يېپيېڭى يازمىلار:
باش بەت ئالدىنقى بەت 77787980818283848586(جەمئىي 86 بەت)
بۇ بولسا بىر يۈرۈش ئىنتايىن نەپس ياسالغان iPhone پروگرامما ئايكونلىرى بولۇپ، Northstar دەپ ئاتىلىدۇ. جەمئىي 44 دانە بولۇپ، بۇ ئايكونلارنى تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بېزەشتە ياكى باشقا ھەرقانداق پروگرامما قوللىنىشىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئايكونلارنىڭ بېزىلىشى ئالاھىدە سۈزۈك.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چارچىغىنىمىزدا مۇڭلۇق ناخشىلار نى قويۇپ قويۇپ ھوزۇرلىنىشمۇ كىشىگە بىر ئاز ئارامبەخش ئېتىدۇ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندا توردىن ئۇچرىتىپ قالغان بىر قىسىم ناخشىلارنى يوللاپ قوياي، بەلكىم بىر قىسىم تورداشلارغا ياراپ قېلىشى مۇمكىن.
كومپيۇتېر ئېكرانى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(قۇرۇق گەپ، ئېكران بولمىسا قانداقمۇ كومپيۇتېر دېگىلى بولىدۇ؟)، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. شۇڭا سۈپىتى ياخشى بولغان بىر دانە ئېكران تاللاش ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش. ئەمما بىر قەدەر …..
ئەنگىلىيە Google ئەترىتى يېقىندا ئۇزۇنلىقى 4 يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا كېلىدىغان بىر يۈرۈش Google تەشۋىقات ئېلانى ئىشلىگەن، سۈرئەت، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، ئۇسلۇب قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن Chrome نىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، پۈتكۈل ئېلاننىڭ ئىجادىيلىق تەرىپى ئىنتايىن روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
بۇ QQ ئىپادىلىرى QQ نىڭ ئەسلىدىكى چىراي ئىپادىلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ھەر قايسى چىراي ئىپادىلەرنىڭ يۈزى تۆت بۇرجەكلا، ئادەمگە ئاجايىپ تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇرۇن بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاساسەن يىغىپ بولدۇم، ياقتۇرىدىغانلار چۈشىرىۋېلىڭلار.
Directx بولسا 3D ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن بىر تۈرلۈك زۆرۈر قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا سىز ئەڭ يېڭى 3D ئويۇنلارنى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ھەۋەسكارى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Directx بولىقىنى قاچىلاش ئارقىلىق، ئويۇن ئويناش ۋە قاچىلاش جەريانىدا يولۇقىدىغان ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنالايسىز.
ئالدىراشچىلىقتا مەنبەنى ككرمەپتىمەن ، كەچۈرسىلەر ، يۇقارقى ئىنكاسىمنى ئۆچۈرسەڭلار بولىدۇ !