-
2009-04-10
ئايالىڭىزغا قانداق جاۋاب بېرىشنى ئۈگنىۋىلىڭ - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
بىر ئايال ئېرىدىن سورىدى:
- ئەگەر مەن ئاپىڭىز بىلەن بىللە سۇغا چۈشۈپ كەتسەم،سىز ئاۋۋال كىمنى قۇتۇلدۇرىسىز؟
- مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەم!- دىدى ئەر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
- ئەگەر سۇ ئۈزۈشنى بىلسىڭزچۇ؟- سورىدى ئايال.
- سىز ئۆزىڭىز سۇ ئۈزۈشنى بىلىسىزغۇ؟ مەن ئەلۋەتتە ئاپامنى قۇتۇلدۇرىمەن - دە.
- ئەگەر مەنمۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەمچۇ؟
- سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ بىر مۇماينى دەريا بويىغا نىمە دەپ ئاپىراتتىڭىز؟ - دىدى ئەر.
-
2009-04-10
سەپەر - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ئانا ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئون سەككىز ياشقا كىرگەن يىلىم يىراققا سەپەرگە چىققىنىمدا قولۇمنى چىڭ تۇتىۋىلىپ قويۇپ بەرمىگىنىڭ؛كوچىنىڭ شاماللىق دۇقمۇشىدا تۇرۇپ جاھاندىكى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاش ئۇنى،بۇنى قايتا تاپىلاپ كەتكىنىڭ.
شەرىقتىن چىققان قوياش دەل-دەرەخلەرنى ئالتۇن نۇرىغا چۈمۈلدۈرگەنگە،قۇشلار شاختىن-شاخقا قونۇپ ناخشا ئىيتقانغا قەدەر،جېنىم ئانا،قولۇمنى قويۇپ بەرمەي چىڭ تۇتۇپ تۇرغاندىڭ.
مەن ماڭماڭچى بولغان ھايات سەپىرىمدە،مىنى نۇرغۇن خېيىمخەتەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى،ئۇ يولدا نۇرغۇن خەتەرلىك ھاڭلار،نۇرغۇن ئاچا يوللار ئۇچرايدىغانلىقىنى،ھەر بىر ئاچا يولنىڭ ئاغزىغا كېلىپ قاياققا مېڭىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغىنىمدا، قايسى تەرەپكە كەتكەن يولدا ئاياق ئىزى كۆپ بولسا، شۇ تەرەپكە مېڭىشىمنى تاپىلىغاندىڭ.
-
2009-04-08
نوزۇگۇم - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
نوزۇگۇم!
سېنى چاقىرسام
قومۇشلار تىترەپ كەتتى،
يالا ڭئاياق پۇتلىرىمغا تېكەن پاتتى.
سەن يېنىمغا كەلدىڭ،
قولۇڭدىكى پىچاقنى قولۇمغا بەردىڭ .
چۇۋۇلغان چاچلىرىمىز،
يىرتىلغان كۆينىكىمىز....
سوغۇق شامالدا يەلپۈندى.
كۆزلىرىمىز يىراقلارغا تەلپۈندى. -
2009-04-08
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق مىللەتلەر - [تەرمىلەر]
ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 490مىليون ئەتراپىدا بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك مىللەتتىن نەچچە ئونى بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ، نۇپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر :
1- ئەرەبلەر، نوپۇسى تەخمىنەن 280مىليون بۇلۇپ، ئاساسلىغى ئەرەب دۆلەتلىرىگە، يەنى ئەرەب ئىتىپاقىغا ئەزا 22دۆلەتكە تارقالغان.
2- تۈركلەر، نوپۇسى تەخمىنەن 55مىليون بۇلۇپ ،ئاساسلىغى تۈركىيە ۋە سىپروسقا جايلاشقان.
3- پارىسلار، نوپۇسى تەخمىنەن 36مىليون بۇلۇپ، ئاساسلىغى ئىراندا، پارىس قولتۇغىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى، كۈۋەيت، قاتار، بەھرەيىن قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ بار.
-
2009-04-07
جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى سىرى - [تارىخقا نەزەر]
1962- يىلى ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا چېگرا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىر مەيدان ھەربىي كۈچ سىنىشىش پارتلىغانىدى، ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ مۇتلەق غەلىبىسى بىلەن بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. يېقىندا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 1961- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە بولغان دىپلوماتىيىگە ئائىت ئارخىپلارنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرگە بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي سىرىنى ئېيتىپ بەردى.
1. سىر: ئۇرۇش غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نېمىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنگەن؟
2. سىر: ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرى بۇ ئۇرۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
3. سىر: ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن قورال- ياراغلار تىزىملىكىنى نېمىشقا ئېلان قىلغان؟
4. سىر: ئۇرۇش داۋامىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنڭ جەسىتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنغان؟
-
2009-04-07
بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز - [تارىخقا نەزەر]
ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۈم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمى يېزىقى ، قارۇشتى يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، كونا تىبەت يېزىقى ، ئەرەپ يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ، ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، سلاۋيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ، ئومۇمىيۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغىنى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .
-
«سىز بۇ كېچە تەنھا ئەمەس».«سالام غۇلجا»،«سۈھبەت ۋە مۇلاھىزە».«ئائىلە»،«بىز كېشىلەر ئارىسىدا» .... قاتارلىق نادىر رادىئو پروگراممىلىرى بىلەن ئىلى خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ 3 خىل تىلدىكى تۈت يۈرۈش ئاڭلىتىشى يېقىندا توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشقا باشلىدى . بۇ دىيارىمىزدىكى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسى توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى يەنە بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك رادىئو ئىستانسىنىڭ توردا بىۋاستە ئاڭلىتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمدى سىزمۇ ھىچقانداق رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدىكى نادىر پروگراممىلاردىن توردا تۇرۇپ زوق ئالالايسىز. قىنى كېرىپ ئاڭلاپ بىقىڭ. پات يېقىندا ئىلى تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىلىرىنىمۇ توردىن كۆرەلىشىڭىز مۈمكىن.
-
Blogbus نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان بلوگ ئېگىلىرى دىققەت قىلدىمىكىن، مىكرو سوفت شىركىتى يىقىندا Internet Explorer نىڭ 8.0 رەسمىي نەشرىنى ئېلان قىلغانتى، بۇ نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بىر مەسىلىگە دۈچ كەلگەن بولىشى ئىنىق، يەنى ھازىر بىز بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئىشلىتىۋاتقان تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى ctrl+K كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە يېزىش ھالىتىگە ئالمىشاتتى، ئەمما 8.0Internet Explorer دا بولسا، مۇشۇ كونۇپكا بىلەن ئېچىلغان بەتنى بەت يۈزىدە يەنە بىر نۈۋەت ئاچىدىغان قىلىپ لاھىيەلىگەن بولغاچقا ،بلوگتا ئىنكاس يوللىغاندا ctrl+K بېسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرغىلى بولماي خەت كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەكتە.
-
رايۇنىمىزدا قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، قوش تىللىق مائارىپ زادى قانچىنچى سىنىپتىن باشلاپ ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك ؟ قانداق ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك ؟دىگەن مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشلار تۇ گىمىدى ،چۇنكى بۇ تالاش تارتىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئەلۋەتتە ھەرخىل سەۋەپلەر بار . ئەسلىدە قوش تىللىق بولۇش دىگەنلىك - ھەربىر مىللەت ئوز ئانا تىلنى پىششىق بىلىش ئاساسىداخەنزۇ تىلىنى ئۇگىنىش خەنزۇ تىلىغا راۋان بولۇشنى كورسىتەتتى، لىكىن ئاساسى قاتلاملاردىكى بەزى جايلاردا قوش تىللىق ئوقو-ئوقۇتۇش ئىشى بۇ پىرىنسىپقا زىت بولۇپ كەلدى، ھەرقايسى جايلارئوز ئالدىغا قائىدە نىزام تۈزىۋىلىپ ئوزى بىلگەنچە ئىش قىلدى ،ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق روھى بىسىمغائۇچراپ ،ئوقوتقۇچىلار قوشۇنىدا مۇقىمسىزلىق كۆرولدى .
-
تۇغۇلغوسى پەرزەنتىڭىزگە ساپ ئۇيغۇرچە گۈزەل، مەنىلىك ئىسىملارنى قويغىڭىز بارمۇ ؟ تۈۋەندىكى ئىسىملارنى كۆرۈپ بىقىڭ چوقۇم سىزگە يارىغان بىرسى چىقىپ قالىدۇ .
-
2008-10-30
يۇرتىمىزدىكى مەشھۇر ئاياللار- ئايخان ئانا - [مەشھورلىرىمىز]
ئايخان تۇردى (1882-1942-يىلى ) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دىگەن كېشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ،شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كېشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر.
-
2008-10-30
ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە سالامەتلىك - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]
ئىلى رايۇنى دېڭىز يۈزىدىن 640~1900 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئاننىڭ 80 گرادۇستىن 85 گرادۇسغىچە، شىمالىي پاراللېلنىڭ 42~45گرادۇسغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. ئىلى رايۇنىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ شىمال، جەنۇب شەرق تەرەپلىرى ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. غەرب تەرىپى سىبىرىيىگە مەيدىسىنى ئېچىۋەتكەن. ئىلنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان بۇ تاغلار قىش كۈنلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق ئېقىمىنى، ياز كۈنلىرى تارىم ئويمانلىقىدىن كېلىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى توساپ تۇرىدۇ. غەرب—سىبىرىيە تەرەپتىن كېلىدىغان مۆتىدىل، نەم ھاۋا ئېقىمى بۇ رايۇنغا ھېچ توسالغۇسىز كىرىپ، مول يامغۇر–يېشىن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايۇندا مۆتىدىل ۋە نەمخۇش ھاۋا كىلىماتى شەكىللەنگەن.
ئىلىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئاساسەن نەم ھاۋاغا تەۋە بولغانلىقتىن بۇ ھاۋا كىلىماتىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىنى ۋە بۇ پەسىللەردە پەيدا بولىدىغان پەيدا بولىدىغان كېسەللىكەرنى چۈشىنىپ، سالامەتلىكنى ئاسراش زۆرۈر. ئىلىدا تۆت پەسىل روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. پەسىللەر ئۆز ۋاقتىدا باشلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدۇ. كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىسى سالقىن، يامغۇر–يېشىن كۆپ بولىدۇ. قىشتا سوغۇقنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ.
-
2008-10-30
ئىلى مەشرىپى ھەققىدە - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]
مەشرەپ — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ بولسا ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ، ئولتۇرۇش–قوپۇش، مېھمانلارغا قانداق داستىخان سېلىش، مېھمان كۈتۈش، ئۇزىتىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئاددىي–ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاتا–ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساز چالالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خۇش ئاۋاز قىلىپ تەربىيىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەل–جامائەتكە، يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتكە يېتەكلەيدۇ.
-
2008-07-25
گۆدەك چاغلاردىن ئەسلىمە (خەنزۇ بازار ھەققىدە) - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]
«خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.
يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.
ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن.
20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى. -
2008-07-21
ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]
ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك - زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات - سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19 -ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862 - يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).
1882 - يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 1900 دىن ئارتۇق تاتار بولۇپ، ئۇلار غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، قورغاس، نىلقا، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تارقالغان. تاتارلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە غۇلجا شەھىرىدىن قالسا چۆچەك 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار مەرىپەت سۆيگۈچى خەلق ھېسابلىنىدۇ.