• 2008-05-06

    پوزىتسىيە پوزىتسىيىنى بەلگىلەيدۇ - [ئەدەبىيات - سەنئەت]

    بۈگۈن سەھەر تۇرۇپلا، پىلانىمدىكى ئىشنى قىزىقىش بىلەن باشلىۋەتتىم، مۇشۇ ئىشلىگىنىمچە كېچە سائەت 12 گىچە ئىشلەيدىغاندەق قىلىمەن. مېنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ۋەزىپەم بار، مەن بىر مۇھىم ئادەم. مېنىڭ خىزمىتىم قانداق تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىمنى بەلگىلىگەن.

    مەن يامغۇر- يېشىنلىق كۈنلەردىن ئاغرىنساممۇ بولىدۇ ھەم ئۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن مىننەددارلىق بىلدۈرسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ گۈل – گىياھلارنى سۇغىرىپ بېرىدۇ.

    مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلساممۇ بولىدۇ ، چۈنكى مېنىڭ پۇلۇم جىق ئەمەس؛مەن خوشال بولسام بولىدۇ، چۈنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىم مېنى پات – پات پاراسەت بىلەن مال سېتىۋالدىغان قىلىپ، چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

    مەن سالامەتلىگىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىدىن ئاغرىنسام بولىدۇ ھەم ئۆزەمنىڭ يەنىلا ھايات ئىكەنلىگىمدىن خوشال بولسام بولىدۇ.

    مەن ئۆسۈپ –يېتىلىش جەريانىمدا، ئاتا- ئانامنىڭ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىرەلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنسام بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ مېنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرسەم بولىدۇ.

    مەن قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى بولغىنىغا يىغلىسام بولىدۇ ھەم ئاشۇ تىكەنلەرنىڭ بولغىنىنى، ئۇلارنىڭ قىزىلگۈلگە ھەمراھ بولالىغانلىقىنى تەبرىكلىسەم بولىدۇ.

    مەن دۇستۇمنىڭ يوقلىغىغا قايغۇرسام بولىدۇ ھەم يېڭى دوستلارنى ئىزدىسەم ، بايقىسام بولىدۇ.

    مەن خىزمىتىمدىن ئاغرىنسام بولىدۇ ھەم ئۆزۈمنىڭ ئىشسىز قالمىغانلىقىمدىن خوشال بولسام بولىدۇ.

    مەن ئوقۇۋاتقىنىمغا ئىچىم سىقىلسا بولىدۇ ھەم كۆڭۈل – كۆكسۈمنى ئازادە تۇتۇپ ، مول بىلىم بىلەن ئۇنى تولدۇرسام بولىدۇ .

    مەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلغانلىقىمدىن ئاغرىنسام بولىدۇ ھەم ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلسام بولىدۇ ، چۈنكى بۇمۇ ماڭا نىسىپ بولغان بىر ئامەت.

    سەھەر ئورنۇمدىن تۇردۇم، بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشۈمنى تېخى بەلگىلىمىدىم. مەن بىر ھەيكەلتاراش، بۈگۈن مېنىڭ مۇشۇ بىر كۈننى قانداق تاراشلىشىمنى كۈتۈۋاتىدۇ. بۈگۈننىڭ قانداق بولىشى ماڭا باغلىق، مەن بۈگۈنۈمنىڭ قانداق بولىشىنى ئۆزەم بەلگىلىشىم كېرەك.

     





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ