•  جۇڭگولۇقلارنىڭ كىرىمى ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ياپونىيىلىكلەرنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق. ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىنىڭ قانچىلىك ئاز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۆت تەڭگە پۇل تاپسىلا، ئالدى بىلەن بانكىغا ئامانەت قويۇشنى ئويلايدۇ.
     ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېيىشىدۇ:
     «پۇل ئامانەت قويۇش-جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ»؛
     ياپونىيىلىكلەر مۇنداق دېيىشىدۇ:
     «پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق بولۇشىغا قارىغاندا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان باشقا تۈزۈكرەك سورۇنى يوق بولسا كېرەك»
     لېكىن، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىغا بارسىمۇ، ياپونىيىگە بارسىمۇ تاپقان پۇلىنى ئوخشاشلا ئامانەت قويۇۋېرىدۇ؛
     شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياپونىيىلىكلەر «جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پۇل ئامانەت قويۇش ئەنئەنىسى بار ئىكەن...» دېگەن قاراشقا كېلىشىدۇ.

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :