-
2008-05-07
ئانا (ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاپ) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ئانا
5-ئاينىڭ11-كۈنى(يەكشەنبە)دىكى ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاندى
ئەللەي ئىتىپ كېچىلىرى بالا ئۇچۇن ئۇخلىماي ،
يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ بالا ئۇچۇن توختىماي.
ياشلىغىنى ئۇنۇتقان بالا ئۇچۇن ئوينىماي ،
ھەي دۇنيادا ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان بارمىدۇ ؟
جان بالام دەپ قولىدا چۈشۈرمەستىن كوتۇرۇپ ،
تاپقان تەرگەن ھەممىنى سىنىڭ ئۇچۇن يۇتتۇرۇپ .
بىسىپ سىنى باغرىغا سۆيۇپ سىنى كۇلدۇرۇپ ،
ھەي دۇنيادا ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان بارمىدۇ ؟
-
2008-05-06
پوزىتسىيە پوزىتسىيىنى بەلگىلەيدۇ - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
بۈگۈن سەھەر تۇرۇپلا، پىلانىمدىكى ئىشنى قىزىقىش بىلەن باشلىۋەتتىم، مۇشۇ ئىشلىگىنىمچە كېچە سائەت 12 گىچە ئىشلەيدىغاندەق قىلىمەن. مېنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ۋەزىپەم بار، مەن بىر مۇھىم ئادەم. مېنىڭ خىزمىتىم قانداق تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىمنى بەلگىلىگەن.
مەن يامغۇر- يېشىنلىق كۈنلەردىن ئاغرىنساممۇ بولىدۇ ھەم ئۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن مىننەددارلىق بىلدۈرسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ گۈل – گىياھلارنى سۇغىرىپ بېرىدۇ.
مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلساممۇ بولىدۇ ، چۈنكى مېنىڭ پۇلۇم جىق ئەمەس؛مەن خوشال بولسام بولىدۇ، چۈنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىم مېنى پات – پات پاراسەت بىلەن مال سېتىۋالدىغان قىلىپ، چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.
مەن سالامەتلىگىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىدىن ئاغرىنسام بولىدۇ ھەم ئۆزەمنىڭ يەنىلا ھايات ئىكەنلىگىمدىن خوشال بولسام بولىدۇ.
مەن ئۆسۈپ –يېتىلىش جەريانىمدا، ئاتا- ئانامنىڭ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىرەلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنسام بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ مېنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرسەم بولىدۇ.
-
2008-05-05
يۇمۇرلار - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ئۇچرىشىش
85 ياشلىق بىر تۈل مۇماي باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 90 ياشلىق بىر بۇۋاي بىلەن ئۇچرىشىشقا باردى، كەچ بولغاندا قىزىنىڭ ئۆيىگە سالپىيىپ كەلدى.
ــــ نېمە ئىش بولدى ، ئاپا؟ ــــ سورىدى قىزى.
ــــ ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچە شاپىلاق سېلىۋىتىپ قايتىپ كەلدىم ، ــــ دېدى ئاپىسى.
ــــ نىمە بولدى؟ ــــ سورىدى قىزى ، ـــــ ئۇ سىزگە ئەدەپسىزلىك قىلدىمۇ؟
ــــ ياق، ــــ دېدى ئاپىسى ، ــــ مەن تېخى ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ يۈرۈپتىمەن!
-
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (8) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن قانائەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۇلۇغ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا ئەۋج قىلىشقا يۈز تۇتقان مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنى ھەم كۆرسىتىپ بەرگەن:
بىرىنچى رېتسېپ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ، بۇ كېسەلنى داۋالىمىسا، ئادەمنىڭ تېزلا روھى ئۆلۈپ كېتىدۇ (1757 − بېيىت).
بىلىمنىڭ مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ، بىلىملىك ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ (156 − بېيىت).
يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆرسىتىپ بەرگەن مەنىۋى كېسەل، ئىنساننى ئىنسانلىقتىن، ۋىجداندىن، ئىماندىن، ئەقىل − ئىدراكتىن، رېئاللىقنى بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن، ئومۇمەن ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلاتتى. نادانلىق جاھالىتى قەيەردە بولسا، پالاكەت ۋە ئاپەت قابائىتى شۇ يەردە بىخ سۈرەتتى. بىلىمسىزلىك − ئىقتىدارسىلىق ھۆكۈم سۈرگەن جايدا ئادالەتمۇ، ھەققانىيەتمۇ، بەخت − سائادەتمۇ، ئەقىل − ئىدراكمۇ، گۈزەل ئىستىقبالمۇ ئۆز نىشانىدىن ئېزىقىدۇ. كۆزى ئوچۇق قارىغۇنىڭ ئالدىدا پۇتلىكاشاڭ كۆپ بولىدۇ، ئىرادە مۇقەددەسلىكىمۇ، يېڭىلمەس كۈچ − قۇدرەتمۇ، ئېگىلمەس ھەقىقەت تۇيغۇسىمۇ بىلىم شەربىتىدىن سۇغۇرۇلغان مەنىۋى تۇپراقتا ئاندىن ئۆسۈپ − يېتىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالايتتى. چۈنكى، توغرا بىلىش پاراسەتنىڭ قانىتى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى، مەنىۋى زەئىپلىكنىڭ شىپاسى، ھاياتلىق يىلتىزىنىڭ ئابى ھاياتى بولالايتتى. بىلىپ ياكى بىلمەي قىلىنغان بارلىق رەزىللىكلەر، ئىنسانىيەتسىزلىكلەر توغرا بىلىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەردىنلا سادىر بولاتتى. -
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (7) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
يۇقىرىقى خىتابلار قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى پاكىت تەلەپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن.
2. ئۇيغۇرلار يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەت ئىدى
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر لۇشۈن ئەپەندى: «بۇرۇن يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى يول ۋە ئىزلار ئادەتتىكى ئىز ۋە يولنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يولى، ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت يولىنى كۆرسىتىدۇ.
تارىختا ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت ئىزلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو، ھىندى، گرېك، ئىران ۋە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرى ئىنسانىيەتكە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ باي مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى يارىتىپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس پارلاق تۆھپىلىرىنى قوشقانلىقىنى كۆرىمىز. -
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىمۇ؟ (6) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
دوستلۇق ۋە ۋاپادارلىقنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا بىر ھېكايە
شۇنداق بىر مەشھۇر ۋەقە باركى، چىڭگىزخان بىلەن خارەزمشاھ ئاداۋەتلىشىپ جەڭ مەيدانلىرىنى تۈزگەندە ئالەم شۇ دەرىجىدە بۇزۇلدىكى، ئۇنى شەرھلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس.
ۋاقتىكى، بۇ جەڭدە چىڭگىزخان غەلىبە قىلىپ، خارەزمشاھنىڭ مەملىكىتىنى ئېلىپ، ئۇنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئورۇنلاشتى. ئاندىن خارەزمشاھنىڭ پۇقرالىرىغا ئاداۋەت قىلىچىنى يالىڭاچلاپ، ئەلنى قىرغىن قىلىشقا باشلىدى. جەبىر - زۇلۇم دېڭىزى قەھرى - غەزەپ قايناملىرىنى ھاسىل قىلدى. ئاتا ئوغۇلدىن، ئانا قىزىدىن خەۋەر ئالالماي پەرياد چەكتى. ھاياتلىق بىناسىنى ئەجەل ماتەملىرى تەۋرىتىشكە باشلىدى. ھېچ يەردە تىنچ - ئامانلىق قالمىدى -
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (5) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ئەپسۇسكى بىز ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز قولىمىز بىلەن قەتلى قىلدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ل.مۇتەللىپنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئوغلانلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن تۇتۇپ بەردۇق. ساناپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەجرۇھلۇق بولامدۇ؟ ئەسلىدە شۇنداق ئۇلۇق ئادەملىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلارنى بەرسەك ئەرزىيتتى. بىراق بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق.
-
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (4) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ھازىرقى رېئال مۇناسىۋەتلەر تۈرىدىن شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى، خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك، ھەقىقىي ئىنسانىي دوستلۇقنىڭ ئورنىنى پۇل، مەنپەئەت تەمەسىدىن ئىبارەت ساختا دوستلۇق قەسىمى ئىگىلىدى. «يېغا (ياغى) ياندىن قوپۇر، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، نۇرغۇن ياخشى خۇيلۇق، دۇرۇس، ئوڭلۇق، مەرد، مەردانە يىگىتلەر نامەرد دوستىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى نۇرغۇن نامەردلەر دوستىنىڭ پوستىغا ئۇردى. يەنى نۇرغۇن گاڭگۇڭ يىگىتلەر ساتقىنلىقنىڭ تورىدا ھالاك بولدى. بەزى خۇمسىلار دوستلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دوستىنىڭ خوتۇنىغا بەدنىيەتلىك قىلدى. بەزىلەر دوستىنى ئالداپ سېتىپ خانىۋەيران قىلىۋەتتى. يەنە بەزى نامەردلەر «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك، ئازراق پۇل تېپىپ ياكى تىرناقتەك ئەمەلنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋېلىپلا بۇرۇنقى نامرات چاغلىرىدىكى، بالا ۋاقىتلىرىدىكى ئۆزىگە يار - يۆلەك بولغان، نۇرغۇن ئىشلاردا قولداش، يولداش بولغان دوستىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك تونۇماس بولىۋالدى. ھېكايەتتە كەلتۈرۈلۈپتۇركى، بىر كىشىنىڭ دوستى چوڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانىكەن، ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يوقلاپ بېرىپتۇ.
-
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ،ياتلىشىشمۇ؟(3) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ دۇنيادا ئەل بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەل بىلەن بىرگە تۇغۇلىدۇ، ئەل بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ؛ ئەل بىلەن بىرگە يىغلايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئەلنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتگەن بولىدۇ. بىر پۈتۈن خەلق بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. ئادەم بۇ تۇپراققا تۆرىلىشى بىلەنلا، تەييار نېمەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ زېمىننىڭ مەئىشىتى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئەل ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ. بەلكىم بۇنداق دېسە بەزىلەر «مېنى ئاتا - ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئاتا - ئانىمۇ مانا مۇشۇ ئەلنىڭ بىر ئەزاسىغۇ. ھەقىقىي ئىنساپ ۋە ۋىجدان بىلەن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ تۇپراقتا بىر ئۆمۈر ئەمەس، ھەتتا بىرقانچە ئۆمرى بولسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمىغۇدەك قەرزى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى، ھاۋاسى بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇ ئەلنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ بېيىپ كېلىۋاتقان تەييار تۇرمۇش ئەندىزىسى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ھاسىل قىلغان تۇرمۇش ۋە ياشاش تەجرىبىسى، شۇنداقلا تەييار ھايات ئېتىكى بولمىغاندا، قانداق ئىجتىمائىي ئاساسقا تايىنىپ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن؟ ئەگەر ئانا تىل بايلىقى بولمىغاندا، قانداق ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ ۋە كىم بىلەن ئالاقە قىلىپ ياشاش مۇمكىن؛ ئەگەر مائارىپتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە سىستېمىسى ھازىرلانمىغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدە قانداقمۇ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولاتتى؟ ئاددىيسى بىز سۆيگەن قىزنى، بىز سۆيگەن يىگىتنى مانا شۇ ئەل تۇغۇپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنغۇ. بىز يەۋاتقان ۋە بىز كىيىۋاتقان كىيىم - كېچەكلەرنى مانا شۇ خەلق ھازىرلاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەلدىن ئىبارەت ئومۇمىي كوللېكتىپنىڭ بىر پۈتۈن قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى بولمىغاندا، بىر قازان ئاش ئېتىپ يەپ ھايات كەچۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئىنسانلار ئىچىدىكى بۇنداق قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى ۋە ئۆزئارا ھاجەتمەنلىكنى قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاجايىپ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن. -
2008-04-29
مەدەنىيلىشىشمۇ،ياتلىشىشمۇ؟(2) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى نازۇك بىر تاللاش تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ بۇ ئاچىلىدا بىر قەدەمنى خاتا باسساق تارىخ چاقى مىجىپ يانچىيدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاجايىپ جۇشقۇن، قايناق ۋە رەھىمسىز بازار. يەنە بىرى ئەڭ جىددىي ۋە دەھشەتلىك بەيگە مەيدانى. بازارمۇ نابابلىرىنى شاللىۋېتىدۇ. بەيگىمۇ چىدامسىز، غەيرەتسىز، قابىلىيەتسىزلىرىنى چاڭ- توزان ئارىسىدا قالدۇرىدۇ. چۈنكى تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ كەينىگە قاراپ ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك رىقابىتىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىپ، بۇ رىقابەت خاسىيىتىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭگارەڭ مۆجىزاتلار بىلەن ئۆزىنى ياساندۇرغان بولسا، يەنە شۇ رىقابەت «تىغ»لىرىدىن تۆكۈلگەن دەريا- دەريا قانلار بىلەن ئۆزىنى يۇيۇپ پاكلىماقچى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ تارىخنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، رىقابەت بەيگىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەلق تارىخ سەھنىسىدىن ئۈن- تىنسىزلا غايىب بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھايات- ماماتلىق بەيگىدە يېڭىلگەنلەر، بازاردىن شاللانغانلار، توغرا يول تاپالمىغانلار بەيگىدىن، بازاردىن، يولدىن ئاغرىنىشى ئەخمەقلىق. ئەگەر دانا بولماقنى ئىزدەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نابابلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مەن تۆۋەندە مىللەتنى خاراب قىلىدىغان بىرقانچە ياتلىشىش ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە
-
2008-04-29
مەدەنىيلىشىمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (1) - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزىكى رېئاللىقتا بىر سەپتە، بىر خىل مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىرىسى نەزىرىمىزدىن يىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە بەزىلەر دىققەت قىلغان، بەزىلەر تازا دىققەت قىلالمىغان، بەزىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىگە تىنىشقان، بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆزىنى يۇمۇشقان. بەزىلەر كۆزنىڭ ئىنكاسىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن بەزى ۋايساشلار ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى ھازىرقى رېئاللىق، تەرەققىيات، چېكىنىش، مەدەنىيلىشىش ۋە ياتلىشىش توغرىسىدا خېلى كۆپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ توغرا تەۋسىيىلەر بىزگە رېئاكسىيە بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەيتاۋۇر نۇرغۇن ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتكىلى تۇردى. بىر ئۇلۇغ زاتتىن: «تەكەببۇرلۇق نېمە؟» دەپ سورىسا، «ھەق سۆزنى تەن ئالماسلىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بىزگە مەسلىھەت، ھەق تەۋسىيىلەرنىڭ تەسىر قىلمايۋاتقانلىقى بىزدىكى بىمەنە تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟
-
2008-04-22
تەكلىماكاننى قىينىماڭلار،ئادەملەر - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىمىدى،مەنمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمىگەن ئىدىم.لېكىن كاج تەغدىر بىزنى ئارلىق ساقلاشقا مەجبۇرلاپ قويدى.نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق ئارلىق ساقلاپ ئىنتىزارلىق ئىلكىدە ياشايمىز،بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاپ بېرەلمەيتتى.بىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىن رەنجىشكە باھانىمىز يوق ئىدى.ئەگەر رەنجىشكە توغرا كەلسە ئۇ مەندىن رەنجىسە ھەقلىق بولاتتى.لېكىن ئۇ تولىمۇ كەڭ قورساق بولغاچقا يەنە ماڭا ئامانلىق تىلەپ ئاچچىق ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ،قەلبى يىغلاپ تۇرسىمۇ ماڭا شاتلىق ئاتا قىلىشقا تىرىشاتتى.ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەشتىن باشقىغا قۇدرىتىم يەتمەيتتى.ئۇ ـــ دەل تەكلىماكاندۇر.
-
ئەسكى بولدۇم
بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
ئوتۇنىڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم ،
سا غاي دېسەڭ سېيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
تاتلا دېسەڭ، سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
ئۆزۈمدە يوق، ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم . -
2008-04-16
مۇھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ھاياتى - [ئەدەبىيات - سەنئەت]
خەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965- يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
-
ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بىر كەسكىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن يېقىندا بەزى تورداشلار سورىغان «مەن قانداق قىلىمەن؟»، «بىز قانداق قىلىمىز؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ، بىر ئاز ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، تاشقى سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىۋاتقان چېكىنىشلەرنى ئۇلارنىڭ مۇنداق 4 چوڭ ناچار ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم: (1) كىتاب ئوقۇماسلىق، (2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، (3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق، ۋە (4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىش. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق 3 ئىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم: مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش. مەن بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىگە ۋە ناخشا-ئۇسۇلغا ئەمەس، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىپ تەربىيىلەش، يەنە بىرى بولسا، ھازىرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سورۇن پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى، مەسىلەن، يېرىمىنى، كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتىدىغان قىلىش، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب - ژۇرناللارنىڭ ئەھۋالىنى مەن ياخشى بىلمەيمەن. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 175 مىليوندىن كۆپ تۈردىكى كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ھەر يىلىغا نەشر قىلىنىدىغان كىتابنىڭ تۈرى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.