يېپيېڭى يازمىلار:
باش بەت ئالدىنقى بەت 81828384858687888990(جەمئىي 90 بەت)
«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» بولسا بىر خىل فىزىكىلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2D ئۆلچەمدىكى ئۆتكەل ئاتلاپ ئوينايدىغان ئويۇن، ئوينىغۇچىلار ئادەتتە ئويۇندىكى باش پېرسوناژ مەكس ۋە ئۇنىڭ سېھىرلىك قەلىمىنى كونترول قىلىدۇ. سىز بۇ سېھىرلىك قەلەم بىلەن مەكس يولۇققان ھەر خىل قىيىن ھالقىلاردا ئۇنىڭغا لازىملىق مەنزىرىنى سىزىپ بېرىسىز، بۇ ئارقىلىق مەكسنىڭ …..
بۇ بولسا ياسىلىشى بىر قەدەر نەپس ۋە ئىنتايىن ئوماق لايىھەلەنگەن ئايكونلار توپلىمى ، ئاپتور تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ، بولاقچە ئىچىدە كۆپ خىل رەزمېردىكى PNG فورماتىدىكى ئايكونلار تەمىنلەنگەن، لازىم بولغانلار چۈشىرىۋېلىڭلار…
بۇ بىر ماشىنا ئادەم شەكلىدىكى سافا بولۇپ، ناۋادا سىز بۇ سافانى شەكىل ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالىشىسىز، بىراق بۇ سافا شەكىل ئۆزگەرتىشتىنمۇ قالتىس ئىشلارنى قىلالايدۇ، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ سافانىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ باقايلى.
بۇ قوڭغۇراقلىق سائەت ياپوننىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 500 سوم ئەتراپىدا، باھاسى سەل قىممەترەك، لازىملىق تورداشلار بولسا توردىن ئاختۇرۇپ باقسا بولىدۇ، تاۋباۋدا ئەسلى نۇسخىسى ياكى تەقلىدى نۇسخىلىرى بولۇشى مۇمكىن.
بەلكىم كىچىك چېغىڭىزدا ئېلكترونلۇق ئويۇنچۇق خانىلارغا ئوينىغان شۇ ئويۇنلىرىڭىزنى ھازىرمۇ ئوينىغۇڭىز كېلىدىغاندۇ؟ نېمە؟ ئۇنى كىچىك باللا ئوينايدىغان نەرسە؟ سىزمۇ بەلكىم نەچچە يىل بۇرۇن تېخى كىچىك بالا بولغىيتىڭىز، بالىلىق چاغلىرىڭىزدىكى ئەسلىمىلەرنى بەلكىم بۇ ئويۇنلاردىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئويۇنلار جەمئىي 491 خىل بولۇپ، نۆۋەتتە توردا ساقلانغان ئەڭ تولۇق نۇسخىسى …..
بۇ بولسا بىر يۈرۈش ئىنتايىن نەپس ياسالغان iPhone پروگرامما ئايكونلىرى بولۇپ، Northstar دەپ ئاتىلىدۇ. جەمئىي 44 دانە بولۇپ، بۇ ئايكونلارنى تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بېزەشتە ياكى باشقا ھەرقانداق پروگرامما قوللىنىشىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئايكونلارنىڭ بېزىلىشى ئالاھىدە سۈزۈك.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چارچىغىنىمىزدا مۇڭلۇق ناخشىلار نى قويۇپ قويۇپ ھوزۇرلىنىشمۇ كىشىگە بىر ئاز ئارامبەخش ئېتىدۇ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندا توردىن ئۇچرىتىپ قالغان بىر قىسىم ناخشىلارنى يوللاپ قوياي، بەلكىم بىر قىسىم تورداشلارغا ياراپ قېلىشى مۇمكىن.
كومپيۇتېر ئېكرانى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(قۇرۇق گەپ، ئېكران بولمىسا قانداقمۇ كومپيۇتېر دېگىلى بولىدۇ؟)، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. شۇڭا سۈپىتى ياخشى بولغان بىر دانە ئېكران تاللاش ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش. ئەمما بىر قەدەر …..
ئەنگىلىيە Google ئەترىتى يېقىندا ئۇزۇنلىقى 4 يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا كېلىدىغان بىر يۈرۈش Google تەشۋىقات ئېلانى ئىشلىگەن، سۈرئەت، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، ئۇسلۇب قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن Chrome نىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، پۈتكۈل ئېلاننىڭ ئىجادىيلىق تەرىپى ئىنتايىن روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
بۇ QQ ئىپادىلىرى QQ نىڭ ئەسلىدىكى چىراي ئىپادىلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ھەر قايسى چىراي ئىپادىلەرنىڭ يۈزى تۆت بۇرجەكلا، ئادەمگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇرۇن بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاساسەن يىغىپ بولدۇم، ياقتۇرىدىغانلار چۈشىرىۋېلىڭلار.
Directx بولسا 3D ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن بىر تۈرلۈك زۆرۈر قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا سىز ئەڭ يېڭى 3D ئويۇنلارنى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ھەۋەسكارى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Directx بولىقىنى قاچىلاش ئارقىلىق، ئويۇن ئويناش ۋە قاچىلاش جەريانىدا يولۇقىدىغان ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنالايسىز.
ئاپتور ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ساقلاۋاتىمەن~~~~~~~~~!