• 2009-05-11

    جۇڭگولۇق، ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىلىك - [تەرمىلەر]

    جۇڭگولۇق، ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىلىك

    يولۋاسقا ئۇچراش

        جۇڭگولۇق بىر كىشى، ئامېرىكىلىق بىر كىشى ۋە ياپونىيىلىك بىر كىشى بىللە يولدا كېتىۋېتىپ يولۋاسقا ئۇچراپ قاپتۇ.
    ئامېرىكىلىق جىددىيلىشىپ بىر كالتەكنى قولىغا ئېلىپ، يولۋاس بىلەن ئېلىشىشقا تەق بولۇپ تۇرۇپتۇ؛
    ياپونىيىلىكمۇ جىددىيلىشىپ دەرھال بىر تۈپ دەرەخكە چىقىۋاپتۇ.
    جۇڭگولۇق ھېچقانداق جىددىيلەشمەي ئېڭىشىپ ئايىغىنىڭ بوغۇچىنى چىڭىتىشقا باشلاپتۇ.
    كېيىن، خەقلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ جۇڭگولۇقتىن، شۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ قانداقسىگە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئايىغىنىڭ بوغۇچىنى چىڭىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى سورىغانىكەن،
    جۇڭگولۇق مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
    «جىددىيلەشكەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ مەن پەقەت ئايىغىمنىڭ بوغۇچىنى چىڭ چىگىۋالالىساملا، ئاندىن ھېلىقى باتۇر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئامېرىكىلىقتىن تېزرەك قېچىپ كېتەلەيمەن ئەمەسمۇ!»

     

    بىناغا ئوت كەتسە


        جۇڭگولۇقلار قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ؛
    ئامېرىكىلىقلار قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزىدۇ، قانچىلىك مال-دۇنيانىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ؛
    ياپونىيىلىكلەر مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ئارخىپلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ، بۇ جەرياندا قانچىلىك مال-دۇنيانىڭ كۆيۈپ كېتىشى، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئوت دېڭىزىدا قېلىشى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلار «ئارخىپلار ئامان قالسا، تارىخ ئامان قالىدۇ، تارىخنىڭ تەرەققىياتى داۋاملىشالايدۇ» دەپ قارايدۇ.

    پۇل ئامانەت قويۇش

     

        جۇڭگولۇقلارنىڭ كىرىمى ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ياپونىيىلىكلەرنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق. ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىنىڭ قانچىلىك ئاز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۆت تەڭگە پۇل تاپسىلا، ئالدى بىلەن بانكىغا ئامانەت قويۇشنى ئويلايدۇ.
    ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېيىشىدۇ:
    «پۇل ئامانەت قويۇش-جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ»؛
    ياپونىيىلىكلەر مۇنداق دېيىشىدۇ:
    «پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق بولۇشىغا قارىغاندا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان باشقا تۈزۈكرەك سورۇنى يوق بولسا كېرەك»
    لېكىن، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىغا بارسىمۇ، ياپونىيىگە بارسىمۇ تاپقان پۇلىنى ئوخشاشلا ئامانەت قويۇۋېرىدۇ؛
    شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياپونىيىلىكلەر «جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پۇل ئامانەت قويۇش ئەنئەنىسى بار ئىكەن...» دېگەن قاراشقا كېلىشىدۇ.

    ھەقسىز كەچلىك تاماق

     

        بىر جۇڭگولۇق خېلى كۆپ دۆلەتلەرگە چىقىپ، بەزىدە ھەقسىز غىزالىنىپمۇ بېقىپتۇ ھەمدە مول تەسىراتلارغا ئىگە بوپتۇ،
    ئۇ بۇ ئىشلارنى مۇنداق تەسۋىرلەپتۇ:
    ئامېرىكىلىقلار سىزگە كەچلىك زىياپەت تەييارلىسا، ناھايىتى ياخشى كەيپىيات يارىتىپ سىزنى خۇشال قىلىدۇ، ساھىبخان بولغان ئامېرىكىلىق، مېھمانلارغا: «بۈگۈن سىلەر ئىچكەن كوكا كولا سىلەرگە قىلغان سوۋغىتىم بولۇپ قالسۇن» دەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېھمانلار ئۆزلىرى ئىستېمال قىلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلەيدۇ.
    ياپونىيىلىكلەرنىڭ باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىشى ئانچە جانلىق ئەمەس، لېكىن، داستىخان مول، ھاراق-شارابلار ئېسىل، يەنە كېلىپ مۇلازىم قىزلىرى تولىمۇ ئىشچان. ياپونىيىلىكلەرنىڭ سىزگە بەرگەن بىر ۋاخلىق ھەقسىز كەچلىك تامىقى سىزنىڭ بۇيرۇتمىڭىز ئىچىدىن ئەپچىللىك بىلەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
    جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەقسىز كەچلىك تاماق يېيىشى ئوڭاي. سىز بىرەرسىنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە ئىش قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛ قىلىپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم» قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەمما يېنىڭىزدا جەزمەن يېتەرلىك مىقداردىكى ھۆكۈمەت پۇلى بولۇشى كېرەك.



    («تاللانغان فېليەتونلار» ژۇرنىلىدىن قاھار ئوسمان تەرجىمە قىلدى)
    (مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 4-سانى)