• 2008-06-11

    چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

       1988-يىلى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى ( بىشكەك) شەھرىدە تۈركشۇناسلارنىڭ پۈتكۈل سايۇزلۇق 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چىڭغىز ئايتماتوۋ سۆزگە چىقپ مۇنداق دىگەن: << ھازىرقى ۋاقىتتا تۈركشۇناسلىقتىكى چوڭ كەمچىلىكنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئالىملىرى تىل-ئەدەبىيات،تارىخ ۋە يازما يادىكارلىقلارنى تەكشۈرگەندە يۈسۈف بالاساغۇنى( يۈسۈف خاس ھاجىپ) ۋە مەھمۇد كاشغەرىينى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەم ئۇلاردىن كېيىن يېزىلىپ قالغان يادىكارلىقلارنى ئاساسەن ئۆز خەلقىگە مەنسۇپ قىلىپ كورسەتكۈسى كېلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمنى ھەممە تۈركىي تىللىق خەلىقلەرگە مەنسۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خەلىقلەر ئۆز يازما ئەدەبىياتىنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەقىي ئەتتۈرۈپ كەلمەكتە ،دەپ تەكىتلىمەكچى بولىشىدۇ. ئەمما مىنىڭ پىكىرىمچە بۇ ئىككى ئالىم ھەممىدىن ئاۋال ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ، ئاندىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلىقلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرلاردىن كېيىن باشلىغان، دېسەك توغرا بولىدۇ.بۇ پىكىر ئورخۇن،يەنسەي يازما يادىكارلىقلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئورخۇن،يەنسەيدىن تېپىلغان قەدىمقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى مەكتەپ ئوقۇش قوراللىرىغا كىرگۈزۈش كېرەك ،ئەمما ھازىر ھەممە ئالىملار ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ قەدىمىي قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىغىدىن تۈركشۇناسلىقتا پروۋىنتسىئالىزىمتىن كۆپ زىيان تارتىش بايقالماقتا>>.


    历史上的今天:





    评论

  • [avatar:30]ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ئابرال ئەپەندىم،رەھمەت!

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ