇلۇمدىن توقماق چىقتى   1945–يىل 8– ئايلاردا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسمى ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆلكە مەركىزىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بەس- بەستە ئىچكىرىگە قېچىشقا باشلىدى. گەرچە شۇ يىلى 9- 10 – ئايلاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قارار قىلغان، جاڭ جىجۇڭ باشچىلىقىدىكى سۆھبەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ جىددىيلىك كەيپىياتى يەنىلا پەسەيمىدى.

  • ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە ،5-نۆۋەتلىك <<ئاقسۇ كۈسەن مەدەنيەت ساياھەت بايرىمى>>  ئاۋات ۋە شايار ناھىيلىردە ئۆتكۈزۈلدىكەن. بۇقېتىمقى ساياھەت بايرىمى 5 ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ،18-ماي ئاۋات ناھىيسىدە ئېچىلىش مۇراسىمى،16-ئۆكتەبىر شايار ناھىيسىدە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدىكەن. يېپىلىش مۇراسىمىدا شايار ناھىيسىنىڭ بۇقېتىمقى ساياھەت بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان <<ئالتۇن كۈز. تارىم توغراقلىقى >>باش تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ ،پائالىيەتتە يېقىندا يېڭىدىن بايقالغان شايار ناھىيسىدىكى <<دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىپتىدائى توغراقلىق>>نى ساياھەت قىلىش ۋە ئۇنى دۇنيا جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىش ، يېڭىدىن پۈتكەن شايار-ئالار تاشيولىدا قاتناش باشلاش،شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن شىنجاڭ بويچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك <<شايار تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى>>دىن ئۆتۈش....قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدىكەن.
  • ghazi

    داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكا 1935.يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946.يىلىدىن 1950.يىلغى...

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :