• 2008-06-10

    «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق - [مەدەنىيەت گۈلىستانى]

    ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي (مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىن)

    بۇ يىل – مىلادىيە 2008 – يىلى بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مائارىپ ، مەدەنىيەت ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرلەشكە چاقىردى. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا ، بۇ يىل «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دۇر.نەقەدەر شاراپەت دېسەڭ ئەرزىيدۇكى،پەخىرلەن بۇنىڭدىن كاشغەرىي ئېلى...!

    مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇر؟ بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى ئۇ زاتنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟ بۇ 2008 – يىلنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»بولۇشنى كىم ئىلتىماس قىلغاندۇ؟ بۇنىڭدىن سۆيۈنۈشكە، شادلىنىشقا ۋە تېرىسىگە پاتمىغۇدەك بولۇپ ھاياجانلىنىشقا كىملەر ئەڭ ھەقلىقتۇر؟!

    1-    سۇئال:مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇر؟

    جاۋاب:«مەھمۇد كاشغەرىي ئېلىمىزنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس، ئالەمشۇمۇل نادىر ئەسەر ‹تۈركى تىللار دىۋانى›نىڭ ئاپتۇرىدۇر. بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زىمىنىدا، مەھمۇد كاشغەرىيدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەدىب، ئالىم تۇغۇلۇپ، مەشھۇر‹تۈركى تىللار دىۋانى›دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۈلەتلىرىنىڭ تارىخى،جۇغراپىيىسى،مىللىي ئۈرب- ئادىتى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتىنى تەتقىق قىلدىغان قامۇس‹تۈركىي تىللار دىۋانى›- ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ مول نەتىجىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۈھپىسى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جۇلالىق مەرۋايىتتۇر»(ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش بويىچە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە قارالسۇن.)

    2-سۇئال: مەھمۇد كاشغەرىي قاچان، قەيەردە تۇغۇلغان؟

    جاۋاب: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي مىلادىيە 1005 – يىلى قەدىمكى شەھەر كاشغەر(ھازىرقى قەشقەر)نىڭ ئوپال يېزىسى ئازىغ(ھازىرقى قۇمباغ)كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن»(ئابلىز ئابدۇرېھىمنىڭ مەھمۇد قەشقەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللقىنى خاتىرلەش بويىچە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە قارالسۇن.)

    3-سۇئال مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نەسەبى نىمە، ئاتا – ئانىسى كىم؟

    جاۋاب: «مەھمۇد كاشغەرىي نەسەب جەھەتتىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خانزادىلىرىدىن بولۇپ، چوڭ دادىسى مۇھەممەد قاراخانىيلار خانلىرىدىن بولغان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسى ھۈسەيىن ئۆز زامانىسىدا، قەشقەردىكى مەدىرسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشكەن بىلىملىك زات بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوردىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خانىم قاراخانىيلار دۈلىتىنىڭ ئېسىلزادىلىرىدىن بولغان خۇجا سەيفۇددىننىڭ قىزى بولۇپ ، ئۇ ئىسىل تەبىئەتلىك، ئەقىللىق، ئۇقۇمۇشلوق ، مۇزىكىغا ھىرىسمەن ۋە پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، ئېرى ھۈسەيىننىڭ قابىل ياردەمچىسى بولغانىدى(يوقۇردا تىلغا ئېلىنغان ھۈججەتكە قارالسۇن.)

    4-سۇئال: مەھمۇد كاشغەرىي قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇغان؟

    جاۋاب:مەھمۇد كاشغەرىي باشلانغۇچ مەرىپەتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپالدىكى مەدىرىسلەردە ئالغان. ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپنى قەشقەرنىڭ ئۆز دەۋىردىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھەمىدىيە»ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە»لەردە كۆرگەن.ئۇ،مەزكور ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا شۇ زاماننىڭ ئەللامىلىرىدىن بولغان سانىلدىغان ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشغەرىيدەك كاتتا ئالىملارنىڭ ھوزۇرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆز ئانا تىل- ئەدەبىياتىدىن باشقا، ئەرەب ، پارىس تىل – ئەدەبىياتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئاندىن يەنە، ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىي ئىنسانلاردىن بولۇشقا كىرەكلىك بولغان ئىسلام تارىخى، ئىسلام پەلسەپەسى، تىلشۇناسلىق، لوگىكا، جۇغراپىيە ۋە ئاستۇرنۇمىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچە ئوقۇپ، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان ( يوقۇردا تىلغا ئىلىنغان ھۈججەتكە قارالسۇن.)

    5-سۇئال نىمە ئۈچۈن مەھمۇد كاشغەرىي دەيمىز؟

    جاۋاب: دادىسى ئۇنىڭ ئىسمىنى «مەھمۇد» دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «مەھمۇد»دەپ ئاتايمىز؛ مەھمۇدنىڭ ئۆزىنى ۋە زامانداشلىرى ئۇنى «كاشغەرىي»دىگەن تەخەللۇس بىلەن قوشۇپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا خەلقئارادىكى پۈتكۈل ئىلىم ئەھلى بىردەكلا «مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئاتاۋاتقانلى، بىزمۇ مۇشۇنداق ئاتىيالايدىغانىلىقىمىز ئۈچۈن، ئەينەن قىلىپ «مەھمۇد كاشغەرىي»دەپ ئاتايمىز ۋە ئىملاسىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق «مەھمۇد كاشغەرىي»(Mahmud Kashghariy) دەپ يازىمىز.

    6- سۇئال «كاشغەرىي» دىگەن سۆز نىمە ئۇقۇمنى بىلدۈردۇ؟

    جاۋاب: «كاشغەرىي» دىگەن سۆز تار مەنىدە «كاشغەرلىك»، يەنى ھازىرقى «قەشقەرلىك» دىگنلىك بولىدۇ. كەڭ مەنىدە «كاشغەرىيلىك»، يەنى تارىختا «كاشغەرىيە»، «قەشقەرىيە» ۋە قەشقەر ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن» دىگەنلىك بولىدۇ. بىز بۇ ئىسىمنى ئەينى زاماندىكى ئاتىلىشىغا ھۈرمەت قىلىپ، جەزمەن ھازىرقى زامان ئىملا قائىدىسى بويىچە قىلىپلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا مەتبۇئاتلىرىمىزدا بىردەك «مەھمۇد كاشغەرىي»دەپ ئاتاپ. ئۇنى كەڭ مەنىدە قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. دىمەكچىمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز نۈۋىتىدە پۈتكۈل شىنجاڭلىق، جۈملىدىن جۇڭگولۇقنىڭ شەرىپىدۇر.

    7- سۇئال: «مەخمۇت قەشقىرى»دەپ ئاتىساق نىمىشقا بولمايدۇ؟

    جاۋاب: زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قانداق مىللەتنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئادىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ،لىكىن تىلدىكى بارلىق سۆزلەرنى سۆز ئادىتى بويىچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولغان بىلەن، ئادەم ئىسىملىرىنى، بولۇپمۇ تارىخىي شەخىسلەرنىڭ نام –شەرىپىنى ۋە يەر –جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئاتاشقا، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش- تەھرىرلەشكە بولمايدۇ. بۇمۇ بىر ئەقەللىي ساۋات. بىز «مەھمۇد كاشغەرىي» دېمەي،«مەخمۇت قەشقىرى»،«ماخمۇت قەشقىرى»،«مەھمۇد قەشقەرىي»دېگەندەك ئاتىساق ۋە يازساق، بىلىمسىزلىك،ساۋاتسىزلىق ۋە قاششاقلىق بولغاندىن سىرت،ئالىم بۇۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىيگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ،خالاس!

    8-سۇئال:بۇۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينى قايسى ئەسەر پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان؟

    جاۋاب:«دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك(DivanuLughatitTurk). بۇ ئەرەبچە ئىزافەتلىك بىرىكمە سۆز بولۇپ، بىرىكمە تەركىبىدىكى«دىۋان»(«ئا» ئوزۇن سوزۇق تاۋۇش)كەلىمىسى بۇ يەردە «چوڭ لۇغەت»،«قامۇس»دىگەنلىك بولىدۇ؛«لۇغات»(«ئا»ئوزۇن سوزۇق تاۋۇش)كەلىمىسى «تىللار»،«زۇۋانلار» دېگەنلىك بولىدۇ؛«تۈرك»كەلىمىسى بولسا «تۈركى تىللىق خەلقلەر»،«تۈركىيلەر»دېگەنلىك بولىدۇ.بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە ساغلام ئاتىلىشى«تۈركى تىللار دىۋانى»دۇر.

    9-سۇئال: مەھمۇد كاشغارىي ئۆز ئۆمرىدە «تۈركى تىللار دىۋانى»دېگەن بىرلا ئەسەرنى يازغانمۇ؟

    جاۋاب:ياق، بۇۋىمىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار. مەسىلەن ئۇنىڭ يەنە «كىتابۇجەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغاتىت تۈرك»(تۈركى تىللار سىنتاكىسنىڭ جەۋھەرلىرى)دېگەندەك يىرىك ئەسەرلىرىمۇ بولغان. بۇ ھەقتە ئالىم بۇۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا: «بۇ يەردە سۆزلەرنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك، سېلىشتۇرۇش ، كىچىكلىتىش، ئاشۇرۇش ۋە تۈرلىنىش ئۇقۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمىدى، چۈنكى بۇلار ئۈچۈن ئايرىم بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا ‹كىتابۇجەۋاھىرىن نەۋھە فى تۈرك›دەپ ئات قويدۇم»دەپ مەلۇمات بەرگەن.

    10- سۇئال:2008 – يىلىنىڭ«مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولۇشىنى قايسى دۈلەت ئىلتىماس قىلغان؟

    جاۋاب: 2008 – يىلىنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»بولىشىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىلتىماس قىلغان. بۇ ھال ئىلىمىز ئالىملىرىنىڭ: «11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قوشقان قىممەتلىك تۈھپىسى بولغان ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›بىزنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزدىن بىرىدۇر. بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ مۇناسىپ بۇرچىمىزدۇر. لېكىن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇدنى‹كاشىغەرلىك- بۈگىنكى قەشقەرلىك ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نادىر مەدەنىي مىراسى›دېيىش بىلەن بىللە، يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىنى ‹خاقانىيە تىلى›دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا، پۈتكۈل تۈركى قەبىلىلەر تىلىدىن ماتىريال ئىلىپ تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ‹دىۋاني لۇغاتىت تۈرك›دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ‹تۈركى تىللار دىۋانى›نى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان ھەممە خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق بايلىق دەپ قارايمىز»(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى1981- يىل نەشرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى‹كىرىش›48- بېتىگە قارالسۇن)دىگەن ئىلمىي قاراشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دېمەك، تۈركىيە جۇمھورىيىتىنىڭ 2008 – يىلىنى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى، بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ ئورگىنىنىڭ بۇ ئىلتىماسنى تەستىقلاپ قارا ئېلان قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تۈركىي تىللىق دۈلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇپ، تۇشمۇتۇشتىن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شادىيانە تەنتەنە قىلىشى- بۇۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارالىق بۈيۈك ئالىم ئالىمن ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، بىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز ۋە ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكىسز ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىمدۇر، ئەلۋەتتە!





    评论

  • [avatar:30]
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مۆھتەرەم بلوگ باشقۇرغۇچىسى ،سىزگە بلوگلىرىمىزدىن ئالىي سالام ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۇيغۇرچە بلوگلارنى تېخىمۇ تونۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ قولايلىق ھالدا ھەرقايسى بلوگلىرىمىزنى تېپىۋېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بلوگلىرىمىز بلوگى سىتاستىكىسىدىكى بلوگلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 139 غا يەتتى ، بۇ ناھايىتى خوشال قىلارلىق ھالەت ، بلوگلىرىمىز بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى ئىزدەيدۇ ، ۋە بارلىق بلوگدىن كىرگەن ئېلان كىرىمىنى باشقا يەرلەردە بلوگلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ،بلوگ كودى باشقۇرۇشقا قولايلىق ۋە زىيارەت قىلىش سۈرئىتى تېز بولۇشى ئۈچۈن ئاھىيدە ئېنىقلىقتىكى كودلاردا رەتلىك يېزىلدى . بلوگلىرىمىز يېڭى قۇرۇلغاچقا تەشۋىقات يېتەرلىك بولۇپ بولالمىدى، سىزنىڭ بلوگلىرىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن بلوگلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ، سەمىمىي تەكلىپ – پىكىرىڭىزگە ھەرۋاقىت ئىتىزارمەن ، كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
    بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلىرىمىز سىتاستىكىسى
    بلوگلىرىمىز بلوگى
    بلوگ ئادرېسى : http://bloglirimiz.blogspot.com
    بلوگ تۇغى ئادرېسى : http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/16214501.jpg
    كىيۇ كىيۇ توپى : 34296971
    ulanmilar@163.com
  • [avatar:30]مەھمۇد كاشغەرىي دەپ يېزىشىمىز كېرەك. سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى باشقىلار خاتا چاقىرسا بولامدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىز ھەر قايسى جەھەتتە سىزدىن پەرقىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداقكەن بوۋىمىزنى ھۆرمەتلەيدىكەنسىز، چوقۇم توغرا تەلەپپۇزدا چاقىرىشىڭىز ھەم توغرا ئىملا يېزىشىڭىز كېرەك. بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ!
  • [avatar:30]مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇنداق چۈشەندۈرۈش ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزدىن قالغان نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭمۇ ئىملاسى ناھايىتى توغرا يېزىلىپتۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق توربەت ئاچقۇچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرۈىمەن. شۇنداقلا بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پارلاق ھاياتى، ئۆچمەس نامى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. دوستلارغا رەھمەت!
    بىراق، مېنىڭ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى توغرىسىدا شۇنداقلا ئائىلىسىنىڭ تەپسىلاتى جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئۇقۇمىم يوق. لېكىن، مەن ئىلگىرى ئوقۇغان بىر ئەسەردە (كىم يازغان، قاچان يازغان - بۇ ئىسىمدە قالماپتۇ، كەچۈرۈڭلار) بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى، مەرىپەت سۆيەر ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئايالى بۈۋى رابىيە ئانىمىز توغرىسدا بىر ھېكايە بار.
    ئەلۋەتتە، ئۇ تارىخىي كىتابلاردا ئېيتىلغانىكەن باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى بۇ ئىنتايىن روشەن. ئەپسۇس، مەن ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابنى ھازىر يۈتۈرۈپ قويدۇ، شۇنداقلا قايسى كىتاب ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇ كىتابتا، بۈۋى رابىيە ئانىمىزنى ھازىرىقى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ مەلۈم بىر يېزىسىدا دۇنيا كەلگەنلىكى (قانداق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى ئېسىمدە يوق)، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادسى ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ بىر قېتىملىق شۇ تەرەپلەرگە بېرىش جەريانىدا ئۇسسۇزلۇق ئېچىش سەۋەبلىك بىر ئائىلىدىن ئانار سۈيى سوراپ ئىچكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبلىك بۈۋى رابىيە ئانىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقى تەسۋېرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوي چولپان دېگەن بىر سۆز پەيدا بولغانلىقى، ھەمدە شۇ كىتابتا يەنە كونا شەھەر ناھىيىسىدە مەزكۇر ئوي چولپان دېگەن جاينىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇد ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن. ئېسىمدە غۇۋا قېلىشىچە بۈۋى رابىيە ئانىمىزنىڭ ئائىلىسى دېھقان ئائىلىسى سۈپىتىدە تەسۋېرلەنگەن.
    ئەگەر، دوستلار ئىچىدە مۇشۇ ۋەقەلىك تەسۋېرلەنگەن كىتابنى ئوقۇغانلار بولسا، ماڭا قايسى كىتاب، كىم يازغان، قايسى كىتابخانىدىن تاپقىلى بولىدۇ، دېگەندەك ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  • [avatar:30]مەخمۇت قەشقىرى دەپ ئاتاۋەرسىمۇ خاتا بولماس ھە.
    مەن شۇنداق كۆنگەن

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ