• 2008-04-15

    تاماكا چەكمەڭ،تاماكا تاشلاڭ - [تىبابەت ئالەمى]

        تاماكا چەككەن ئادەممىڭ چىرايىدىن نۇر كېتىدۇ،تېرىسى بۇزۇلىدۇ. بارماق ،تىرناق ،چىىشلىرى سارغىيىپ ئەسلى گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ.تېخىمۇ يامىنى شۇكى، تاماكا باھنىڭ زەيىپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تاماكا تاماكا چەككۈچى ئەرلەرنىڭ جىنسىيئ ئەزاسىنىڭ ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى زور دەرىجىدە قۇرۇتۇپ ، يىگىلىتىپ تاشلايدۇ-دە،ئۇلار تېزلا زەكىرى قاتماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.كۈنىگە بىرقاپ تاماكا چېكىدىغان،35ياش ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ 72%ى شۇخىل كېسەلگە گىرىپتار.دېمەككى ، خوتۇننىڭ ئالدىدا بېشى پەس،روھى چۇشكۈن، كۆڭلى غەم-غۇسكە لىق تولغان! مانا بۇبىزدىكى ئاران-ئاران ئۆزىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان، پەرزەنتلىك بولالماي دوختۇرخانىمۇ-دوختۇرخانا قاترايدىغان، خوتۇنلىرى يات ئەرلەرنىڭ كەينىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان ، خوتۇنلىرى گېپىگە كىرمەيۋاتقان بىچچارە ئەرلەرنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى!
        بۇرادەر، تاماكىنى سۆلەتكە، ئىچ پۇشۇقىغا ياكى مەقسەتسىزلا چېكىدىغانسىز ياكى باشقىلارنىڭ تەڭلەپ قويغىنى ئۈچۈنلا  چېكىدىغانسىز. ئەمما ھاياتلىققا ، ساغلاملىققا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق باھانە-سەۋەپ، يۈز ئابروي، ھەتتاكى ئىلىم بىلىمنىمۇ تاشلاپلا كېتىۋىرىش كېرەك. بىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىمىز زەھەر ، ناتوغرا شۆھرەت ، بىنورمال ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئەمەس. بەلكى پايدىلىق ئىلىم ، زەخمەتسىز ئادەت.
        تاشلىيالمىدىم، ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، خىزمەتداشلىرىم ، دوستلىرىم چەكسە خۇمارىم تۇتۇپ كېتىدىكەن ، دەپ مەزلۇملارچە باھانە ئىزدىمەڭ.كۇبا زوڭتۇڭى كاسترو 59يىل چېكىپ كەلگەن تاماكىغا خوش دېگىنىچە ئۇنى ئۈزىل-كېسىل تاشلىيالىغان ۋە مەملىكەت خارەكتىرلىك تاماكا تاشلاش ھەركىتى قانات يايدۇرغانىكەن. گەپ نىيەتتە ، ئىرادىدە ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئيلكتە! ئىنساننىڭ ئىرادىسى ھىسياتتىن غالىپ كېلەلمىگۈدەك زەتىپ ھالغا چۈشۈپ قالغىنى يوق .ساغلام ، كەسكىن تۇرمۇش پىرىنسىپى ئارقىلىقلا ، بۇ ۋابادىن قۇتۇلۇش مۇمكىن . باشقىلار چەك دەيدۇ، مەن چەك دەيمەن.
        تاماكا قېپىغا قاراپ بېقىڭ .<تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق > دەپ يىزىۋىلىپ يەنە تاماكىنى ماختاپ ساتىدىغانلاردا ئىنسانىيەتكە ، ئادەمگە كۆيۈنگىدەك پەزىلەت نىمە ئىش قىلسۇن؟ مۇشىنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇلارنىڭ ئالدامچى ، كاززاپ نىمىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشى تامامەن مۇمكىن . كاززاپ خەقنىڭ كەينىدىن سوكۇلداش ھېچبىر زاتى ئىنسانغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.
    بۇرادەر ، پاكلىققا ، ساقلىققا قايتىڭ!
     

    مەنبە: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ«ئەرلەرگە 101تەكلىپ- كۆزۈڭنى ئاچ،ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ