• 2009-04-07

    جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى سىرى - [تارىخقا نەزەر]

    جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى سىرى


       1962- يىلى ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا چېگرا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىر مەيدان ھەربىي كۈچ سىنىشىش پارتلىغانىدى، ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ مۇتلەق غەلىبىسى بىلەن بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. يېقىندا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 1961- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە بولغان دىپلوماتىيىگە ئائىت ئارخىپلارنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرگە بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي سىرىنى ئېيتىپ بەردى.
       1. سىر: ئۇرۇش غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نېمىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنگەن؟
       ئارخىپ: ئەمەلىيەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا تالاش- تارتىشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلغىلى بولاتتى، شۇڭا جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دوستانە ھەرىكەتلەردە بولدى.
       1961- يىلى 21- ئۆكتەبىردىن 21- نويابىرغا قەدەر داۋام قىلغان جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشىدا جۇڭگو ئارمىيىسى مۇتلەق غەلىبىگە ئېرىشتى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو ئارمىيىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختاتتى ۋە ئەسكەر چېكىندۈردى. لېكىن تاھازىرغىچە بەزى كىشىلەر بۇ قارارنى زادىلا چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: شۇ چاغدا جۇڭگو دىپلوماتىيىسى بەك يۇمشاقلىق قىلغان، ناۋادا شۇ چاغدىلا جۇڭگوغا تەۋە زېمىن قايتۇرۇۋېلىنغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىلىلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
       ئەمما 1963- يىلى يانۋاردىكى بىر مەخپىي ئارخىپتا جۇڭگونىڭ نېمىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ، نېمىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئارخىپنىڭ كونكرېت مەزمۇنى مۇنداق: جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا تالاش- تارتىشنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىمى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختىتىپلا قالماستىن، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسكەر چېكىندۈردى، ھەتتا ئۇرۇش داۋامىدا ئولجا ئېلىنغان ھەربىي ئەسلىھە ۋە ماددىي ئەشيالارنى ھىندىستان ئارمىيىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىۋەتتى. 1962- يىلى 14- دېكابىر ۋە 16- دېكابىر كۈنلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئىككى قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ ئۆز مۇددىئاسىنى ئىپادىلىگەن، يەنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە: جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا تالاش- تارتىشى قورال كۈچى بىلەن ئەمەس، تىنچ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك، جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ قايتا وزغىلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز دېگەنىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئولجا ئېلىنغان ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش دەل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنى تىنچ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىش ئۈچۈن قوللانغان بىر يۈرۈش دوستانە ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىدى.
       ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوللانغان ھەربىر ياخشى نىيەتلىك ھەرىكەت تاھازىرغا قەدەر ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىغا ئېرىشەلمىدى، ئەكسىچە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلىشى ۋە تۆھمەت قىلىشىغا باھانە بولۇپ بەردى، ھەتتائۇلار جۇڭگونىڭ ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتىۋالدى. لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئۈمىد بىلەن قاراپ: «جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنى ھامان تىنچ يول بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قەستەن دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراش خاھىشىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ!» دەيدۇ.
       2. سىر: ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرى بۇ ئۇرۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
       ئارخىپ: بەزى دۆلەتلەر ئارىغا چۈشۈپ مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلماقچى بولغان. 1962- يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغان بىر دىپلوماتىك ئارخىپقا قارىغاندا، 1962- يىلى 13- نويابىردىن ئېتىبارەن زۇڭلى جۇ ئېنلەي بىر ھەپتە ئىچىدە كىنىيە، كۇبا قاتارلىق ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى نەچچە ئون دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرغان، ھەتتا جۇڭگو- ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىيات جەريانىنى ئەستايىدىل تونۇشتۇرغان.
       جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھىندىستان بىلەن ئوخشاشلا يېقىن ئۆتىدىغان بەزى ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرى بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرمىدى، بەلكى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ مۇرەسسە قىلدى. ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىمىن شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ رەئىسى ليۇ شياۋچى بىلەن ھىندىستاننىڭ زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلىيلىرىغا ئاشكارا ئوچۇق خەت يازغانىدى، ئۇ ليۇ شياۋچىغا يازغان خېتىدە ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىلى 21- نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىنى قارشى ئالىدىغان ھەمدە ماختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى؛ ھىندىستان رەھبەرلىرىگە يازغان خېتىدە بولسا جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مۇستەملىكىچىلەر بىلەن تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ھىندىستاننىڭ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تالاش- تارتىشنى تىنچ ھەل قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
       مالىنىڭ زۇڭتۇڭى كايتامۇ خۇ جىمىنغا ئوخشاش قاراشتا بولغان، ئۇ 1962- يىلى 24- ئۆكتەبىر جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنىڭغا: «ئاسىيادىكى ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئارىسىدا كۆرۈلگەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى» دەپ باھا بەرگەنىدى. كايتا ھەتتا بۇ خىل بەختىسزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇرەسسەچى بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.
       3. سىر: ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن قورال- ياراغلار تىزىملىكىنى نېمىشقا ئېلان قىلغان؟
       ئارخىپ: ھىندىستان قاراپ تۇرۇپ رېئاللىقنى بۇراپ: «جۇڭگو قايتۇرۇپ بەرگەن قوراللارنىڭ ھەممىسى كاردىن چىققان تۆمۈر- تەسەك» دېگەنىدى.
       جۇڭگو- ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتا ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن قوراللارنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىمىغانىدى، ئەمما ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ تىزىملىكنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. بۇ يەردە زادى قانداق سەۋەب بار؟ بىر مەخپىي ئارخىپتا خاتىرىلىنىشىچە، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 1963- يىلى 8- يانۋار سۆھبەت ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: ھىندىستان جۇڭگودىن جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ قورال- ياراغلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ئەمما بۇ قورال- ياراغلار ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەن؛ مېنىڭچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى مۇددىئاسى «تەشۋىقات نىشانى»غا بولسا يېتىش كېرەك.
       ئاشكارىلانغان ئارخىپلارغا قارىغاندا، جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئولجا ئالغان قورال- ياراغ، ئوق- دورا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىسىملىكنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەسلەپ ئاشكارا ئېلان قىلمىغان ئىكەن، ھەتتا جۇڭگونىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ نەرسىلەردىن قىلچىلىك بېشارەت بېرىلمىگەنىكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پەقەت ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئىككى قېتىم نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئۇقتۇرغانىكەن، بۇنىڭ مەيلى قايسىلا نۇقتىدىن بولسۇن، «تەشۋىقات»نى نىشان قىلمىغانلىقىغا جاھان ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنى باشتا ئاشكارىلىغان ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى نىيىتىنى بۇرمىلاپ، جۇڭگوغا قارا سۈركىگەن تەشۋىقاتنى قوزغىغان تەرەپ دەل ھىندىستاننىڭ ئۆزى، شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
       بۇ ئارخىپنىڭ ئاخىرىغا ھىندىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بارلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ تىزىملىكى قوشۇمچە قىلىنغان، بۇ مەزمۇن نەق تۆت ۋاراققا لىقمۇ لىق توشقان. بۇ ئارخىپتا مۇنداق دېيىلگەن: ئاق- قارىنى پەرق قىلالايدىغان ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دوستانە، سېخىيلىق بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىرلا قاراپ بىلىۋالالايدۇ. بۇ تىزىملىكتە تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئارمىيىسى ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەربىي ماددىي ئەشيالار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تولىمۇ مۇكەممەل ۋە ساق، بىر قىسىم بۇزۇلغان قورال- ياراغ ۋە ئەسلىھەلەر ئايرىم تىلغا ئېلىنغان، ئەمەلىيەتتە بۇ قورال- ياراغلارنى ھىندىستان ئارمىيىسى چېكىنگەندە ئۆزلىرى بۇزۇۋەتكەن، جەڭ داۋامىدا بۇزۇلغان قوراللارمۇ يوق ئەمەس.
       4. سىر: ئۇرۇش داۋامىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنڭ جەسىتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنغان؟
       ئارخىپ: ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىگە جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ مۇكەممەل بىر تەرەپ قىلغان.
       «جۇڭگو ۋە ھىندىستان قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى يىغىش داۋامىدىكى بېرىش- كېلىشى» ناملىق بىر ھۆججەتتە مۇنداق مەخپىي ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى: 1963- يىلى ئاپرېلنىڭ بېشىدا ھىندىستان قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئۇرۇش كەسكىن بولغان رايونلاردا ئۇرۇشتا قازا قىلغان ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى يىغىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان، كېيىن جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جاۋاب تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ: ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىنتايىن مۇكەممەل دەپنە قىلىندى، دېگەن. ئەمما قارشى تەرەپ يەنىلا تەلەپ قويۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئەنئەنە بويىچە دەپنە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇۋالغان.
       جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ھىندىستان قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بۇ قايتا تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئۆرپ- ئادىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، «ئالاھىدە تاللانغان خىزمەتچى خادىملارنى 1963- يىلى 15- ئاۋغۇست ئۇرۇش قاتتىق بولغان رايونلارغا ئەۋەتسە بولىدۇ» دەپ قارىدۇق، دەپ جاۋاب بەرگەن. 1963- يىلى 30- ئاۋغۇست ئەتراپىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تولۇق ئاخىرلاشقان، بۇ خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆيدۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەت كۈلى بىلەن كۆيدۈرۈلمىگەنلەرنىڭ جەسەت كۈلى ھىندىستان قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. جۇڭگو شۇنچە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان قىزىل كرېست جەمئىيىتى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ: خادىملىرىمىزنى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن كۆزلىگەن نىشانلارغا بىۋاسىتە ئەۋەتىمىز، دەپ جار سالغان. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاخىرى قارشى تەرەپكە تېلېگرامما يوللاپ: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن ھىندىستان قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇنداق ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، دەپ ئۇقتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نامىدا تېلېگرامما ئەۋەتىشنى توختاتقان.
       (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ