-
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە ،5-نۆۋەتلىك <<ئاقسۇ كۈسەن مەدەنيەت ساياھەت بايرىمى>> ئاۋات ۋە شايار ناھىيلىردە ئۆتكۈزۈلدىكەن. بۇقېتىمقى ساياھەت بايرىمى 5 ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ،18-ماي ئاۋات ناھىيسىدە ئېچىلىش مۇراسىمى،16-ئۆكتەبىر شايار ناھىيسىدە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدىكەن. يېپىلىش مۇراسىمىدا شايار ناھىيسىنىڭ بۇقېتىمقى ساياھەت بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان <<ئالتۇن كۈز. تارىم توغراقلىقى >>باش تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ ،پائالىيەتتە يېقىندا يېڭىدىن بايقالغان شايار ناھىيسىدىكى <<دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىپتىدائى توغراقلىق>>نى ساياھەت قىلىش ۋە ئۇنى دۇنيا جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىش ، يېڭىدىن پۈتكەن شايار-ئالار تاشيولىدا قاتناش باشلاش،شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن شىنجاڭ بويچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك <<شايار تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى>>دىن ئۆتۈش....قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدىكەن.
共1页 1