نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

[بىر كىنو بىر دۇنيا] 94-يىلىنىڭ نادىر فىلىمى Léon ھەققىدە تورخۇمارلار بىلەن سۆھبەت

«بىر كىتاب بىر ئالەم» شىنجاڭ تېلىۋېزىيەسىنىڭ شۇ ناملىق پىروگىراممىسىنى بەلكىم ھەممىمىز ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىز مۇمكىن. شەخسەن مەنمۇ بۇ پروگىراممىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن شۇنداق مىننەتدار. دەرۋەقە بىر كىتاب راستىنلا بىر ئالەم، ئەمما مەن ياقتۇرىدىغان يەنە شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ياخشى ئىشلەنگەن بىر كىنو ئۆز نۆۋىتىدە بىر دۇنيا. شۇڭا بۈگۈن باشباشتاقلىق بىلەن تورخۇمارغا [بىر كىنو بىر دۇنيا] دەپ تاغتۇرا سەھىپىدىن بىرنى تەسىس قىلىۋەتتىم. خالىسىڭىز سىزمۇ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان فىلىملەردىن بىزگە تەۋسىيە قىلىپ تورخۇمارلار بىلەن بىرگە ھوزۇرلانسىڭىز بولىدۇ. بىزنىڭ مەڭگۈلۈك شۇئارىمىز شۇكى : ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ دۆلىتىمىز كىنولىرىدىن يىراق تۇرۇڭ!

lion

ھەممىلا نەرسىنىڭ يىڭىسىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بەزىدە كونىلىقلار ئارىسىدىنمۇ كىلاسسىكلىرى ئۇچىراپ تۇرىدۇ. Léon – بۇ فىلىم سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شۇ يىللاردا، ھەتتا ھازىرغىچە نادىرلىق سۈپىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىر قانخور قاتىلنىڭ جىسمىغا يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت بىلەن بىر سەبى قىزنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن سۆيگۈ ھېكايىسى بەزىدە سىزنى كۈلدۈرسە ئىشىنىمەنكى بەزىدە كۆز چاناقلىرىڭىزدىكى ياش تامچلىرىنى مەجبۇرى تارتىپ چىقىرىدۇ. فىلىمدە Matilda ئىسىملىك قىزچاقنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئەتكەس قىرغىنچىلىقى سەۋەب ۋەيران بولىشى بىلەن، ئوخشاشلا بىر كەسپى قاتىلدىن پاناھلىق ۋە ھەتتا سۆيگۈ تىلىشى، ئىنىسىنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن زور خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىشى ۋە ئاخىرىدا بۇ ۋەھشى قاتىلنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشى …..  مۇشۇ تەرىقىدىكى بىر ئاددى ھېكايە بىزگە ئەسلى سۆيگۈنىڭ نەقەدەر ساپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچ يەنە سىزنى ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىتىدۇ (ئادەتتە قىزلار يىغلاپ كىلىۋاتىدۇ)

Léon توردىن كۆرۈش نۇقتىسى

سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):

HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش     |    مەنبە: تورخۇمار     |    720P لىق سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش

[تورخۇمارلارنىڭ تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز]



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بودەك 2012.09.20 , 01:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇگۇن دىۋان مېنىڭ دېسەم ھەممىسى ئىشىنىدۇ

  2. ۋەتەن 2012.09.20 , 01:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونىڭ يۈرىكى نەدە ؟
    مەن ئاز دېگەندە بەش قېتىم كۆرۈپ بولدۇم، ماڭا نېسبەتەن كىنونىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان يىرى دەل لېئوننىڭ ھېلىقى بىرتەشتەك گۈلى. گەرچە بۇ گۈك كىنودا ئالاھىدە پىرسۇناژ بولمىسمۇ، ئەمما ئۇ لېئوننىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ، ياكى ئۇ پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كىتەلمىگەن يەنە بىر لېئوننى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    گۈل – مۇھەببەت . لېئون كەسپى قاتىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇئەشۇ بىر تەشتەك گۈلنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ماتىلدا بىلەن گۈلنى تەڭ «قۇتۇلدۇرىدۇ» …
    ئەشۇ تەشتەك گۈل بەلكىم لېئوننىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ھېلىقى سۆيگۈنىنىڭ روھى بولۇشى مۈمكىن .

    • ھۆرقىز 2012.09.20 , 02:16

      تەھلىلىڭىزدىن كىنونى قايتىدىن چۈشەندىم…..

    • بۆرەيار 2012.09.20 , 14:24

      ۋىروسقا رەھمەت. مەنمۇ بۇ فىلىمنى 3-4 قېتىم كۆرگەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.
      ۋەتەننىڭ دېگىنىدەك، بۇ قاتىل شۇنداق بىر قاتىل، سوغۇققان ،ساددا. لېكىن قەلبىنىڭ قاتلاملىرىدا مۇھەببەت يۇشۇرۇنغان. رولدىكى ناتالى پورتمەننىڭ شۇ يېشىدىكى ساددىلىق لىئوندا بار. بۇ ئۇلاردىكى ئوخشاشلىق.لىئونمۇ يالغۇز، ئۇ قىزمۇ ئۆيىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ۋە كىيىن ئوخشاشلا يالغۇز، يالغۇزلۇق ۋە ئوخشاش ياشتىكىلەردىكىدەك ساددىلىق ئۇلارنى بىر بىرىگە شۇنداق كۆندۈرىۋەتكەن.شۇ ساددىلىقتا بولغان شۇ ئوماق ھېسلارنى بىر بىرىگە بولغان سۆيگۈ دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھى بىر بىرىنى ئىزدەيدۇ. بىر بىرىگە شۇنداق ماس كېلىدىغاندەكلا. شۇ كىچىك چېغىڭىزدا سىزمۇ بىزمۇ مۇھەببەتنى چۈشەنمەيتۇق، شۇمتەكلەرچە مۇھەببەتلىشىشلىرىڭىز پەقەت قىزىقىش ۋە بىربىرىگە يېقىشلىق بولغاچقىلا يۈز بەرگەن، ياق دېمەڭ.
      ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئۇلارنىڭ بىرگە ئوينايدىغان ئويۇنى. ئۇستا قاتىلنىڭ يېنىدا قىزمۇ شۇنداق بەخىرامان. قاتىلمۇ تۇيۇقسىز دۇنيارىدا پەيدا بولغان بۇ قىزغا كۆنەلمەسلىكتىن گۈلىدەك ئەزىز بىلىدىغان ھالەتكە ئۆتكەن.

      ئاخىرىدا قاتىل بىردىنبىر قەدرلىك ئادىمى ۋە ئىزچىل ھەمرا بولغان گۈلىنى قوغداپ قالىدۇ،ئۆلىدۇ، قىز يالغۇز مەكتەپكە قايتدۇ. شۇنداق، كىشىلىك ھاياتمۇ سىزنى دوقمۇشلاردا ئەگۈلدۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا سىزمۇ بىزمۇ ئامالسىز، بۇ يەرلىرىنى كۆرگەندە سىز بىزنىڭ كۆڭلىمىز بىرخىل بولۇپ قالىدۇ، بارچە ھەممە پەقەت شۇ ئوماق قىزنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلانغان، گۈلمۇ قىزمۇ تايانچىسىدىن ئايرىلغان. ئەزىز گۈل تەبىئەتنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا يۈزلەنمەكچى، قىز مۇرەككەپ دۇنيانىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا يالغۇز قەدەم ئالماقچى.
      مەيلى قانداق سەۋەپلەر بولسۇن، قاراشقا ئۇلار شۇنداق ماسلاشقان ئىدى، بىزمۇ شۇنداق مەسلىگىمىز كېلىپ كۆرگەن ئىدۇق. ھەتتا ئىككىسىنىڭ ئاخىرىدا بىرگە بولۇشىنى دىلىمىزنىڭ بىريەرلىرىدىن ئىزلىگەن ئىدۇق. ئەپسۇس….

      ئەي ئوماق قىز، سەندىكى قايسى نۇقتا مېنى ساڭا بۇنچە مەپتۇن قىلىدىغاندۇ، ناتالى پورتمەن، ئەگەر سەن ھازىرمۇ ئاشۇ پېتىڭ تۇرغان بولساڭچۇ كاشكى، مەن چوقۇم سېنى ئىزدەپ بېرىپ قوغلىشاتتىم…

  3. ھۆرقىز 2012.09.20 , 02:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «ماتېلدا :لىئان ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .
    لىئان : قانداق ھىس قىلدىڭىز ؟
    ماتىلدا : ئىلگىرى ئاشقازىنىم دائىم ئاغرىيتى ، سىزگە يۇلۇققاندىن بېرى ئاغرىمايدىغان بولۇپ قالدى .
    لىئان :شۇنداقمۇ ؟»
    بۇ كىنونى ئاز دىگەندىمۇ 10 قېتىم كۆردۈممىكىن……
    ئالدىنقى ھەپتە جوۋشىڭچىنىڭ بىر كىنوسىنى كۆرگەنتىم ، ئۇ كىنودا جوۋشىڭچى لىئاننىڭ ئورنىغا چىقىپتۇ ، بىر جىن تۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئېلىپتۇ . كۈللۈپ تېلىقىپ قالدىم .

  4. قۇتنامە 2012.09.20 , 04:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    这个杀手有点冷?
    مەن مەستمۇ ياكى تورخۇمار ئىگىز-پەسمۇ؟ ياكى بەرەڭگىمۇ؟ ئىشقىلىپ فىلىم باشلانمىدى. لېكىن، ئاۋۇ فىلىممىكىن، دەپ پەرەز قىلدىم.:!:

    • ۋىروس 2012.09.20 , 12:33

      ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئوڭشاپ قويدۇم. دىمەك سىز مەست ئەمەس

  5. ۋىروس 2012.09.20 , 10:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنكاسلار ياخشى بولىۋاتىدۇ ، تورخۇمارلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىللەرنى يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى سورايمەن…

  6. خىيال 2012.09.20 , 10:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا مۇنداق ئىنكاسلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە…:evil:

  7. تاماشىبىن 2012.09.20 , 11:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونىڭ رېجىسسورىمۇ قالتىس رېجىسسورلۇق قىلىۋەتكەن، لىئوننىڭ قاتمۇ-قات قورشاۋدا قالغان بىنادا قاپسىلىپ قالغاندا قىزنىمۇ ئۆزىنىمۇ كىشى ئويلاپ باقمىغان ئەپچىللىك بىلەن ئېلىپ چىقىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
    كۆرۈپ باقمىغانلار سۈزۈك ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرۈڭلار. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تور بەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز جۇمۇ ھازىر. كىنو ئىزدىسىمۇ تېپىلىدىغان بولدى.
    ئادرېس: http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=269&extra=page%3D2

    • ۋىروس 2012.09.20 , 12:16

      بەت ئىچىلمىدى ، خالىسىڭىز توغىرا ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز يازمىغا قىستۇرۋېتەي .

    • تاماشىبىن 2012.09.20 , 18:24

      ئادرېس توغرا، ئاق بۈركۈت تورى ئىدى، ئۆزىمۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ ھازىر. تور بېتىنى رەتلەۋاتامدىكىن.

  8. سەبى 2012.09.20 , 12:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا بۇنداق ئىنكاسلا جىققۇ!!!:mrgreen:
    بۇتىمىدا مىنى ئەڭ جەلپ قىغان سۆز (ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ دۆلىتىمىز كىنولىرىدىن يىراق تۇرۇڭ!)مۇشۇ سۆز!!!

    • قاراخان 2012.09.20 , 15:58

      http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=269&extra=page%3D2تۇغرا ئادىرسى

  9. ئەلبارىس 2012.09.20 , 13:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنى بەك ياقتۇرىمەن ، فىلىم ناخشىسى Shape of my heart نى ھازىرغىچە تېلفۇنۇمنىڭ كېلىش قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن …………

  10. بۆرەيار 2012.09.20 , 14:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىروسقا رەھمەت. مەنمۇ بۇ فىلىمنى 3-4 قېتىم كۆرگەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.
    ۋەتەننىڭ دېگىنىدەك، بۇ قاتىل شۇنداق بىر قاتىل، سوغۇققان ،ساددا. لېكىن قەلبىنىڭ قاتلاملىرىدا مۇھەببەت يۇشۇرۇنغان. رولدىكى ناتالى پورتمەننىڭ شۇ يېشىدىكى ساددىلىق لىئوندا بار. بۇ ئۇلاردىكى ئوخشاشلىق.لىئونمۇ يالغۇز، ئۇ قىزمۇ ئۆيىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ۋە كىيىن ئوخشاشلا يالغۇز، يالغۇزلۇق ۋە ئوخشاش ياشتىكىلەردىكىدەك ساددىلىق ئۇلارنى بىر بىرىگە شۇنداق كۆندۈرىۋەتكەن.شۇ ساددىلىقتا بولغان شۇ ئوماق ھېسلارنى بىر بىرىگە بولغان سۆيگۈ دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھى بىر بىرىنى ئىزدەيدۇ. بىر بىرىگە شۇنداق ماس كېلىدىغاندەكلا. شۇ كىچىك چېغىڭىزدا سىزمۇ بىزمۇ مۇھەببەتنى چۈشەنمەيتۇق، شۇمتەكلەرچە مۇھەببەتلىشىشلىرىڭىز پەقەت قىزىقىش ۋە بىربىرىگە يېقىشلىق بولغاچقىلا يۈز بەرگەن، ياق دېمەڭ.
    ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئۇلارنىڭ بىرگە ئوينايدىغان ئويۇنى. ئۇستا قاتىلنىڭ يېنىدا قىزمۇ شۇنداق بەخىرامان. قاتىلمۇ تۇيۇقسىز دۇنيارىدا پەيدا بولغان بۇ قىزغا كۆنەلمەسلىكتىن گۈلىدەك ئەزىز بىلىدىغان ھالەتكە ئۆتكەن.

    ئاخىرىدا قاتىل بىردىنبىر قەدرلىك ئادىمى ۋە ئىزچىل ھەمرا بولغان گۈلىنى قوغداپ قالىدۇ،ئۆلىدۇ، قىز يالغۇز مەكتەپكە قايتدۇ. شۇنداق، كىشىلىك ھاياتمۇ سىزنى دوقمۇشلاردا ئەگۈلدۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا سىزمۇ بىزمۇ ئامالسىز، بۇ يەرلىرىنى كۆرگەندە سىز بىزنىڭ كۆڭلىمىز بىرخىل بولۇپ قالىدۇ، بارچە ھەممە پەقەت شۇ ئوماق قىزنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلانغان، گۈلمۇ قىزمۇ تايانچىسىدىن ئايرىلغان. ئەزىز گۈل تەبىئەتنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا يۈزلەنمەكچى، قىز مۇرەككەپ دۇنيانىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا يالغۇز قەدەم ئالماقچى.
    مەيلى قانداق سەۋەپلەر بولسۇن، قاراشقا ئۇلار شۇنداق ماسلاشقان ئىدى، بىزمۇ شۇنداق مەسلىگىمىز كېلىپ كۆرگەن ئىدۇق. ھەتتا ئىككىسىنىڭ ئاخىرىدا بىرگە بولۇشىنى دىلىمىزنىڭ بىريەرلىرىدىن ئىزلىدۇق. ئەپسۇس….

    ئەي ئوماق قىز، سەندىكى قايسى نۇقتا مېنى ساڭا بۇنچە مەپتۇن قىلىدىغاندۇ، ناتالى پورتمەن، ئەگەر سەن ھازىرمۇ ئاشۇ پېتىڭ تۇرغان بولساڭچۇ كاشكى، مەن چوقۇم سېنى ئىزدەپ بېرىپ قوغلىشاتتىم…

  11. ئېقىن 2012.09.20 , 17:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزگىچىكەن!
    بىراق سىزنىڭ ئادرېسنى خاتا كىرگۈزگەنلىكىڭىزنىڭ ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭدەك قىلىدۇ، بىر قاراپ باقامسىز؟
    ياكى سىز لازىملىق نەرسىڭىزنى باش بەتتىن ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ…

  12. سودىگەر 2012.09.20 , 18:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەستا مەن بىركۆرەي دىسەم چۈشمەي قويدىيا . ئارماندا قالارمەنمۇ ……..

  13. سۈرخان 2012.09.20 , 18:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=269
    خەتلىك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

  14. سۈرخان 2012.09.20 , 19:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا نېمىشقا ئادرىس توغرا كىرمەيدۇ؟ كەينىدىكى تېمىنىڭ idنۇمۇرى يۆتكەلگەندىن كېين كۆرۈنمەيدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تېما يوق دەپ ئەسكەرتىش چىقىدىكەن.

  15. تەنىخا 2012.09.21 , 01:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ ئىلانلىرىغا نىم بولدى نىمانداق سەت قىلىقسىز بىرنىمىلەرنىڭ ئىلانلىرى چىقىپ يۇرىدىغۇ مەن تىخى بالام بىلەن ئولتۇرۇپ كىرىپ قاپ تىمەن بۇيەرگە ھەي………… ئىسىت پۇل ئۇچۇنمۇ

    • ۋىروس 2012.09.21 , 10:49

      ئېلان ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىىڭىز، شۇ ئېلاننى چەكلىۋىتەيلى … خاتا چۈشەنمەڭ بىز تېخى پۇل ئۈچۈن ئۇنداق ئېلان قويغۇدەك ھالدا ئەمەس .

  16. ئەل ئۇمۇت 2012.09.21 , 08:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كاساپەتنىڭ كىنولىرىنىڭ ھەممىسىنى بەك چوڭ سۇپەت ئىشلەپ قويۇدۇ جۇما

  17. سەيياھ 2012.09.21 , 23:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ياقتۇرىدىغان كىنونى ھەممەيلەن ياقتۇرامدۇ نىمە ؟ :roll:

  18. بودەك 2012.09.22 , 13:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىر كورۇپ چىقتىم، ھەقىقەتەن بىر كورۇشكە ئەرزىگۇدەك كىنوكەن،

  19. بەگ 2012.09.22 , 23:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونى مەنمۇ كۆگىنوي باللا، ئەمما مايەدىكى ئىنكاسلا قىززىپتا جۇما، نېمدا ئۇزۇن ئىنكاسلا بۇ:evil:

  20. شىرتىكىن 2012.10.05 , 22:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە بۇ كىنونىڭ 16گىگابايىتلىقى بار!!كۆرسەڭلىمۇ ماندىغىنى بىر كۆرەپ بىقىڭلار؟!!؟ئۇرۇقىنى يوللاپ قوياي!!

  21. موگو 2013.08.20 , 20:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ دۆلىتىمىز كىنولىرىدىن يىراق تۇرۇڭ

  22. مىسران 2015.01.13 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماقۇل سۆزلەپ قوياي، مەن بۇ فىلىمنىڭ 1080 لىك، تامغىسىز نۇسخىسىنى خاتىرەمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. نۇرغۇن يەرلىرىنى نەچچە قېتىم كۆردۈم. ھەممىدىن Gary oldman نىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان رول ئېلىش سەنئىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم، مېنىڭچە بۇ ئادەمگە مۇشۇنداقراق گەۋدىلىك رول كۆپ ئۇچرىمىدى. نۇرغۇن ئارتىسلار چىرايىغا، گۇمپىسىغا ياكى مەلۇم بىر جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە تايىنىدۇ، ئەمما بۇ كىشىگە ئوخشاش رول ئالالايدىغانلار كۆپ ئەمەس.
    قاتىل بىلەن قىزنىڭ «چوڭلار» ۋە «كىچىكلەر» توغرىسىدىكى پاراڭلىرى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. گەپنى ئاز قىلاي. بۇ ھەقىقەتەن ئىسىل فىلىم.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量