• 2008-06-11

    بىر مىنۇتلۇق فىليەتونلار - [ئەدەبىيات - سەنئەت]

    «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ

    «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ، لەتىپىلەردىكى باي-غوجاملارنى خېلى ئىنساپلىق پومېشچىكلاركەن، دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. ئۇلار ئەپەندىمنىڭ ھەر قېتىم كولدۇرلىتىشىغا ئۇچرىغاندا، بىر بولسا ئۆزىنىڭ يولسىزلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، بىر بولسا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي داڭقېتىپ قالىدۇ، يەنە بىر بولسا، قۇيرۇقىنى قىسىپ غىپپىدە تىكىۋېتىش بىلەن بولدى قىلىدۇ. نېمىشقا ئەپەندىمنى ئىتلىرىغا تالاتمايدۇ؟ نېمىشقا «ئاق» ياكى «قارا گۇرۇھ»تىكى بۇرادەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەيدۇ؟ نېمىشقا قاتىل ياللاپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ تىلىنى كېسىۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا تۈرلۈك بېسىملار بىلەن ئۇنى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ؟! ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ باي غوجاملارمۇ ئەينى چاغدا پۇل ۋە ھوقۇقى بار، قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان مۆتىۋەرلەردىن ئىدىغۇ!

    قرىغاندا، ھازىرقى باي غوجاملار ئۇلاردىن كۆپ «ئىقتىدارلىق»تەك قىلامدۇ قانداق؟! (ئاپتورى: ليۇ تىڭتىڭ)

    ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەشۋىقاتى

    يىغىنلاردا «ھەمىشە»: يىغىنلار ھەمىشە شۇنچە داغدۇغىلىق؛ نۇتۇقلار ھەمىشە شۇنچە مۇھىم؛ سۆزگە چىققانلار ھەمىشە شۇنچە قىزغىن؛ ئاۋاز بېرىش ھەمىشە شۇنچە بىردەك؛ يېپىلىش مۇراسىمى ھەمىشە شۇنچە غەلىبىلىك؛ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ھەمىشە شۇنچە چوڭقۇر.

    رەھبەرلەرنىڭ «دائىم»: رەھبەرلەرنىڭ قىياپىتى دائىم «روھلۇق ۋە تېتىك»؛ مۇئامىلىسى دائىم «خۇشخۇي ۋە مۇلايىم»؛ ئىش-ھەرىكىتى دائىم «شەخسەن»؛ خىزمىتى دائىم «تەرتىپلىك ۋە مۇپەسسەل»؛ تۇرمۇش رىتىمى دائىم «ناھايىتى ئالدىراش».

    نەمۇنىچىلارنىڭ «ھەممىسى»: نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەزىلىتى «شەخسىيەتسىز ۋە خالىس»؛ ھەممىسىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى «جاپا-مۇشەققەت ۋە تاپا تەنىگە چىدايدۇ»؛ ھەممىسى خىزمەتتە «كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلايدۇ»؛ ھەممىسىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى «كېسەل بولسىمۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمايدۇ»؛ ھەممىسىنىڭ كەمچىلىكى «ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمايدۇ».  (ئاپتورى: لائو ياڭ)

    تېلېۋىزىيە خەۋىرى

    تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆپرەك كۆرگىنىڭىزدە، تۆۋەندىكى قانۇنىيەتلەرنى بايقىماي قالمايسىز:

    ئومۇمەن، رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسى مۇھىم سۆز؛ ئاۋامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى مەدھىيە، ماختاش سۆزى؛ ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتا ئىگىلىك تىكلەپ روناق تاپقان؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى زىياندىن پايدىغا يۈزلەنگەن؛ دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ئەتراپنى مەمۇرچىلىق قاپلىغان؛ نامرات جايلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يۈزلىنىپ، پايدا ھەسسىلەپ ئاشقان؛ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئادىل، خالىس بولۇپ، ئەدلى-ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن (ئاپتورى: خې گو)

    يىلمۇيىل ئۆزگەرمەس ئىشلەپچىقىرىش دوكلاتى

    بىرىنچى پەسىل: مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىدۇ.

    ئىككىنچى پەسىل: بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 20 پىرسەنت ئاشىدۇ؛

    ئۈچىنچى پەسىل: مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولىدۇ.

    تۆتىنچى پەسىل: تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدۇ. (ئاپتورى: ۋېن شېڭگۇي)

    ئاز سانلىق

    ئالدىنقى ئەسرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئاز سانلىق» سولچىل ئۇنسۇرلار 500 مىڭدىن ئاشاتتى.

    ئالدىنقى ئەسرنىڭ 60-70-يىللىرىدا «ئاز سانلىق» سىنىپىي دۈشمەنلەر مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن يوق يەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

    ھازىر چۈشكۈنلىشىپ چىرىكلەشكەن «ئاز سانلىق» پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلار زادى قانچىلىك؟ بىر مىليون 800 مىڭ، بۇ يەنە ئاز سانلىق ھېسابلانسا-ھە؟!

    مانا بۇ بىزدىكى نوپۇس كۆپلۈكىنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا كېرەك. (ئاپتورى: يى فېي)

    ئاخبارات

    كۆپىنچە ھاللاردا، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنمىسا، بۇ يەنىلا نورمال، ئادەتتىكى ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بەزى كۈنلىرى ئەسلىدىنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنسا، بۇنىڭ ئاخباراتقا ئايلىنىپ قالغىنى قىزىق.

    نورماللىق ۋە يۈكسەكلىك

    مەلۇم جەمئىيەتنى يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە نورمال بولسا، بۇ جەمئىيەت نورمال جەمئىيەتتۇر. ناۋادا بۇ جەمئىيەتنى نورماللىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە يۈكسەك كۆرۈنسە، بۇ جەمئىيەت بىنورمال جەمئىيەتتۇر.

    ماگىزىنلاردا «تارازىدا ئادىل بولىمىز، بىر سەرمۇ كەم بولمايدۇ!» دېگەننى ئۆزىگە شۇئار قىلىۋالغان؛ پارا يېمىگەن، خىيانەت قىلمىغان كادىرلار ياخشى كادىر سانىلىۋاتقان؛ يولۇچىلارغا ئىللىق، خۇشخۇي مۇئامىلىدە بولغان قاتناش مۇلازىمەتچىلىرى نەمۇنىچى مۇلازىمەتچى بولۇۋاتقان؛ قىسقىسى، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ماختىلىۋاتقان

    ئويلاپ كۆرۈڭ، سىزچە بۇ جەمئىيەت نورمالمۇ-ئەمەسمۇ؟! (ئاپتورى: ياڭ پېيچاۋ)

    كىم كىمگە ئۆزگەرگەن؟

    «غەربكە ساياھەت» فىلىمىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شەپقەتچى مەبۇدىلەر سەپەر قىلغۇچىلارغا مالاللىق يەتكۈزگەن قارا ئېيىق ئالۋاسىتىنى بويسۇندۇرۇپمۇ بېرىدۇ، بەزىدە ئۆزى ئىلان-چايانغا ئۆزگىرىپمۇ ئالىدۇ.

    سەپەر قىلغۇچىلار سورايدۇكى: بۇدساتۋا ئىلان-چايانغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ ياكى ئىلان-چاينلار بۇدساتۋاغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ؟

           بىر قىسىم يېزا-كەنت كادىرلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار باج-پاراق تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن دېھقانلارنىڭ يەڭگىل بولغاندا،ئۆيلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئېغىر بولسا، قاماپ سوراققا تارتىدۇ، ھەتتا پۇت-قولىنى چۈشەپ باغلاپ قويىدۇ.

    مۇئەللىپ سورايدۇكى: كادىرلار ئوغرى-قاراقچىلارغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ ياكى ئوغرى-قاراقچىلار كادىرلارغا ئۆزگىرىۋالغانمۇ؟! (ئاپتورى: سۇ لوڭچۈن)

    تەرجىمان: يۈسۈپ ئېلى («قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى)





    评论

  • [avatar:30]مۇشۇنداق ئوينى ئويلىيالايدىغانلار بىزدە كۆپ بولسىمۇ، ئېغىزىدىن چىقىرالايدىغانلار يوق دىيەرلىك. ئەگەر بىزدىمۇ ليۇ تىڭتىڭ، لائو ياڭ، خې گو، يى فېي، ۋېن شىڭگۇي، ياڭ پېيچاۋ، سۇ لوڭچۈن دەك ئويلىغىنىنى قورقماي ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، مەتبۇئاتتا ئاشكارە ئېلان قىلالايدىغان ئادەملىرىمىزدىن 10 ى بولغان بولسا، ھازىر ئىشلار قانداق بولار بولغىتى؟

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ