•      ھەممىمىزگە مەلۇم، چاقچاق—ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەجىۋىي تۈرىگە مەنسۇپ بولغان بىر خىل ئاممىباب ژانىر. چاقچاقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا پەيدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە ئېستېتىك زوق، كۈچلۈك كومىدىيىلىك تۈس ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن جاراڭلىق كۈلكىدىن ئىبارەت. چاقچاق توغرىسىدا سۆز بولغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئىلى چاقچاقچىلىرى ھەققىدە گەپ ئاچماي تۇرالمايمىز. ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر راۋاجى. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ۋە تۇرمۇشقا قايتىدۇ. ئىلى دىيارىدا ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز بۇيەردە، ئىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىتىدا ياشاپ، ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن كىشىلىك پەزىلىتى دۇرۇس، چاقچاقچىلىق ئىستىلى ساغلام، ھوسۇلى مول بولغان قۇربان، ئىسمائىل، باۋخان كور، غوپۇر دىڭخۇلۇ، تۇرسۇن تېيىپ، زوردۇن شىبە، جانى يولداشوپ، موللا مەتيار خەلپىتىم، ياقۇپبەك پوچى....قاتارلىق ئاتاقلىق چاقچاقچىلارنى ئاتاپ كۆرستىشىمىز مۈمكىن. ھالبۇكى، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن زامانىمىزدىكى ھايات نەسرىدىن ئەپەندى دەپ نام ئالغان شەخس —ھېسام قۇرباندۇر.

     

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :