نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
  • 6
  • 7
بوسۇغا
Threshold
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمارنىڭ ئەزىز مېھمىنى ، خۇش كەپسىز!
  • يــازمــا

    1109

  • ئىنكاس

    15535

  • سەھىپە

    18

قىزىل ئارمىيە ئىجادىيەتنى توختاتقىنى يوق – ۋاسكېتبول ماھىرى فىلىمىنىڭ ناخشىلىرى!

ئالدىنقى قېتىم تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيىمىز مايكېل جېكسوننىڭ Beat It ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن توردا بىراقلا داڭ چىقىرىپ، ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇدا قىزىل ئارمىيىمىز بىز كىچىك چېغىمىزدا ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ياپونىيەنىڭ 101 قىسىملىق كارتون فىلىمى « ۋاسكېتبول ماھىرى »نىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ كۆپ خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىغان ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى كەسپى قوشۇن ئىكەنلىكىنى يەنە …..

ھازىرغىچە 2,731 ئادەم ئولىشىپ بولدى
گانا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – قارا ئۆڭكۈر

بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…

ھازىرغىچە 3,538 ئادەم ئولىشىپ بولدى
گىتتار يوق؟ iPhone بولسىمۇ بولاۋېرىدۇ – ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم

بەلكىم تورداشلار ئىلگىرى توردا چەتئەللىك بىر نەچچە قىزنىڭ iPhone ۋە Andoid يانفونىنى ئىشلىتىپ ئورۇنلىغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بولسا iPhone دىكى بىر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال – مەۋھۇم گىتتار پروگراممىسىدا ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا بولۇپ، گىتتارنىڭ سولو قىسمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان، بىراق بۇ سىندا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چىراي …..

ھازىرغىچە 5,417 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ھەرخىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىملىق مېلودىيەلەر!

مەيلى مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، ياكى Apple نىڭ Mac OS مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، مەشغۇلات سېستىمىسى ئۆزى تەمىنلىگەن ھەرخىل ئاۋاز ئۈنۈملىرى تولىمۇ ئۆزگىچە نەپس لايىھەلەنگەن ھەم كىشىنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز كۆتۈرۈلمەيدۇ. يېقىندا توردىكى بىر قىسىم ئىشى يوق بىكار قالغان خەقلەر مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن بۇ پارچە ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆزگىچە بىر خىل …..

ھازىرغىچە 2,630 ئادەم ئولىشىپ بولدى
كلاسسىك ئويۇن – قېتىشما ئوق بېشى(合金弹头) ئويۇنىنىڭ 1 دىن 6 گىچە بارلىق نەشىر توپلىمى!

قېتىشما ئوق بېشى( Metal Slug )، خەنچە نامى 合金弹头 دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىدىكى كىچىك ئويۇنچۇقخانىلاردا ئاساسەن بىر-ئىككىسى بار ئىدى، ناۋادا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان دېسىڭىز، ئۇ چاغدا كۆپچىلىك سىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم مەزكۇر ئويۇننىڭ …..

ھازىرغىچە 1,479 ئادەم ئولىشىپ بولدى
قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر ئويۇن – ئۆسۈملۈك-مۇردا ئۇرۇشى يىللىق ئەڭ يېڭى نەشىرى

ئۆسۈملۈك ۋە جەسەت ئۇرۇشى – خەنچە نامى 植物大战僵尸 ئويۇنى بولسا ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئوماق لايىھەلەنگەن ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر، توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان جەڭ مەيدانى مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، مەيلى ئوغۇل ياكى قىزلار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشتى. بۇداقىسى PopCap چىقارغان ئەڭ يېڭى «ئۆسۈملۈك جەسەت ئۇرۇشى …..

ھازىرغىچە 3,777 ئادەم ئولىشىپ بولدى
Tviglo دىن يەنە بىر قانچە ئەسەر – Contra VS Tetris

ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىنلىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى …..

ھازىرغىچە 945 ئادەم ئولىشىپ بولدى
چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللار سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» فىلىمى!

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى « 400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى »گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم « ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2 » بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ …..

ھازىرغىچە 2,570 ئادەم ئولىشىپ بولدى
Windows 7 نى ھەقىقى نەشىرگە ئايلاندۇرۇش/ئاكتىپلاندۇرۇش(激活) قوراللار توپلىمى

تەدبىركار تور بېكىتىدە Windows 7 نىڭ MSDN نەشىرىنى تونۇشتۇرغاندىن بېرى تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئىزچىل كۆپىيىۋاتىدۇ. بىراق كۆپچىلىك ھەممەيلەن قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يولۇققان بىر مەسىلە: Windows 7 نى ئاكتىپلاش مەسىلىسى! تۆۋەندە توردا تارقىلىپ يۈرگەن، ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە ئۆزۈم سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بىر قانچە دانە Win7 نى ئاكتىپلاش قورالىنى قالدۇرۇپ …..

ھازىرغىچە 4,613 ئادەم ئولىشىپ بولدى
چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

سىز ئويناپ باققان سىغىمى ئەڭ كىچىك ئويۇننىڭ سىغىمى قانچىلىك؟ دېسەم دېمىسەم بەك چىقسا نەچچە MB كېلەر ھەقىچان؟ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تاساددىپىي ھالدا سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى قالتىس بولغان بىر دانە 3D ئېتىشىش ئويۇنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى kkrieger بولۇپ، پەقەت بىر دانە ئىجرا ھۆججىتى بار، بىراق قوزغاتسىڭىز …..

ھازىرغىچە 6,464 ئادەم ئولىشىپ بولدى
تەلۋىلەشكەن ئىنسان تەسەۋۋۇرى – سەۋەپ قىلسىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!

بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!

ھازىرغىچە 2,416 ئادەم ئولىشىپ بولدى
Evian ئېلانى – مۇز تېيىلالايدىغان ۋە كوچا ئۇسۇلى ئوينىيالايدىغان شادىمان بوۋاقلار!

بۇ فىرانسىيەنىڭ مەلۇم مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئېلانى بولۇپ، YouTube غا چىقىرىلغان كۈنى بىردىنلا چېكىلىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ نام چىقارغان، سىندا بىر قانچە نەپەر زاكا ئورىۋالغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە، بىر تەرەپتىن كوچا ئۇسۇلى ئويناپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئورۇندايدۇ… …..

ھازىرغىچە 2,563 ئادەم ئولىشىپ بولدى